مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 4

 ئا- ئاللاھ بىلەن ئالدىنىش
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ. وَإِنْ يُكَذِّبُوكَ فَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ. يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ. إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ. الَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ كَبِيرٌ»
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھدىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئۇ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بۇ مۇشرىكلار سېنى يالغانچى دېسە، بىلگىنكى، سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتمىسۇن ۋە ئالدامچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن.
شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ.
كاپىرلار[]بارغۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كاتتا ئەجىر بېرىلىدۇ»- فاتىر 35/3-7.
«قُلْ أَرَأَيْتُمْ شُرَكَاءَكُمُ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ أَمْ آَتَيْنَاهُمْ كِتَابًا فَهُمْ عَلَى بَيِّنَةٍ مِنْهُ بَلْ إِنْ يَعِدُ الظَّالِمُونَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا إِلَّا غُرُورًا»
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارغا بىر قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرستىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ۋە ياكى ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ كىتابتىكى دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟› ياق، ئۇ زالىملار بىر-بىرىنى پەقەت يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئالدايدۇ»- فاتىر 35/40.
«يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَا يَجْزِي وَالِدٌ عَنْ وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَنْ وَالِدِهِ شَيْئًا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُمْ بِاللَّهِ الْغَرُورُ»
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالا ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالداپ كەتمىسۇن ۋە ئالدامچى شەيتان سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن»- لۇقمان 31/33.
ئاللاھ بىلەن ئالدىنىشنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك شەكىللىرى بار:
1- ئاللاھ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش
ئىلگىرى دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھەرقانداق ئىنسان ئاللاھقا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ ئىشىنىشىنى بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ. خۇداسىز دەپ ئاتىلىدىغان ئاتېئىستلارمۇ شۇنداق. ئۆز تەڭرىسىنىڭ ئىسمىنى مەيلى تەبىئەت تەڭرىسى، مەيلى ئاسمان تەڭرىسى ياكى باشقا نېمە دېسە دېسۇن ئاللاھنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن خۇداسىزلىق دەۋاسى قىلىدىغان كىشى، دادىسىنى تونۇماس بولۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا دادىسىدىن ياردەم سورىغاندەك، بۇمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ئاللاھدىن ياردەم تىلەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بېرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ئەمىر بېرىشىنى خالىمايدۇ. بۇ خىل ئىنسانلار پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدۇ.  ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيُرِيدُونَ أَنْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍ وَيُرِيدُونَ أَنْ يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَلِكَ سَبِيلًا. أُولَئِكَ هُمُ الْكَافِرُونَ حَقًّا وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا. وَالَّذِينَ آَمَنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَمْ يُفَرِّقُوا بَيْنَ أَحَدٍ مِنْهُمْ أُولَئِكَ سَوْفَ يُؤْتِيهِمْ أُجُورَهُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە كاپىر بولغان، ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەكچى بولغان، بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىنى ئىنكار قىلىمىز دېگەن[]، ئۇنىڭ ئارىسىدا بىر يول تۇتماقچى بولغانلار باغۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقىي كاپىرلاردۇر. بىز كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمىگەن كىشىلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»-نىسا 4/150-152.
پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىدىغان بەزىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قىسىم مۇنازىرىمىز مۇنداق:
پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدىغان كىشى: مېنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىم چەكسىز.
بايىندىر: ئاللاھقا ھەممە ئادەم ئىشىنىدۇ، بۇ ھېچكىم باش تارتمايدىغان ئىش.
پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدىغان كىشى: مەن بەزىدە ئاللاھىمغا سېغىنىمەن، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمەن، ئۇنىڭ ماڭا يار-يۆلەكتە بولۇشىنى سورايمەن. مۇشۇنداق قىلغان ۋاقتىمدا كۆڭلۈم تەسكىن تېپىپ قالىدۇ ۋە ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن.
بايىندىر: بۇنى ھەر كىشى قىلىدۇ. قىيىن بولغىنى ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش يەنى پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتۇر. سىز پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا كۆڭلىڭىز خالىغان شەكىلدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىسىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدىغان كىشى: ئەلۋەتتە شۇنداق، ھايات مېنىڭ ھاياتىم. بۇنىڭغا كىم ئارىلىشالايدۇ؟
بايىندىر: ئۇ ھاياتنى سىزگە بەرگەن ئاللاھ ئارىلىشالمامدۇ؟ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمىرلىرىنى ئېلىپ كەلگەن.
پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدىغان كىشى: ئەمما مەن بۇ ھەقتە بىر-بىرىگە زىت، ئورۇنسىز، ئاساسسىز نەرسىلەرنى ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇراپات ۋە كېيىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان نەرسىلەردۇر.
بايىندىر: توغرا ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ يولى دىننى ئەسلى مەنبەسىدىن ئۆگىنىشتۇر. دىننىڭ مەنبەسى قۇرئاندۇر. قۇرئاننى چۈشىنىپ ئوقۇپ چىقىڭ. ئەگەر سىزدە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە تولۇق قانائەت ھاسىل بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسىز.
پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدىغان كونا بىر ئاتېئىست ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئاتېئىست ئىدىم. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ دىن نامىدىن قىلغان سۆزلىرىگە قاراپ ئولتۇرغان بولسام دىنسىز قالغان بولاتتىم. مەن بىر دوختۇر، بىر كۈنى قۇرئاننى ئالدىم ۋە تەكشۈرۈپ چىقتىم. مەقسىتىم قۇرئاننىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ كىتابى بولۇپ بولمىغانلىقىنى بىلىش ئىدى. مەن قۇرئاندا مېدىتسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ بالىنىڭ ئانا رەھمىدە (بالىياتقۇسىدا) بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شۇنداق مەلۇماتلارنى ئۇچراتتىمكى، ئۇلارنىڭ ئۇ دەۋردە بىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يەنە باشقا نەرسىلەرنى كۆردۈم ۋە قەتئىي بىر شەكىلدە تونۇپ يەتتىمكى، بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. مەن ئەنە شۇ چاغدا مۇسۇلمان بولدۇم.
بايىندىر: مانا مۇشۇنداق قىلىش لازىم. باشقىلارغا قاراپ ئەمەس، تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر قارارغا كېلىش كېرەك. بۇنىڭ بولمىسا بولمايدىغان شەرتى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىپ ئوقۇشتۇر، ئۇنى تەتقىق قىلىشتۇر.
2- مەسئۇلىيەتنى ئاللاھقا ئىتتىرىپ قويۇش
نۇرغۇن ئىنسانلار قىلغان خاتالىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاللاھقا ئىتتىرىپ قويىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«سَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آَبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ شَيْءٍ كَذَلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ حَتَّى ذَاقُوا بَأْسَنَا قُلْ هَلْ عِنْدَكُمْ مِنْ عِلْمٍ فَتُخْرِجُوهُ لَنَا إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَخْرُصُونَ. قُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ»
«مۇشرىكلار: ‹ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ شېرىك كەلتۈرمەيتتى. ھەمدە ھېچبىر نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ شىددەتلىك ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر مۇشۇنداق يالغان سۆزلەشكەن ئىدى. ئېيتقىنكى: ‹يېنىڭلاردا بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈن بىر بىلىم بارمۇ؟› سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر. سىلەر پەقەتلا قۇرۇق گەپ قىلىسىلەر.
ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنىڭ كەسكىن دەلىلى بار. ئەگەر ئۇ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى ھىدايەت قىلاتتى›.»- ئەنئام 6/148-149.
ئاللاھنىڭ خالىشى يەنى ئىرادىسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى تەشرىئىي، ئىككىنچىسى تەكۋىينىي ئىرادىدۇر. تەكۋىينىي ئىرادە ئاللاھنىڭ بىر نەرسىنى يارىتىش توغرىسىدىكى ئىرادىسىدۇر. ئاللاھ تەئالا يارىتىشنى ئىرادە قىلغان نەرسىگە «بول» دەيدۇ-دە، ئۇ بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ»
«ئۇنىڭ بىر نەرسە يارىتىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدا قىلىدىغان ئىشى، ئۇ نەرسىگە ‹بول› دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ»- ياسىن 36/82.
ئاللاھنىڭ تەشرىئىي ئىرادىسى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىرادىسىدۇر. ئاللاھ ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇن-نىزاملارغا ئىنسانلارنىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ھېچكىمنى مەجبۇرلىمايدۇ. بۇ ئىرادىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىنساننىڭ غەيرىتىگە باغلىق. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ فَمَنْ شَاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَاءَ فَلْيَكْفُرْ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا وَإِنْ يَسْتَغِيثُوا يُغَاثُوا بِمَاءٍ كَالْمُهْلِ يَشْوِي الْوُجُوهَ بِئْسَ الشَّرَابُ وَسَاءَتْ مُرْتَفَقًا»
«ئېيتقىنكى: ‹بۇ ھەق رەببىڭلارنىڭ تەرىپىدىندۇر. خالىغان كىشى ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان كىشى كاپىر بولسۇن›. بىز زالىملارغا شۇنداق بىر ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇنىڭ يالقۇندىن ھاسىل بولغان تاملىرى ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئۇلار تەشنالىقتىن نالە-پەرياد قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدىغان، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان بىر سۇيۇقلۇق بىلەن ياردەم قىلىنىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان ئىچىملىك! ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»-كەھف، 18/29.
ئاللاھ تەئالا دىنغا ئىشىنىشكە ھېچكىمنى مەجبۇرلىمىغاندەك باشقىلارنىڭمۇ باشقىلارنى دىنغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن:
«وَلَوْ شَاء رَبُّكَ لآمَنَ مَن فِي الأَرْضِ كُلُّهُمْ جَمِيعاً أَفَأَنتَ تُكْرِهُ النَّاسَ حَتَّى يَكُونُواْ مُؤْمِنِينَ»
«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى، سەن ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟»- يۇنۇس 10/99.
«وَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآَيَةٍ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَى فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان بىر تۆشۈك ياكى سەن ئاسمانغا چىقالايدىغان بىر شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىر ئايەت ئەكېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولما!»-ئەنئام6/35.
ئاللاھ تائالا توغرا يولغا كىرىشنى خالىمىغان كىشىنى مەجبۇرى ھالدا توغرا يولغا كىرگۈزمەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
« إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ»
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»-مائىدە 5/67.
«وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ»
«ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»-تەۋبە 9/109.
«وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ»
«ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»-تەۋبە 9/24.
ئاللاھ پەقەت توغرا يولدا مېڭىشنى خالىغانلارنىلا ھىدايەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلاَّ بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ فَيُضِلُّ اللّهُ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ»
 « بىز ھەر رەسۇلنى ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەۋەتتۇق، بۇنى ئۇ رەسۇلنىڭ ئۇ قەۋمگە بايان قىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ. خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئۇ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»-ئىبراھىم 14/4.
ھىدايەت تېپىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىشىگە باغلىق. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ اللّهَ يُضِلُّ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ»
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىنى گۇمراھلىقتا تاشلاپ قويىدۇ، ئۆزىگە يۈزلەنگەن كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ»-رەئد 14/27.
ياخشىلىقى چەكسىز ئاللاھ توغرا يولغا كىرگەندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن بىر بەندىسدىنى ئاگاھلاندۇرماستىن ئۇنىڭ توغرا يولدىن ئايرىلغانلىقىنى تەستىقلىمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُضِلَّ قَوْماً بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّى يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَ»
 «ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇمراھ قىلمايدۇ» -تەۋبە 9/15.
ئېزىپ كەتكەنلەر ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا دىققەت قىلمىغانلاردۇر. بۇنداق بىر جەمئىيەت ئالدى بىلەن بىر باياشاتلىققا ئېرىشىدۇ، ئاندىن ھېچ ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا جازالىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَلَمَّا نَسُواْ مَا ذُكِّرُواْ بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّى إِذَا فَرِحُواْ بِمَا أُوتُواْ أَخَذْنَاهُم بَغْتَةً فَإِذَا هُم مُّبْلِسُونَ»
«ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن خۇشال–خۇرام تۇرغاندا تۇيۇقسىز ھەسرەتتە قالدى»-ئەنئام 6/44.
ئاللاھ ئاگاھلاندۇرۇلمىغان بىر خەلقنى جازالىمايدۇ. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنادق دەيدۇ:
«مَّنِ اهْتَدَى فَإِنَّمَا يَهْتَدي لِنَفْسِهِ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا وَلاَ تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَى وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولا»
«كىم توغرا يولغا كەلسە پايدىسى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ، كىم ئېزىپ كەتسە زىيىنى پەقەت ئۆزىگىلا بولىدۇ. ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بىز ئەلچى ئەۋەتمەي تۇرۇپ جازالىمايمىز»-ئىسرا 17/15.
3- خاتا تەۋەككۈل
تەۋەككۈل، بىر ئىشتا ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇ ئىشنى باشقىسىغا تاشلاپ قويۇش دېمەكتۇر[]. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش بولسا، بىر ئىشتا قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن چارە- ئۇسۇللارنى قىلىپ، قالغىنىنى ئاللاھقا تاشلاپ قويۇش دېگەن بولىدۇ. لېكىن تەۋەككۇل زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن «ئۆزىنى چارچاتماستىن ئىشنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىپ قويۇش» دەپ خاتا چۈشىنىلگەن. بەزى ئايەتلەر مۇشۇنداق پاسسىپ چۈشەنچىلەرنى ئاساس قىلىپ ئىزاھلانغانلىقتىن، ئايەتلەردە ھورۇنلۇققا مايىل، تەرەققىياتقا يۈزلىنىشتىن يىراق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئاللاھقا ئىتتىرىپ قويىدىغان بىر خىل ھەرىكەت شەكلى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ھالبۇكى، ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم، 53/39.
«فَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آَتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآَخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ. وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ رَبَّنَا آَتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآَخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ. أُولَئِكَ لَهُمْ نَصِيبٌ مِمَّا كَسَبُوا وَاللَّهُ سَرِيعُ الْحِسَابِ»
«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن› دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدۇ.
ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخىشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن› دەيدۇ.
ئەنە شۇنداق دېگەنلەر بارغۇ، ئۇلارغا قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى بەك تېزدۇر»-بەقەرە 2/200-202.
دېمەك، دۇنيالىق نېسىۋە ئىزدەيدىغانلارمۇ، دۇنيا-ئاخىرەتلىك نېسىۋە كۆزلەيدىغانلارمۇ ئوخشاشلا ئىشلىشى لازىم. ئىشلىمىگەن كىشىگە ھېچقانداق نېسىۋە يوق. غەلىبە قىلىشنىڭ ئىككى شەرتى بار: بىرى تىلىمەك، يەنە بىرى شۇ تىلەككە يېتىش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولۇش. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاءُ وَيَقْدِرُ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيراً بَصِيراً»
«شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ رىزىقنى خالىغان ۋە يېتەرلىككۈچكە ئىگە بولغان كىشى ئۈچۈن يايىدۇ. چۈنكى ئۇ بەندىلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»-ئىسرا 17/30.
يەر يۈزىدە يەيدىغان ئاش-نان ۋە ئىچىدىغان سۇ تەييار ھالەتتە مەۋجۇت ئەمەس. لېكىن ئاللاھ بۇلارغا ئېرىشىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى ياراتقان. ئۇ ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سالمىغانلار ئۇ نېمەتلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَقَدَّرَ فِيهَا أَقْوَاتَهَا فِي أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَاء لِّلسَّائِلِينَ»
«… ئاللاھ زېمىنغا ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ قانۇنلىرىنى تۆت كۈندە بېكىتتى. ئۇلار تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئوخشاش مۇساپىدىدۇر»-فۇسسىلەت 41/10.
كىم كېرەكلىك ئىشنى قىلسا ئۇ نېئمەتلەرگە ئېرىشىدۇ.
بىز ياشاۋاتقان رايوندا ئاللاھ قايسى نېمەت ۋە قايسى ئىمكانلارنى ياراتقان بولسا، بىز پەقەت شۇلارنىلا تاپالايمىز. ئاللاھ تەئالا بىزدىن ئۆزىگە مۇنداق دەپ نىدا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ:
«وَتَرْزُقُ مَن تَشَاء بِغَيْرِ حِسَابٍ»
 «سەن خالىغان[] كىشىگە ھېسابسىز رىزىق بېرىسەن»- ئال ئىمران 3/27.
ئىمكانىيەتلەر كۆپ بولسا، لېكىن يېتەرلىك كۈچىمىز بولمىسا ياكى كۈچىمىز بولغان تەقدىردىمۇ ئىشلىمىسەك ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمىز. شۇڭا كېرەكلىك كۈچنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئاندىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىكى پۈتۈن ئىمكانىيەتنى ئىشقا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇرغاقچىلىق، ھەددىدىن ئارتۇق يامغۇر ۋە يەر تەۋرەشكە ئوخشاش ئاپەتلەرگە قارشى كۈچىمىز بولمىغانلىقتىن بۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ پۈتكۈل تەدبىرلەرنى ئالغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىمىز كېرەك.
تەپسىر ۋە تەرجىمىلەردە بەزى ئايەتلەرگە ئوخشىمىغان مەنالار بېرىلىپ ئىنسانلارنىڭ «تەۋەككۈل» نى خاتا چۈشىنىشىگە يولئېچىلغان. مەسىلەن: ئىسرا سۈرىسىنىڭ يۇقىرىدا بىز تەرجىمىسىنى قىلغان 30- ئايىتى مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان:
 «إِنَّ رَبَّكَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاءُ وَيَقْدِرُ إِنَّهُ كَانَ بِعِبَادِهِ خَبِيراً بَصِيراً»
«شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزى خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، ئۆزى خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ، بەندىلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»-ئىسرا 17/30.
ئوخشاشمىغان تەرجىمىلەرنىڭ سەۋەبى، ئايەتتىكى «يشاء (خالايدۇ)» ۋە «يقدر(كۈچى يېتىدۇ)» دېگەن پېئىللەرنىڭ پائىلى (ئىگىسى) بولغان ئۈچىنچى شەخس ئالمىشىنىڭ كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاللاشتۇر. ئەرەبچىدە ئالماش ئەڭ يېقىنىنى كۆرسىتىدۇ. يىراقتىكىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن قەرىنە (قوشما دەلىل) لازىم. بۇ يەردە بۇنداق بىر قەرىنە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالماش يېقىندىكى «من (كىشى)» نى كۆرسىتىدۇ. لېكىن تەپسىر ۋە تەرجىمىلەردە ئالماشنىڭ يىراقتىكى «ئاللاھ» لەفزىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر مىسال سەبەئ سۈرىسىنىڭ 39- ئايىتىدۇر. ئۇ ئايەتنىڭ قولىمىزدىكى تەرجىمىلىرى مۇنۇ شەكىلدىدۇر:
«قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ »
«ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن رەببىم بەندىلىرىدىن خالىغىنىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغىنىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ»- سەبەئ 34/39.
ئەرەب تىلى قائىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا ئايەتنىڭ توغرا تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ:
«ئېيتقىنكى، ھەقىقەتەن رەببىم رىزىقنى بەندىلىرىدىن ئىشلىگەن ۋە كېرەكلىك كۈچكە ئىگە بولغان كىشى ئۈچۈن يايىدۇ»- سەبەئ 34/39.
4- ئاللاھنىڭ ئەپۇچانلىقى بىلەن ئالدىنىش
نۇرغۇنلىغان كىشى «ئاللاھ بىزنى نېمىشقا ئازابلايدۇ؟ ئۇ ئۆزى ياراتقان ۋە رىزىق بېرىپ باققان بەندىسىنى ئازابلامدۇ؟» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى ئالداپ يۈرىدۇ. بەزىلەر قىلغان بەزى ياخشى ئىشلىرىنىڭ ئۆزىنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىدىغالىقىنى گۇمان قىلىدۇ. بەدر ئۇرۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا ئۇلار مۇشرىك بولغانلىقلىرى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئەيىبلەشكەن ئىدى. بۇ چاغدا ئابباس: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز بولساق مەسجىدى ھەرەمنى ئىبادەتكە ئوچۇق تۇتىمىز، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىز، كەئبىنى مۇھاپىزەت قىلىمىز، ھاجىلارغا سۇ تارقىتىمىز» دېدى. بۇ ئەھۋال توغرىسىدا تۆۋەندىكى ئايەت نازىل بولدى:
«أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ الْحَاجِّ وَعِمَارَةَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ كَمَنْ آمَنَ بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَجَاهَدَ فِي سَبِيلِ اللّهِ لاَ يَسْتَوُونَ عِندَ اللّهِ وَاللّهُ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ»
«سىلەر ھاجىلارغا سۇ تارقاتقان ۋە مەسجىدى ھەرامنى ئاۋات قىلغانلارنى، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلارغا ئوخشاش دەپ قارامسىلەر؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ زالىم قەۋمنى توغرا كەلتۈرمەيدۇ»-تەۋبە، 9/19.
ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئەپۇچانلىقى بىلەن ئالدىغانلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:
«وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعاً وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِن سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَبَدَا لَهُم مِّنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ»
«ئەگەر يەر يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر ۋە ئۇنىڭ بىر ئوخشىشى زالىملارنىڭ بولسا ئىدى، ئۇلار قىيامەت كۈندىكى يامان ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ بايلىقلىرىنى ئەلۋەتتە پىديە قىلىپ بېرەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇلار ھېچ ئويلىمىغان ئازابلارنى چىقىرىدۇ»- زۇمەر 39/47.
ئاللاھ تەئالا مۇئمىنلارنىمۇ نۇرغۇنلىغان سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«الم. أَحَسِبَ النَّاسُ أَنْ يُتْرَكُوا أَنْ يَقُولُوا آَمَنَّا وَهُمْ لَا يُفْتَنُونَ. وَلَقَدْ فَتَنَّا الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ فَلَيَعْلَمَنَّ اللَّهُ الَّذِينَ صَدَقُوا وَلَيَعْلَمَنَّ الْكَاذِبِينَ. أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ أَنْ يَسْبِقُونَا سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ. مَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ اللَّهِ فَإِنَّ أَجَلَ اللَّهِ لَآَتٍ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ. وَمَنْ جَاهَدَ فَإِنَّمَا يُجَاهِدُ لِنَفْسِهِ إِنَّ اللَّهَ لَغَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ. وَالَّذِينَ آَمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَنُكَفِّرَنَّ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَحْسَنَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ»
«ئەلىف، لام، مىم. ئىنسانلار: ‹ئىمان ئېيتتۇق› دېسەك، سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارنىمۇ سىنىغان. ئاللاھ راستچىللارنى ئوبدان بىلىدۇ، يالغانچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
ياكى يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار ئاللاھدىن قېچىپ قۇتۇلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسى نېمىدېگەن يامان!
كىم ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ بەلگىلىگەن ۋاقىت چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
كىم جىھاد قىلسا، ئۆزى ئۈچۈن جىھاد قىلىدۇ. ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر.
ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بارغۇ، بىز ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى يوققا چىقىرىمىز، ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز»- ئەنكەبۇت 29/1-7.
5 – ئاللاھنىڭ كۈچى بىلەن ئالدىنىش
بەزى كىشىلەر ئاللاھ توغرىسىدا بولار-بولماس سۆزلەرنى قىلىدۇ. دەلىل سۈپىتىدە بولسا «ئاللاھنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەمدۇ؟» دەيدۇ. بۇ ھەقتە بىر تەرىقەت شەيخى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا مۇنۇ دىئالوگلار بولۇپ ئۆتكەن:
بايىندىر: مەدىنە مۇنەۋۋەردە ھاجىلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ غەيىبنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بىلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدىم. مۇرىدلىرىڭىزدىن بىر خانىم مۇنداق دېدى: «سىز ئۇنداق دېگەن بىلەن، مېنىڭ غوجام (ئىشانىم) كېچە ياتىقىمدا نەچچە قېتىم ئوڭغا، نەچچە قېتىم سولغا ئۆرۈلگەنلىكىمنىمۇ بىلىدۇ».
ئىشان: (سەكرەپ قوپۇپ) ئاللاھ بىلدۈرسە بىلەلمەمدۇ؟ ئاللاھنىڭ بۇنىڭغا كۈچى يەتمەمدۇ؟
بايىندىر: ئاللاھنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نېمە بار؟ لېكىن ئاللاھنىڭ كۈچى بىلەن دەلىل كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئاللاھ خالىسا ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى جەھەننەمگە، شەيتاننى جەننەتكە كىرگۈزەلمەمدۇ؟ ئۇنىڭ بۇنى قىلىشقا كۈچى يەتمەمدۇ؟
ئىشان: ئەلۋەتتە يېتىدۇ.
بايىندىر: لېكىن ئۇ، شەيتاننى دوزاخقا كىرگۈزىدىغانلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بولسا جەننەتتە «ماقامى مەھمۇد» دېيىلىدىغان ئەڭ ئۈستۈن ماقامغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[]. ھېچكىم ئاللاھنىڭ كۈچىنى دەلىل قىلىپ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى بىر دەۋا ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.
 ئاللاھ تەئالا
«وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُطْلِعَكُمْ عَلَى الْغَيْبِ»
 «ئاللاھ سىلەرگە غەيىبنى ھەرگىزمۇ بىلدۈرمەيدۇ» (ئال ئىمران 3/179)، دېگەن تۇرسا، كىم بۇنىڭ ئەكسىنى داۋا قىلالايدۇ؟

 


[] – يەنى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنى كۆزگە ئىلمىگەنلەر.

[] – يەنى ئاللاھقا ئىشىنىمىز، پەيغەمبەرنى تونۇمايمىز دېگەن.

[] – مۇتەرجىم ئاسىم، (فىيرۇز ئابادىينىڭ)، بەھرىيە مەتبەسى 1305، «و ك ل» ماددىسى.

[] – خالىغان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئاللاھ ياراتقان رىزىققا ئېرىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلغان، دېگەن بولىدۇ. چۈنكى «يشاء» دېگەن سۆزنىڭ مەسدىرى «شيء» دۇرر. مەنىسى بىر نەرسە قىلماقتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ «نەرسە قىلماق» بۇ يەردە ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

[]– « كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئويغۇنۇپ قۇرئان بىلەن تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغىن، بۇ ناماز ساڭا ئارتۇقچە بىر ۋەزىپىدۇر. شۇنداق قىلساڭ رەببىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان بىر ماقامغا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن»- ئىسرا 1/79.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر