مۇسۇلمانلار

چۈشنەلمىدىم

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 – ۋە 24 – ئايەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل.
(ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ).
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول – قانات بولغىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە قانداق تەربىيىلىگەن بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق مەرھەمەت قىلغىن!»- (ئىسرا 17/23-24).
بۇ ئايەتلەر، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز بۇ ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى ھەقلىرىنى ئاسانلا چۈشىنەلەيمىز:
1- ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە ئائىلىسىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.
ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى قەزا كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى «ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار» دېگەن جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2- ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.
3- ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.
4- ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.
5- ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.
6- ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز لازىم.
7- ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش
ئەسكەرتىش: ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا خىلاپ كەلمەسلىكى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي،بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد؛ مۇسنەد ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
8- باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن.- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم.
9- ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تەئالاغا دۇئا قىلىش.
11- ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش.
12- ئۇلارنىڭ دوست – يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
بۇلار، يۇقارقى ئايەتلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلاردۇر. بۇلار، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرىدۇر. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىشىمىز پەرزدۇر. بۇلارنى تۆۋەندىكى ئايەت – ھەدىسلەرمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن»- (لوقمان سۈرىسى 14- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئاتىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغىچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزاربولسۇن! خاروزار بولسۇن!»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر