مۇسۇلمانلار

10 ئىلاھى پەرمان

ئاللاھ تائالا:
«قُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ مِنْ إِمْلَاقٍ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ وَلَا تَقْرَبُوا الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ذَلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ (151)وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّى يَبْلُغَ أَشُدَّهُ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَى وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ذَلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ (152) وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ذَلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ (153)»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!
يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلىشىڭلار. كەمچەننى ۋە مىزاننى تولۇق ئادىللىق بىلەن تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز سۆزلىگەن چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر.
مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇ باشقا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. ساقلانغايسىلەر[1]»- ئەنئام 6/151-153.

[1]– يەنى بۇ ئىلاھىي پەرمانلارنى تۇتۇپ ئاللاھنىڭ غەزەبى ۋە ئازابىدىن ساقلانغايسىلەر!

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر