مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 2

مۇقەددىمە
شەيتان ئاللاھ تەئالاغا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«…لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ»
«… مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن»- ئەئراف 7/16 – 17.
شەيتان ئىنساندىنمۇ بولىدۇ، جىندىنمۇ بولىدۇ[1]. ئۇ تۇزىقىنى توغرا يولنىڭ ئۈستىگە قۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تۇزىقى شېرىكتۇر. چۈنكى
«إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُأَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَذَلِكَ لِمَن يَشَاءُ»
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 34/48.
شېرىك ئورتاق قىلماق دېمەكتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، ئاللاھقا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردىن بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى باشقا بىر مەۋجۇداتتىمۇ بار دەپ قاراشتۇر. بۇ مەۋجۇداتلار كۆپىنچە ئاللاھقا يېقىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان دىنى زاتلارنىڭ ئىچىدىن تاللىنىدۇ. شەيتانلار ئۇ دىنى زاتلارنىڭ ئاللاھنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ ئالدىدا ياردەمچى، سالاچى ۋە شاپائەتچى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بويسۇنۇش لازىملىقىنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرىدۇ.
ئەقىل ۋە قۇرئان بۇ تۇزاقنىڭ ئالدىدا ئىككى چوڭ توسالغۇدۇر. شەيتانلار بۇ توسالغۇلاردىن ئۆتۈش ئۈچۈن دىننىڭ ئەقىل ئىشى ئەمەس، كۆڭۈل ئىشى ئىكەنلىكىنى ۋە قۇرئاننى ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئالدىغا ئۆزلىرى مۇقەددەس دەپ قارايدىغان باشقا كىتابلارنى قويىدۇ ۋە مۇشۇ كىتابلارنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تۇزاققا چۈشۈپ قالغانلار قۇرئانغا بولغان ھۆرمىتىنى يوقاتمايدۇ، لېكىن قۇرئاننى چۈشۈنەلمەيدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۇنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مۈجمەل بىر كىتاپ دەپ ھېسابلايدۇ. ئاندىن بۇ شەيتانلار ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان يىڭى ئىبادەت شەكىللىرىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ شۇ ئارقىلىق كۆپ ئىبادەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى توغرا يولدا ئىكەنلىكىگە تەسكىن تاپقۇزۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارمۇ ئۇ زاتلارنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ بىلىپ ئۇلارغا بەندە ۋە قۇل بولىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچلىرى يوقىلىدۇ ۋە توغرا يول بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزۈلۈپ قالىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى توغرا يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىدا دەپ ھېسابلايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «وَمَن يَعْشُ عَن ذِكْرِ الرَّحْمَنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَاناً فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ. وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ»
«كىم رەھماننىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ.
شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36 – 37.
ئاللاھ نامىدىن كەلسە- كەلمەس سۆزلەشمۇ زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر چۈشۈپ قالىدىغان تۇزاقلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقتە يا ئاللاھ تەئالانىڭ كۈچى يا چوڭلارنىڭ سۆزلىرى ۋە ياكى كىتابلاردىكى خۇراپاتلار ئاساس قىلىنىدۇ. خاتا سۆزلەپ قويماسلىق ئۈچۈن قۇرئانغا قاراش كېرەك بولغان تۇرۇقلۇق قۇرئاننى بۇ خاتالىقلارنى قوللايدىغان شەكىلدە تەپسىر قىلىش ئىشنى تاپتىن چىقىرىدۇ.
بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسەت-ياخشى مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن يولغا چىققانلار ئاسانلا چۈشۈپ قالىدىغان بۇ تۇزاقلارنى قۇرئان ئايەتلىرى نۇرىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى كۆرگەنلەرنىڭمۇ بىزنى ئەينى شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھەقىقەتنى چۈشىنىش ئاسان، قوبۇل قىلىش تەستۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُضِلَّ قَوْماً بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّى يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَ»
«ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ»- تەۋبە 9/115.
« وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُ أَلَيْسَ فِي جَهَنَّمَ مَثْوًى لِلْكَافِرِينَ. وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَا وَإِنَّ اللَّهَ لَمَعَ الْمُحْسِنِينَ»
«ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە كەلگەن ھەقنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ كاپىرلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، شۇنداق ئەمەسمۇ!
بىز ئۈچۈن جىھاد قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە يوللىرىمىزغا يېتەكلەيمىز. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- ئەنكەبۇت 29/68-69.
 
تىرىشچانلىق بىزدىن مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىن.
پروفېسسور، دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
2005- يىل ئاۋغۇست. ئىستانبۇل
كىرىش سۆز
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ»
«ئېيتقىنكى: ‹رەببىم، پەقەت مۇنۇلارنىلا ھارام قىلدى: ئاشكارا بولسۇن مەخپىي بولسۇن پۈتۈن پاھىشىلەرنى[2]، گۇناھلارنى، ناھەق تاجاۋۇز قىلىشنى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنى ۋە ئاللاھ ھەققىدە ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى سۆزلەشنى.›»-ئەئراف 7/33 .
شېرىك ئورتاق قىلماق دېمەكتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، ئاللاھقا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردىن بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى باشقا بىر مەۋجۇداتتىمۇ بار دەپ قاراپ، ئۇنى ئۇ ھەقتە ئاللاھ بىلەن ئورتاق ھېسابلىماقتۇر. بۇنى قوبۇل قىلغۇچىغا مۇشرىك دېيىلىدۇ. مۇشرىك ئۇ مەۋجۇداتنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ۋەسىلە (شېپى) قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قۇل ۋە بەندە بولىدۇ. قۇرئاننىڭ ھامان ھەر سەھىپىسىدە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاگاھلاندۇرۇشلار بار. چۈنكى بۇ كەچۈرگۈسىز بىر گۇناھتۇر.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُأَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَذَلِكَ لِمَن يَشَاءُ»
«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئاستىدىكى گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 34/48.
مۇشرىك تەۋبە قىلسا ئەپۇ قىلىنىدۇ. دەسلەپكى مۇسۇلمانلارمۇ شېرىكتىن تەۋبە قىلىپ ئىسلامغا كىرگەن ئىدى. ئۇنداقتا شېرىكتىن باشقا گۇناھلارنى قىلغان كىشى تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، تامامەن ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن.
شېرىك توغرىسىدا پەيغەمبەرلەرمۇ ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ. بَلِ اللَّهَ فَاعْبُدْ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە: ‹ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن› دەپ ۋەھىي قىلىندى. شۇڭا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىل ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بول»- زۇمەر 39/65 – 66.
پەيغەمبەرلەرمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان شېرىك مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولمىسا قىلىنغان ياخشى ئىشلارنىڭ ۋە ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى يوق بولۇپ كېتىدۇ.
 
داۋامى بار……

[1] – ئەنئام 6/112؛ ناس 114/ 6.

[2] – پاھىشە دېگەن سۆز قۇرئاندا ھەم زىنا (ئىسرا 17/32) ھەم بەچچىۋازلىق (نەمل 27/54-58) دېگەن مەنالاردا ئىشلىتىلگەن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر