مۇسۇلمانلار

تەھەججۇد ئوقۇش پەرزمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
سوئال:
تەھەججۇد نامىزى توغۇرلۇق تەلىم بەرگەن بولسىڭىز؟ تەھەججۇد نامىزىنى قانداق ئۇقۇيمىز؟ قانچە رەكئەت ئوقۇيمىز؟ قانداق ۋاقىتتا ئۇقۇيمىز؟ ئاللاھ قىلغان ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن. تۈۋەنچىلىك بىلەن: ئەبۇ تالىپ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب
تەھەججۇد نامىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز، بىز ئۇممەتكە سۈننەتتۇر.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«نامازنى كۈندۈزى كۈن قايرىلغاندىن تارتىپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئوقۇغىن. سەھەر ۋاقتىنىڭ نامىزىنىمۇ ئوقۇغىن، چۈنكى سەھەر ۋاقتىنىڭ نامىزىغا كېچىنىڭ ۋە كۈندۈزنىڭ پەرىشتىلىرى ھازىر بولىدۇ.
كېچىنىڭ بىر قىسمىدا قۇرئان ئوقۇپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئويغانغىن. بۇ، (يەنى كېچە نامىزى) ساڭا مەخسۇس بىر ئىبادەتتۇر…»- ئىسرا 17/78- ۋە 79- ئايەتلەر.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ بىرىنچىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، ئىككىنچى ئايەتتە، ئۇنى كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە «نافىلەتەن لەكە (بۇ، ساڭا مەخسۇس بىر ئىبادەتتۇر)» سۆزى بىلەن بىرىنچى ئايەتتە بۇيرۇلغان بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگىمۇ پەرز ئىكەنلىكىنى، كېچە نامىزى (تەھەججۇد) نىڭ بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىلا پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازنى، رامىزان كېچىلىرىدە بولسۇن، باشقا ئاينىڭ كېچىلىرىدە بولسۇن 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.- بۇخارى، تەراۋىھ 1، تەھەججۇد 3؛ مۇسلىم، سەلاتۇلمۇسافىرىن 125؛ تىرمىزى، سەلات 208؛ نەسەئى، قىيامۇل لەيل 36؛ مۇۋەتتا، سەلاتۇل لەيل 3؛ مۇسنەد ئەھمەد، 6/36، 73، 104.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ نامازنى 7 رەكئەت، 9 رەكئەت، 11 رەكئەت ۋە 13 رەكئەت ئوقۇيدىغانلىقىنىمۇ رىۋايەت قىلىدۇ. لېكىن 13 رەكئەت ئوقۇغان چېغىدا بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتىر ۋە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.- بۇخارى، كىتابۇتتەھەججۇد 10.
خۇلاسە:
ئا- تەھەججۇد نامىزى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پەرز، ئۈممىتىگە سۈننەتتۇر. رەكئەت سانى ۋىتىر بىلەن قوشۇپ ئەڭ ئارتۇق بولغاندا 11 رەكئەتتۇر.
ئە- تەھەججۇدنىڭ ۋاقتى خۇپتەندىن كېيىن تاڭ يورۇغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتۇر. لېكىن ئوقۇلغان نامازنىڭ «تەھەججۇد نامىزى» بولۇشى ئۈچۈن خۇپتەندىن كېيىن بىر مۇددەت ئۇخلاپ ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ، ئاندىن ئوقۇش لازىم. چۈنكى بۇ نامازنىڭ «تەھەججۇد» دېگەن ئىسمى كېچىسى ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ئوقۇلىدىغان ناماز، دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
ئاللاھ تەئالا تەقۋادارلارنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلىگۈچىلەردۇر»- ئال ئىمران 3/17،
«ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى»- زارىيات 51/18.
بۇ ئايەتلەردىكى «سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەش» ۋىتىردا ئوقۇلىدىغان قۇنۇت دۇئاسىغا ئىشارەت قىلىدۇ. قۇنۇت دۇئاسىنىڭ سەھەرلەردە قىلىنىشى ۋە بۇ دۇئا ئوقۇلىدىغان ۋىتىر نامىزنىڭ تەھەججۇد نامىزنىڭ ئاخىرىدىكى تاق رەكئەت ئىكەنلىكى، تەھەججۇد نامىزىنىڭ، قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى تاق رەكئىتىنىڭ كېچىنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنقى قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بىر ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندىكى ۋاقىتقا سەھەر دېيىلىدۇ.- لىسانۇل ئەرەب، ئەسسىھاھ فىللۇغە، ئەلقامۇسۇل مۇھىت، مۇئجەمۇ مەقايىسىل لۇغە.
ب- تەھەججۇدنى مەسچىت–جامەلەردە جامائەت بولۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆيدە يالغۇز ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامىزىنى مەسچەتتە ئۆزىگە ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا «قىلمىشىڭلارنى بىلدىم، ئى ئىنسانلار! بۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ نامازنى ئۆيۈڭلاردا ئوقۇڭلار. چۈنكى كىشىنىڭ پەرز نامازدىن باشقا نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇغىنى ئەۋزەلدۇر» دېگەن.- بۇخارى، ئەزان 81.
پ- ئەر–ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ، رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرى بولسۇن، باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرى بولسۇن ھەر كېچە ئورنىدىن تۇرۇپ ۋىتىر بىلەن قوشۇپ 7 رەكئەت، 9 رەكئەت، ئارتۇق بولغاندا 11 رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشى سۈننەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئوقۇشى پەرز بولغان تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇشقا پۈتۈن ئۈممەتنى تەشۋىق قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر