مۇسۇلمانلار

ئۈزۈكنى قايسى قولۇمغا سالىمەن؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! سىز نېمانداق ئادەم؟ قوللىرىڭىزغا ئۈزۈك تاقاش شۇنچە مۇھىم بولۇپ كەتكەنمۇ؟ سىزنىڭ سورايدىغان باشقا دىنى مەسىلىڭىز يوقمۇ؟ مەن بۇ سوئالنى، سىزنى چاقچاق قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ بىرقانچە قېتىم ئۆچۈرۈۋەتتىم. ئاخىرى ئۆچۈرۈپمۇ بولالمىدىم. چۈنكى بۇ سوئالنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇ قەدەر سورىدىڭىزكى بىرىنى ئۆچۈرۈپ ياكى تەستىقلاپ بولغۇچە يەنە ئەينى سوئالنى يوللايسىز! بۇ ئۆزىڭىزنىمۇ كۆزىڭىزگە ئىلمىگەنلىكىڭىز بولىدۇ، بۇرادەر.

سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، زىبۇزىننەتنى ئەسلىدە قىز ـ ئاياللار تاقايدۇ. زۇخرۇف سۈرىسىنىڭ 18 ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ھەدىس كىتابلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دەپ نەقىش ئويۇلغان بىر ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ بۇنداق ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغانلىقىنى كۆرۈپ قولىدىكى ئۈزۈكىنى ئېتىۋاتقانلىقى ۋە: «بۇنى ھېچ تاقىمايمەن» دېگەنلىكى، كېيىن كۈمۈش ئۈزۈك تاقىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ كۈمۈش ئۈزۈك تاقىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. (ئەسكەرتىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزۈكى، مۆھۈرى ئىدى).

بۇنىڭدىن ئالىملار ئەرلەرنىڭ كۈمۈش ئۈزۈك تاقىشىنىڭ رۇخسەت قىلىنغان بىر ئىش (مۇباھ) ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ. لېكىن يۇقىرىدىكى ئايەتتە زىبۇزىننەتنى قىز (ئايال) لار نىڭ تاقايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئەمدى سىز ئۈزۈك تاقامسىز، ئۈزۈك تاقىمامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى! لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى: ئادەتتە ئەرلەردىن قوللىرىغا ئۈزۈك تاقايدىغان، بويۇنلىرىغا ھەر خىل زەنجىرلەرنى سېلىۋالىدىغانلار «تولغاپ ماڭىدىغان» ، «چىمدىپ قوپىدىغان»، قىسقىسى ئەرلىك مىجەزىدە ئاز ـ تولا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ قالغان كىشىلەردۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر