مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 20

ج- سەئىد نۇرسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشارەتلەر
سەئىد نۇرسىينىڭ كۆز قارىشىچە ئايەتنىڭ بەشىنچى جۈملىسى شۇدۇر: «مَنْ يَشَاءُ» «خالىغان كىشىنى». بۇ جۈملە غايەت كىچىك بىر پەرق بىلەن رىسالەتۇننۇر مۇئەللىپىنىڭ ئىسمى بىلەن مەشھۇر بىر لەقىمىگە ماس كېلىدۇ. ئەگەر «يَشَاءُ» دىكى مۇقەددەر (پەرەز قىلىنغان) ئالماش ئاشكارا قىلىنسا، بۇ ئىپادە «مَنْ يَشَاءُهُ» بولىدۇ. ئۇ چاغدا مۇئەللىپىنىڭ لەقىمىگە تولۇق ماسلىشىدۇ[1].
بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان لەقەم «ئەلكۈردىي» دۇر. چۈنكى بۇنىڭ رەقەم قىممىتى 409 بولىدۇ. «مَنْ يَشَاءُهُ» نىڭ رەقەم قىممىتى بولسا 407 دۇر. ئۇ كۈرت بولغانلىقى ئۈچۈن لەقىمى سەئىد كۈردىيدۇر. سان ئۇدۇل كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كۇردىينىڭ بېشىغا ئېنىقلىق ئارتىكۆلى بولغان ئەلىف لام «ال» نى قوشۇشقا توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ لەقىمى ھەققىدە گەپ قىلماسلىقىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.
سەئىد نۇرسىي بۇ يەردە چوڭ بىر تىل خاتاسى سادىر قىلغان. ئۇ: «…‹يَشَاءُ› دىكى مۇقەددەر (پەرەز قىلىنغان) ئالماش ئاشكارا قىلىنسا…» دەيدۇ. ئەرەب تىلىدا مۇقەددەر ئالماشلار ئاشكارا قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئاشكارا قىلىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا «مەھزۇف» دېيىلگەن بولاتتى. «يَشَاءُ» دىكى مۇقەددەر ئالماش ئۇنىڭ فائىلى (ئىگىسى) بولغان ھۇۋە «ھو» دۇر. «مَنْ يَشَاءُهُ» دىكى ھۇ «هُ» بولسا، مەھزۇف بولغان مەفئۇل (تولدۇرغۇچى) دۇر.
سەئىد نۇرسىي سۆزىنى مۇنداق دۋاملاشتۇرىدۇ:
«مِنْ شَجَرَةٍ مُبَارَكَةٍ» «مۇبارەك بىر دەرەختىن» جۈملىسىدىكى بىرىنچى «ةٍ» ت، ئىككىنچى «ةٍ» توختاش ئورنى بولغانلىقى ئۈچۈن ھـ ھېسابلانسا ۋە «شَجَرَةٍ» دىكى تەنۋىن (ئاخىرىدا كەلگەن قوش ھەرىكەت) نۇن «ن» ھېسابلانسا، رەقەم قىممىتى 1311 بولىدۇ. بۇ رەسائىلىننۇر يازغۇچىسىنىڭ رىسالەتۇننۇرنىڭ مۇبارەك مۇقەددەس دەرىخى قۇرئاننىڭ پەلەمپەيلىرى بولغان ئەرەب تىلىنى ئوقۇشقا باشلىغان تارىخقا تولۇق ئىشارەت قىلىدۇ[2].
سەئىد نۇرسىينىڭ «تارىخچەئى ھايات» ىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ھىجرىيىنىڭ 1290- يىلى تۇغۇلغان. دېمەك، 21 يېشىدا ئەرەبچە ئوقۇشقا باشلىغان. ھالبۇكى، ئۇ 14 ياش ۋاقتىدىلا دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىملىرىدىن بولغانلىقىنى دەۋا قىلماقتىدۇر[3].
سەئىد نۇرسىي ئېيتىدۇ: «يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ» «يېغى ئوت تەگىمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. نۇر» بۇ جۈملە ئىشارەت قىلىدۇكى، رەسائىلىننۇرنىڭ مۇئەللىپىمۇ ئوتسىز يانىدۇ. ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىم تارتىشقا ۋە دەرس ئۆگىنىش قىيىنچىلىقىغا موھتاج بولماستىن ئۆزلۈكىدىن نۇرلىنىدۇ. ئالىم بولىدۇ[4].
«شۇنداق، بۇ مۆجىزىلىك جۈملىنىڭ ئۈچ ئىشارىتى بار. ئىككىسى ئېلېكتىرغا ۋە رەسائىلىننۇرغا قىلغان ئىشارەتتۇر. بۇلار بىرەر ھەقىقەتتۇر. ئۈچىنچىسى بولسا رىسالەئى نۇرنىڭ مۇئەللىپى توغرىسدىكى ئىشارەتتۇر. ئۇمۇ تامامەن ھەقىقەتتۇر. «تارىخچەئى ھايات» ىنى ئوقۇغانلار ۋە بىر يۇرتلۇقلىرى بىلىدۇكى، مەدرىسە ئۇسۇلى بويىچە، «ئىزھار» ناملىق كىتابتىن كېيىن ئون بەش يىل دەرس ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇلىدىغان كىتابلارنى، رەسائىلىننۇرنىڭ مۇئەللىپى پەقەت ئۈچ ئايدىلا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن.
ئايەتنىڭ ئۇ جۈملىسى جىفر ۋە ئەبجەد ھېسابى بويىچە ھەم ئېلېكتىرنىڭ كەشپ قىلىنىش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىقىنى، ھەم رەسائىلىننۇرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، ھەمدە مۇئەللىپىنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئىشارەت يولى بىلەن خەۋەر بەرمەكتە، شۇنداقلا يەنە بىر مۆجىزە چېقىندىسى كۆرسەتمەكتىكى: «يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ» «ياغنىڭ ئۆزى يورۇتايلا دەپ قالغان» جۈملىسىنىڭ ماقامى (ئەبجەد ھېسابى بويىچە رەقەم قىممىتى) 1279 دۇر. «وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ» «ئۇنىڭغا ئوت تەگمىسىمۇ. نۇر» بۆلۈمى بولسا، ئىككى تەنۋىن ئىككى نۇن دەپ ھېسابلانسا 1284 بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەم ئېلېكتىرنىڭ كېڭىيىشىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى، ھەم رەسائىلىننۇرنىڭ يېقىنلىقىنى، ھەم 14 يىلدىن كېيىن مۇئەللىپىنىڭ تۇغۇلۇشىنى، يەكادۇ «يَكَادُ (تاس قالىدۇ)» دېگەن مۇقەددەس كەلىمىسى بىلەن مەنەن ئىشارەت قىلماقتا.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئاجىز ۋە ئىنچىكە يىپلار بىرلەشسە مەزمۇتلىشىپ، ئۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان بىر ئارغامچا بولىدۇ. بۇ سىرغا ئاساسەن يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزكۇر ئىشارەتلىرى بىر-بىرىگە قۇۋۋەت ۋە ياردەم بېرىدۇ. ماسلىق تولۇق بولمىسىمۇ تولۇق ھۆكمىدە بولىدۇ ۋە ئىشارىتى دالالەت دەرىجىسىگە چىقىدۇ»[5].
سەئىد نۇرسىي خالىغان رەقىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جۈملىلەرنى پارچىلىغىنىدەك دىئاكرىتىك بەلگىلەرنىمۇ (زىر، زەبەر ھەرىكەتلەرنىمۇ) ھەرپ دەپ ھېسابلىغان. ئەمما بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر مەلۇمات ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. سەئىد نۇرسىي 1279 دىن 14 يىل كېيىن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ھىجرىيىنىڭ 1293- يىلى بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ شەيخۇلئىسلامغا تەقدىم قىلغان تەرجىمىھالىدىمۇ بۇ تارىخ يېزىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ «تارىخچەئى ھايات» ىدىكى 1290 دېگەن تارىخ خاتادۇر.
رىسالەئى نۇرلار باشتىن-ئاخىر يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش مەدھىيىلەر بىلەن توشۇپ كېتىگلىك. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق:
سەئىد نۇرسىي ئىستانبۇلدىكى ۋاقىتتا «كىم نېمىنى خالىسا سورىسۇن» دەپ ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئېلان چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زاماننىڭ مەشھۇر ئالىم ۋە ئەللامەلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كارۋانلار ھالىتىدە كەلگەن، ئۇنىڭدىن ھەر خىل ئىلىمگە ۋە پەرقلىق ماۋزۇلارغا دائىر ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ قېيىن سوئاللارنى سورىغان، سەئىد نۇرسىي بۇ سوئاللارغا ھېچ توختاپ قالماستىن توغرا جاۋابلارنى بەرگەن[6].
سەئىد نۇرسىي نېمىشقىدۇر يېنىغا سوئال سوراش ئۈچۈن توپ-توپ ھالدا كەلگەن ئالىم ۋە ئەللامەلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ ۋە بەرگەن جاۋابلاردىن بىر دانىسىنىڭ بولسىمۇ نېمە ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەيدۇ.
د- رىسالەئى نۇرلارنىڭ يېزىلىشغا ئىشارەتلەر
سەئىد نۇرسىي مۇنداق دەيدۇ: «باشتىكى ئايەت رىسالەئى نۇرنىڭ ئىسمىغا ئىشارەت قىلغاندەك، يېزىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش تارىخىغىمۇ تولۇق ئىشارەت قىلماقتا. ئايەتنىڭ «كَمِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ» «ئىچىدە چىراغ بولغان بىر تەكچىگە ئوخشاشتۇر. ئۇ چىراغ بىر شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر» دېگەن جۈملىسىنىڭ بېشىدا بولغان «كَمِشْكَاةٍ» دىكى تەنۋىن (قوش زىر) توختاش يېرى بولمىغانلىقتىن نۇن «ن» ھېسابلانسا، ۋە «فِي زُجَاجَةٍ» توختاش يېرى بولغانلىقتىن ئاخىردىكى «ةٍ» «ھ» دەپ ھېسابلانسا بۇلارنىڭ رەقەم قىممىتى 1349 بولىدۇ. بۇ رەقەم رەسائىلىننۇرنىڭ ئەڭ نۇرانىي پارەلىرىنىڭ يېزىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش زامانى بولغان 1349 يىلىغا تولۇق ئىشارەت قىلىدۇ.
سەئىد نۇرسىي خالىغان رەقىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەردىمۇ ئايەتنىڭ جۈملە تەركىۋىنى بۇزۇۋەتكەن. ئاندىن «ةٍ» ھەرپىنى بىر يەردە دىئاكرىتىك بەلگىسى (قوش زىرى) بىلەن بىللە 450 ھېسابلىغان بولسا، باشقا بىر يەردە 5 دەپ ھېسابلىغان.
بۇ يەردە دىققەت تارتىدىغان باشقا بىر مەسىلە شۇدۇر: ئۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى بۆلۈمنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدە «كَمِشْكَاةٍ» دېگەن كەلىمىنىڭ بېشىدىكى كاف «كَ» ھەرپىنى چىقىرىۋەتكەن ۋە پەقەتلا «مِشْكَاةٍ فِيهَا مِصْبَاحٌ» دېگەن ئىپادە ئۈستىدىن ھېساب ئېلىپ بېرىپ ئايەتنىڭ رىسالەتۇننۇرغا ئىشارەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان، «ةٍ» ھەرپىنىڭ ھەرىكىتىنى ھېسابقا قوشمىغان. يەنى سەئىد نۇرسىي بۇ يەردە ئۆزى 450 رەقەم قىممىتىگە ئىگە دەپ بەلگىلىگەن بىر ھەرپنى ئۇ يەردە 400 دەپ ھېسابلىغان، 20 قىممىتىدىكى «ك» ھەرپىنى ئېتىبارغا ئالمىغان.
سەئىد نۇرسىي سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ الزُّجَاجَةُ كَأَنَّهَا كَوْكَبٌ دُرِّيٌّ» «ئۇ چىراغ بىر شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. ئۇ شىشە خۇددى بىر گۆھەر يۇلتۇزدۇر» دېگەن جۈملىنىڭ رەقەم قىممىتى 1345 بولىدۇ. بۇ رەقەم رەسائىلىننۇرنىڭ يېيىلىش، شۆھرەت تېپىش ۋە گۈللىنىش تارىخىغا تولۇق مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى تەشدىدلىك «ر» ئىككى «ر»، تەشدىدلىك «ن» ئىككى «ن» تەشدىدلىك «ز» ئەسلى ئېتىبارى بىلەن بىر «ل» ۋە بىر «ز»، «زُجَاجَةٍ» توختاش يېرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ يەردىكى «ةٍ» «ھـ»، ئىككىنچىسى توختاش يېرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ت» ھېسابلىنىدۇ.
سەئىد نۇرسىي «الْمِصْبَاحُ فِي زُجَاجَةٍ» «ئۇ چىراغ بىر شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر» دېگەن جۈملىنى ئالدىنقى ئابزاستا باشقا بىر مەقسەتتە ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇ سۆزلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
ئەگەر تەشدىدلىك «ز» ئىككى «ز» ھېسابلانسا، ئۇ چاغدا 1322 بولىدۇ. بۇ رىسالەئىننۇر يازغۇچىسىنىڭ نۇر كىتابلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەييارلىققا باشلىغان تارىخىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ[7].
سەئىد نۇرسىي ئالدىنقى ئابزاستا تەشدىدلىك «ز» نى ئەسلى ئېتىبارى بىلەن بىر «ل» ۋە بىر «ز» ھېسابلانسا دەپ، 37 رەقەم قىممىتى بەرگەن ھەرپلەرگە، بۇ يەردە 14 رەقەم قىممىتى بېرىپ، ئۆزى خالىغان نەتىجىگە ئېرىشىشكە تىرىشقان.
ئې– رىسالەئى نۇرلارنىڭ قىممىتىگە ئىشارەتلەر
سەئىد نۇرسىي مۇنداق دەيدۇ:
قۇرئان بىلەن شۇنچىلىك مەنىلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك ماسلىق بىردەك كۆرسىتىدۇكى، بۇلار پەقەت بىر ئالامەت، بىر ئىشارەت ئەمەس، بەلكى قۇۋۋەتلىك بىر دالالەتتۇر. بەلكى قۇرئاننىڭ ھەم ئېلېكتىر بىلەن ھەمدە رەسائىلىننۇر بىلەن بولغان مەنىۋى مۇناسىۋىتىنى ئاشكارا ھالدا ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر. بۇ ئايەتنىڭ مەنىۋى ئىنچىكىلىكلىرىدىن بىرى مۇنداق: مۆجىزىلىك بىر غەيب خەۋەر بىلەن ئېلېكتىر ۋە رىسالەئى نۇر ھەققىدە خەۋەر بەرگەندەك بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش زامانلىرىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان تەرەققىياتلارنى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللىرىنىمۇ ناھايىتى گۈزەل كۆرسەتمەكتىدۇر[8].
مەسىلەن: «زَيْتُونَةٍ لَا شَرْقِيَّةٍ وَلَا غَرْبِيَّةٍ» «شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ بولمىغان زەيتۇن» جۈملىسى شۇنى ئىپادىلەيدۇ: «ئېلېكتىرنىڭ قىممەتلىك پايدىلىرى شەرقتىنمۇ غەربتىنمۇ ئىمپورت قىلىنمىغان. ئۇ يۇقىرىدىن، ھاۋا بوشلۇقىدىن، رەھمەت خەزىنىسىدىن، ئاسمانلاردىن چۈشىدۇ؛ ھەر يەرنىڭ مېلى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى باشقا يەردە ئىزدەشكە كېرەك يوق. مەنىۋى بىر ئېلېكتىر بولغان رەسائلىننۇرمۇ ئەينى شەكىلدە نە شەرقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىلىملىرىدىن، نە غەربنىڭ پەلسەپە ۋە پەن بىلىملىرىدىن كەلگەن بىر مال ياكى ئۇلاردىن ئېلىنغان بىر نۇر ئەمەستۇر. لېكىن ئۇ ساماۋىي بولغان قۇرئاننىڭ شەرق ۋە غەربنىڭ ئۈستىدە بولغان ئەرشتىكى يۈكسەك يېرىدىن ئېلىنغان»[9].
سەئىد نۇرسى ئالدى بىلەن باتىل بىر يول ئارقىلىق ئايەتتىن چىقارغان ئىشارەتلىرىنى قۇۋۋەتلىك دەلىللەر دېدى. ئاندىن مۆجىزىلىك بىر غەيب خەۋەرنى قولغان كەلتۈرگەنلىك دەۋاسى بىلەن ئېلېكتىرنىڭ ۋە ئۆز كىتابلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈردى.
ئۇ ئېلېكتىر (توك) نىڭ قانداق ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭمۇ ئەينى شەكىلدە ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرئاندىن ئەمەس، قۇرئان ئېلىنغان يەردىن، يەنى ئەرشتىن ئېلىنغانلىقىنى ئالغا سۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دەۋاسى بىز باشتا كۆرسىتىپ ئۆتكەن دەۋالىرى بىلەن بىر پۈتۈنلۈك شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە رىسالەئى نۇرلار قۇرئان ئېلىنغان يەردىن ئېلىنغان. ئۇ يەردىن ئىلگىرى ئېلىنغان قۇرئان، نورمال ھالەتتە ئۇ يېڭى كىتاب ۋە ئۇنى تەبلىغ قىلىدىغان كىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولغاچقا، سەئىد نۇرسىي خىيالىي دۇنياسىنى بۇ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان.
 ف- رىسالەئى نۇرلارنى ئوقۇغانلارغا ئىشارەتلەر
سەئىد نۇرسىي تالىپلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان بولۇپ، مەزكۇر ئايەتتىن ئۇلارغىمۇ نېسىۋە ئايرىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
ئايەتنىڭ «يَكَادُ زَيْتُهَا يُضِيءُ وَلَوْ لَمْ تَمْسَسْهُ نَارٌ نُورٌ» «يېغى ئوت تەگمىسىمۇ يورۇتايلا دەپ تۇرىدۇ. نۇر» دېگەن جۈملىسى ئىشارەت قىلىدۇكى، ھىجرىي 13- ۋە 14- ئەسىردە تورۇسقا ئېسىلغان لامپىلار ئوت تۇتاشتۇرۇلمىسىمۇ يانىدۇ، ئوت تەگمەستىن پارىلدايدۇ. ئۇنىڭ زامانى يېقىندۇر. يەنى 1280- يىلغا يېقىندۇر. بۇ جۈملە بىلەن توكنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكىگە ۋە كەلگۈسىسىگە ئىشارەت قىلىش ئارقىلىق بايانات بېرىلگەندەك، مەنىۋى بىر توك بولغان رەسالىئىننۇردا غايەت يۇقىرى ۋە چوڭقۇر بىر ئىلىم بار بولغانلىقتىن، ئوقۇش خىراجىتىگە، دەرس ئۆگىنىشكە، باشقا مۇئەللىملەردىن دەرس ئېلىشقا ۋە ئۇستازلارنىڭ ئاغزىدىن دەرس ئۆگىنىشكە ئېھتىياج قالماستىن ھەر كىشى دەرىجىسىگە كۆرە ئۇ ئالىي ئىلىملەرنى مۇشەققەت ئوتى لازىم بولماستىن بىلەلەيدۇ. ئۆزلۈكىدىن پايدىلىنالايدۇ. تەتقىقاتچى ۋە ھەقىقەتچى بىر ئىلىم ئەربابى بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ[10].
سەئىد نۇرسىي باشقا بىر يەردە مۇنداق دەيدۇ: «بىر يىل بۇ رىسالىلەرنى، بۇ دەرسلەرنى چۈشەنگەن ۋە قوبۇل قىلغان ئاساستا ئوقۇغان كىشى بۇ دەۋرنىڭ مۇھىم ۋە ھەقىقىي بىر ئالىمى بولالايدۇ. ئەگەر چۈشەنمىسىمۇ رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ بىر مەنىۋى كىشىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كىشىلىك شۈبھىسىز بۇ دەۋرنىڭ بىر ئالىمىدۇر[11].
سەئىد نۇرسىيغا نىسبەتەن رىسالەئى نۇر قۇرئاننىڭ يۈزدىن ئارتۇق تىلسىماتلىرىنى، سىرلىرىنى يەشكەن ۋە ئوتتۇرىغا چىقارغان، ئەڭ تەرسا دىنسىزلارنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ چارىسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان[12] بىر كىتابتۇر. ئۇنىڭ تىلسىم ۋە سىر دەپ ئاتىغىنى يۇقىرىدىكى ئىپادىلىرى بولسا كېرەك.
كۆپىنچە شىئەلەر ۋە رەمماللار ئىلتىجا قىلىدىغان جىفر يولى ئارقىلىق ھەرىپلەر بىلەن سانلار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بەزى ئىشارەتلەرگە ئېرىشىشكە تىرىشىش ۋە ئۇلارنى ئايەتنىڭ بىر ھۆكمىدەك كۆرسىتىش ناھايىتى ئېغىر بىر ئۇۋال ئاستىغا كىرگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُمْ بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ»
«ئەھلى كىتابتىن شۇنداق بىر پىرقىمۇ باركى، ئۆزلىرى ئويدۇرغان سۆزلەرنى تىللىرىنى ئېگىپ كىتابنى ئوقۇغاندەك ئوقۇيدۇ. ئۇلار بۇنى سىلەرنىڭ ئۇ سۆزلەرنى كىتابتىن، دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇ سۆزلەر كىتابتىن ئەمەستۇر. ئۇلار: ‹بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان› دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنمىغان. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھغا بوھتان چاپلايدۇ»- ئال ئىمران 3/78.
ئۇنىڭدىن باشقا رىسالەئى نۇرلارنىڭ ئەڭ تەرسا پەيلاسوپلارنى گەپ قىلالماس قىلىپ قويغانلىقى ۋە مىڭلارچە ئالىمنى ھەيران قالدۇرغانلىقى دەۋا قىلىنىدۇ، لېكىن بۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ كىملىكىدىن سۆز قىلىنمايدۇ[13]. كاشكى ئۇلار بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەر كىشىنىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇلارنى قايسى بىلىملىرى بىلەن مات قىلىپ تاشلاپ ھەيران قالدۇرغانلىقىنىمۇ يازغان بولسىدى، بىزگە بىر تەھلىل قىلىش ئىمكانى بېرىشكەن بولاتتى. ئۇلار ئەسلىدە ئىسىممۇ بېرىدۇ، لېكىن ئەسىرلەر ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن پەيلاسوپلارنىڭ ئىسىملىرىنى بېرىدۇ. ئۇلار دەيدۇكى: «ئەڭ مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن ئىبنى سىنا، فارابىي ۋە ئىبنى رۇشدلەرگە رىسالەئى نۇرنىڭ ئىلمىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، ئۇلار دەرھال تىزلىنىپ رىسالەئى نۇردىن دەرس ئالاتتى[14].
 
تۈگىدى
——————————————-
[1]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 832- بەت.

 [2]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 832- بەت.

  [3]– كاستامونۇ لاھىقىسى، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 1609- بەت.

  [4]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 833- بەت.

  [5]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 833- بەت.

  [6]– سەئىد نۇرسىي، سۆزلەر، سۆزلەر نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1993، 726- بەت.

  [7]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 832- بەت.

  [8]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 832- بەت.

  [9]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 833- بەت.

  [10]– شۇئالار، بىرىنچى شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 833- بەت.

  [11]– سەئىد نۇرسسىي، لەمئەلەر، 21- لەمئە، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 672- بەت.

  [12]– ئەمىرداغ لاھىقەسى، (1) مەكتۇپ نومۇرى: 24، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى 1- جىلد، 1695- بە.

  [13]– شۇئالار، 14- شۇئا، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 1- جىلد، 1037- بەت.

  [14]– سىككەئى تەسدىقى غەيبىي، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- جىلد، 2104- بەت.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر