مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 16

ج- ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەيدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىساللار
1) نۇرچىلار
نۇرچىلار مۇنۇ شېئىرنى ئابدۇلقادىر جەيلانىينىڭ سەككىز ئەسىر ئىلگىرى سەئىد نۇرسىيغا ئاتاپ يازغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ:
«بىزگە ئېسىل، تېۋىنغىن ھەر قورقۇنچ ھەر كۈلپەتتە،
قۇتقۇزىمەن ھەر زامان ھەر نەرسىدە ھىممەتتە.
مۇرىدىم ھېچ قورقمايدۇ مەن بولغاچقا يېنىدا،
يېقىن كەلمەس پىتنىلەر ساق قالىدۇ ئاپەتتە.
مۇرىدىمنى قوغدايمەن نەدە بولسا دۇنيانىڭ،
ياردىمىمنى سۇنىمەن مەشرىقتە ھەم مەغرىپتە»[1].
بۇ دەۋانى سەئىد نۇرسىينىڭ 23 شاگىرتى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[2]. ئۇلار بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن جەفر[3] دەپ ئاتىلىدىغان خىيالىي نەرسىلەرگە ئاساسلىنىدۇ ۋە يۇقىرىدىكى شېئىردا ئابدۇلقادىر جەيلانىينىڭ مۇنۇ مەنىنى سىر تۇتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ: «مۇرىدىم سەئىد كۇردىي روسىيەدە ئەسىر ۋاقتىدا بىدئەتچىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئاسىيانىڭ غەربىگە سۈرگۈن قىلىنغان ۋە سىبىرىيە تەرەپلىرىدىن قېچىپ، كۆپلىگەن رايونلارنى ئايلىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئەسنادا ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن ۋە دەردىگە دەرمان بولىمەن».
ئۇلار بۇ ياردەمنىڭ قانداق شەكىلدە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىشىدۇ: «شۇنداق، ھەرزىتى غەۋس ئۆزى ‹مۇرىدىم› دەپ ئاتىغان سەئىد، ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا ناھايىتى ئېغىر قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئەسىر بولۇپ ياشىغان ئۈچ يىل جەريانىدا داۋاملىق قوغدالدى. ئۇ ئۈچ-تۆت ئايلىق يولنى قاچقان ھالدا بېسىپ ئۆتتى، نۇرغۇنلىغان شەھەرلەرنى ئايلاندى، لېكىن ئۇ غەۋسنىڭ ئېيتقىنىدەك ھەمىشە قوغدالدى.
ئۇستازىمىز دەيدۇكى: مەن سەككىز-توققۇز ياش چاغلىرىمدا ناھىيىمىزدىكى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى نەقشىبەندىي تەرىقىتىگە باغلىق ئىدى ۋە بۇ يەردە غەۋسى ھىزان نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر زاتتىن مەدەت تىلەيتتى. مەن بولسام بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە ئاھالىنىڭ ئەكسىچە ‹يا غەۋسى جەيلانىي!› دەيتتىم. كىچىك بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن ياڭاقچىلىك ئاددىي بىر نەرسەم يوقاپ كەتسە ‹يا پىر! سەن ئۈچۈن پاتىھە ئوقۇيمەن. سەن مېنىڭ يوقاپ كەتكەن شۇ نەرسەمنى تاپقۇزۇپ بەر› دەيتتىم. ھەيران قالارلىق ئىش، لېكىن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇنداق شەكىلدە ھەزرىتى پىر ھىممىتى ۋە دۇئاسى بىلەن ماڭا مىڭ قېتىم ياردەم قولىنى ئۇزاتتى»[4].
بۇ ئېتىقادنىڭ قۇرئانغا زىت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەر ئىلگىرى ئوقۇلغان ئىدى. بۇ يەردە مەزكۇر ئايەتلەردىن بىرىنى نەقىل قىلىپ ئۆتىمىز. ئايەت مۇنداق:
«أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاء الْأَرْضِ أَإِلَهٌ مَّعَ اللَّهِ قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ»
«بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كىم كۆتۈرۈۋېتىدۇ؟ سىلەرنى كىم زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلىدۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!»- نەمل 27/62.
كۈچ يەتمىگەن ئىشلاردا ئاللاھدىن غەيرىيدىن ياردەم ئالغىلى بولسا، كىم ئاللاھقا سېغىنىدۇ؟ ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلِ ادْعُواْ الَّذِينَ زَعَمْتُم مِّن دُونِهِ فَلاَ يَمْلِكُونَ كَشْفَ الضُّرِّ عَنكُمْ وَلاَ تَحْوِيلاً. أُولَـئِكَ الَّذِينَ يَدْعُونَ يَبْتَغُونَ إِلَى رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ وَيَرْجُونَ رَحْمَتَهُ وَيَخَافُونَ عَذَابَهُ إِنَّ عَذَابَ رَبِّكَ كَانَ مَحْذُوراً»
«مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلار بېشىڭلاردىكى بالانى دەپئىمۇ قىلالمايدۇ، باشقا بىرىگە يۆتكەپمۇ ئاتالمايدۇ›.
ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ، رەببىنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئازابى ساقلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئازابتۇر»- ئىسرا 17/56-57.
«وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعْلِنُونَ. وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ. أَمْوَاتٌ غَيْرُ أَحْيَاءٍ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ»
«ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ. مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان كىشىلەر ھېچنېمە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆلۈكلەردۇر، تىرىكلەر ئەمەستۇر، قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇقمايدۇ»- نەھل 16/19-21.
«وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا بىر رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تۇسۇۋالالامدۇ؟›. ئېيتقىنكى: ‹ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تايانغۇچىلار ئۇنىڭغىلا تايانسۇن›»- زۇمەر 39/38.
2) فەتھۇللا گۈلەن
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە شۇ يەرنىڭ ئۆزىگە دەپنە قىلىنغان. ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىز چۈشىنەلمەيدىغان بىر ھايات بىلەن ياشىماقتىدۇر. فەتھۇللا گۈلەن ئۇنى نۇرغۇن قېتىم ياردەمگە چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ ياردەم قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دەۋالىرىدىن بىرى مۇنداق:
«ئەنقەرەدىن ئىستانبۇلغا كېلىۋاتاتتۇق… قاراتال ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا سىم–سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئۇ يەرلەردە بىر ئويمان بار ئىكەن، بىز ئۇ يەرگە يېقىنلاشقان ۋاقتىمىزدا يامغۇر شىددەت بىلەن يېغىشقا باشلىدى. بىز پەسكە چۈشكەن ۋاقتىمىزدا بولسا، ماشىنا موتۇرىغا سۇ كىرىپ كېتىپ توختاپ قالدى. بىر–ئىككى مىنۇت ئىچىدە سۇ ئۇلغىيىپ ماشىنىنى ئېقىتىشقا باشلىدى. سۇ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ بىر ئاپەت ھالىتىگە ئايلانماقتا ئىدى. بۇ شۇ دەرىجىدە بولدىكى، سۇ قىسقا بىر مۇددەتتىن كېيىن چوڭ–چوڭ يۈك ماشىنىلىرىنىمۇ كۆتۈرۈپ ئوڭ–سولغا ئىرغاڭلىتىشقا باشلىدى. ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى بىرئاز ئاچقان ئىدىم، ماشىنا ئىچىگە كىرگەن سۇ ئۈچىلىمىزنى ھۆل قىلىۋەتتى. مەن دەرھال دېرىزىنى تاقىۋەتتىم. قولىمىزدىن بىر ئىش كەلمەيتتى. چوڭ–چوڭ ئاپتوبۇس ۋە يۈك ماشىنىلىرىمۇ سۇنىڭ ئۈستىدە خۇددى سامانغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ھەتتا بەزىلىرى ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىمىزدىن ئۆتۈۋېتىپ ‹ئۆتكەن يىلى بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان كىچىك ماشىنا ئېقىپ كەتكەن ئىدى› دېيىشىپ كەيپىمىزنى ئۇچۇرۇشتى… ئەگەر ماشىنا يول بويىدىكى تۆمۈرلەرگە سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتسە…؟ ئامانەت… ئەقلىمدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇخىل پىكىرلەر ئۆتۈشكە باشلىدى.
قارىسام ناھايىتى چوڭ بىر تاختا بىز تەرەپكە ئېقىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆڭلۈمگە شۇ تاختا بىز بىلەن يول بويىدىكى تۆمۈرلەر ئوتتۇرىسىدا توختىسا، ھېچ بولمىغاندا ماشىنا يول بويىدىكى ئۇ تۆمۈرلەرگە سوقۇلماس دېگەن خىياللار كەلدى ۋە ئۇ ئەسنادا ھەمراھلىرىمغا ‹دۇئا قىلىڭلار› دېدىم. مەن بولسام ‹يا سەييىدىنا ھەمزە! يا سەييىدىنا ھەمزە!› دەپ ئۇ ئۇلۇغ روھنى بىزگە ياردەم قىلىشقا ئەۋەتسۇن دەپ جانابى ھەقكە دۇئا قىلدىم. ئۇدۇل بىزنىڭ ئۈستىمىزگە كېلىۋاتقان تاختا يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كۆزدىن غايىپ بولدى… ۋە ئاجايىپ بىر ئىش، سەلنىڭ ئېقىشى بىردىنلا ئۆزگەردى، تىزلىكىمۇ تۆۋەنلىدى… بۇ ھادىسىنىڭ گۇۋاھچىلىرى بار. بۇ ئۆزگىرىشنى ۋە تۇيۇقسىز سەلنىڭ تېزلىكىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى فىزىكىلىق بىر قائىدە بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. جانابى ھەقنىڭ ئۇ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ روھنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ بىزگە ياردەم قىلىشقا ئەۋەتكەنلىكىگە ھېچبىرىمىزنىڭ گۇمانى قالمىدى…[5].
ئۇ كىشى ھەم «يا سەييىدەنا ھەمزە! يا سەييىدەنا ھەمزە!» يەنى «خوجىمىز ھەمزە! خوجىمىز ھەمزە! مەدەت!» دەيدۇ ھەمدە «ئۇ ئۇلۇغ روھنى بىزگە ياردەم قىلىشقا ئەۋەتسۇن دەپ جانابى ھەقكە دۇئا قىلدىم» دەيدۇ.
بۇنىڭ قەيىرى ئاللاھقا دۇئا؟ ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەھلى تەھقىق (تەتقىقاتچىلار)، شەخسلەردىن مەدەت تىلەشنى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن دەپ قارايدۇ. مېنىڭ قانائىتىمچە ھەر قانداق مەسىلىدە بولغاندەك بۇ مەسىلىدىمۇ ئۆلچەمنى ياخشى بېكىتىش، ئىفرات (ھەددەدىن ئاشۇرۇۋېتىش) ۋە تەفرىت (سەل قاراش) تىن ساقلىنىش لازىم. بىزگە نىسبەتەن بۈيۈك ۋە مۇقەددەس روھلاردىن مەدەت تىلەشكە بولىدۇ. پەقەت قەلبنىڭ ئىسترېلكىسى داۋاملىق جانابى ھەقنى كۆرسىتىپ تۇرۇشى كېرەك. يەنى بۇ ئۇلۇغلارغا تەسەررۇپ نامىدىن ۋەسىلە ۋە ۋاسىتىلىكتىن باشقا بىر پاي بېرىشكە بولمايدۇ. ئەسلىدە ئۇلارنى ۋەسىلە ۋە ۋاسىتە بولۇشقا بەلگىلەيدىغىنى يەنىلا جانابى ھەقتۇر. ئۇ خالىمىسا ھېچكىمنىڭ ھېچبىر مەسىلىدە ياردەم قىلىشى ۋە بىر ئىش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ھەق تەجەللى قىلسا ھەر ئىشنى ئاسان قىلىدۇ، يارىتىدۇ، سەۋەبلىرىنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاتا قىلىدۇ… مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ روھلار جەسەت قەپىسىدىن قۇتۇلغاندا خۇددى بىر پەرىشتە ھالىتىگە كېلىدۇ… يەنە كېلىپ بۇلاردىن جانلىرىنى ئۇلۇغ، يۈكسەك بىر غايە ۋە دەۋاغا ئاتىغانلار ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارغا ئارقا تېرەك بولىدۇ ۋە ئۇلارنى قوغدايدۇ. لېكىن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك پىكىر بىرلىكى شەرتتۇر».
ئىيسانى ئاللاھ دەيدىغان كاتولىكلارمۇ ئوخشاش ئىپادىلەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىيسا ئۆزى خالىغانچە بىر ئىش قىلالمايدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى ئۆزىنى ئەۋەتكەن ئاتىدىن ئالىدۇ[6]. ھازىر ئۇ ئاتىنىڭ يېنىدا خرىستىئانلارنىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلماقتا. ئۇ ئۇلارنىڭ پايدىسىغا ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا داۋاملىق ھازىر تۇرماقتىىدۇر»[7]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُسَمًّى ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِنْ قِطْمِيرٍ. إِنْ تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ»
«ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قوشۇپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قوشۇپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ كۈننى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن بىر مۇددەتكە قەدەر ئۆز ئوربېتىسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە ئەمەس.
ئۇلارغا دۇئا قىلساڭلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ ئىجابەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى رەت قىلىدۇ. ھېچكىم ساڭا ھەر نەرسىدىن خەۋەردار زاتتەك خەۋەر بېرەلمەيدۇ»- فاتىر 35/13-14.
«قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ. قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ»
«ئېيتقىنكى: ‹سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھغا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن دۇئا قىلىسىلەر›. ئېيتقىنكى: ‹سىلەرنى پەقەت ئاللاھ ئۇلاردىن ۋە بارلىق قىيىنچىلىقلاردىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرىسىلەر›»- ئەنئام 6/63-64.
«فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ»
«ئۇلار كېمىگە چىققان چاغلىرىدا، ئاللاھقا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىدۇ. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ قويسا دەرھال شېرىك كەلتۈرىدۇ»- ئەنكەبۇت 29/65.
ھەمزىگە ئوخشاش شېھىتلارنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغانلار مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلىشىدۇ:
«وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ يُقْتَلُ فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتٌ بَلْ أَحْيَاءٌ وَلَكِنْ لَا تَشْعُرُونَ»
«ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈكلەر دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار ‹تىرىكلەردۇر. لېكىن سىلەر ھېس قىلالمايسىلەر»- بەقەرە 2/154.
ئاللاھ «سىلەر ھېس قىلالمايسىلەر» دېگەنلىكىگە قارىغاندا بىزنىڭ بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشىمىز توغرا ئەمەس. ئۇلاردىكى تىرىكلىك ئىنسانلار بىلەلەيدىغان بىر تىرىكلىك بولغان بولسا ئىدى، ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىلگەن ۋە تاغىسى ھەمزىنىڭ ۋاپاتىغا ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمىگەن بولاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمزە ۋاپات بولغاندىكى روھىي ھالىتىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇنىڭ ھەمزىگە يىغلىغانچىلىك باشقا بىر ئىشقا يىغلىغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئۇنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزدى، ئۇنىڭ باش تەرىپىگە كېلىپ توختىدى ۋە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى»[8].
ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:
«وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا بَلْ أَحْيَاءٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ. فَرِحِينَ بِمَا آَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَيَسْتَبْشِرُونَ بِالَّذِينَ لَمْ يَلْحَقُوا بِهِمْ مِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ. يَسْتَبْشِرُونَ بِنِعْمَةٍ مِنَ اللَّهِ وَفَضْلٍ وَأَنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُؤْمِنِينَ»
«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ‹ئۆلۈكلەر› دەپ ئويلىما! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا تىرىكلەردۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر،
ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر، ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەن مۇجاھىدلارغا: ‹سىلەرگە قورقۇنچمۇ يوقتۇر، غەم-قايغۇمۇ يوقتۇر› دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئۇلار يەنە ئۇ مۇجاھىدلارغا ئاللاھنىڭ نېمىتى، پەزلى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ»- ئال ئىمران 3/169–171.
بىز مەزكۇر ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «لېكىن سىلەر ھېس قىلالمايسىلەر» دېگەن ھۆكۈمنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ۋە ياخشى مۇئمىنلارنىڭ ئۇلارنىڭ تىرىكلىكىنى بىلگەنلىكىنى پەرەز قىلايلى. بۇ ئەھۋالدا بىلىنىدىغان نەرسە ئۇ شېھىتلەرنىڭ نېمەتلەر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىدۇر، خالاس. بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلارغا ياردەم قىلىشىغا دەلىل بولالمايدۇ. ئۇلاردىن ياردەم تىلىگەنلەرنىڭ ئەھۋالى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغاندىن ئەھۋالدىن باشقىسى ئەمەس:
«وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ»
«ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر»- ئەھقاف 46/5.
مەككە مۇشرىكلىرىمۇ ئۆزلىرى تەڭرىلىرىدە بار دەپ قارىغان كۈچنى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى:
«لَبَّيْكَ لاَ شَرِيْكَ لَكَ إِلاَّ شَرِيْكٌ ھُوَ لَكَ تمَلِكُهُ وَ مَا مَلَكَ»
«لەببەيك لا شەرىيكە لەك ئىللا شەرىكەن ھۇۋە لەك تەملىكۇھۇ ۋە ما مەلەك»
«خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەتلا بىر شېرىكىڭ بار، ئۇ ۋە ئۇ ئىگە بولغان ھەممە نەرسە سېنىڭ ئىلكىڭدە ئى ئاللاھ!»
بۇ ئۇلارنىڭ دەلىسىز بىر دەۋاسى ئىدى. بۇنى بىزگە نەقىل قىلغان ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار «لەببەيك لا شەرىيكە لەك- خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى[9].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ. فَذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن، زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ سىلەرنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيىتىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ پۈتۈن ئىشلارنى ئىدارە قىلىۋاتقان كىمدۇر؟› ئۇلار چوقۇم ‹ئاللاھتۇر› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇنداقتا قورقمامسىلەر؟
ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»- يۇنۇس 10/31-32.
بىزنى مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىگەن كىشىلەر باشقۇرىدۇ. مەسىلەن: ۋالىي دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەزىلەر ئۆزىلىرى ئاللاھقا يېقىن كۆرگەن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ بەلگىلەپ ھوقۇق بەرگەن كىشىلەر دەپ قارايدۇ. قولىدا خىزمەتكە تەيىنلەنگەن بەلگىسى بولمىغان كىشىنى ۋالىي ھېسابلاش مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قارشى قانداق ئىسيانكارلىق ھېسابلانسا، ئاللاھ بەرگەن بىر بەلگىە ئاساسلانماستىن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھقا ئائىت خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قاراشمۇ ئاللاھقا قارشى شۇنداق ئىسيانكارلىق ھېسابلىنىدۇ.
ھەمزىنى، ئابدۇلقادىر جەيلانىينى ياكى باشقا بىرىنى ياردەم قىلىشقا چاقىرغانلار بىلەن زامان-زامان ئوتتۇرىمىزدا تۆۋەندىكىدەك مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. بىر قېتىملىق مۇنازىرىمىز مۇنداق:
– ئۇلار سىلەرنى تونۇمدۇ؟
– ئاللاھ تونۇتالمامدۇ؟
– ئۇلار سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىيالامدۇ؟
– ئاللاھ ئاڭلىتالمامدۇ؟
– ئۇلار تىلىڭلارنى بىلەمدۇ؟
– ئاللاھ ئۆگىتەلمەمدۇ؟
– خوش، ئۇلار ئۆلمىگەنمۇ؟
– ئۇلار ئۆلمەيدۇ دېسەم، يۇقىرىدا سەن ئوقۇغان ئايەتكە ئاساسەن بۇنىڭ بىر پايدىسى يوق.
– دېمەك، ئاللاھ تائالا ئالدى بىلەن ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن سىلەرنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىدۇ، ئاۋازىڭلارنى ئىشتتۈرىدۇ، تىلىڭلارنى ئۆگىتىدۇ ۋە سۆزۈڭلارنى چۈشىنىشلىرىنى تەمىن قىلىدۇ. ئاخىرىدا سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ۋەسىلە بولۇشىغا، ئۆزىنىڭ ئالدىدا سىلەرنى ئاقلىشىغا يول قويىدۇ. سىلەرچە ئون مىڭلارچە كىشى ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئۇ كاتتا زاتلارغا ئىلتىجا قىلماقتا ۋە ئۇلاردىن ياردەم تىلىمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەردىنى بىر بىرلەپ ئاڭلىشى ۋە رەتلەپ چىقىشى لازىم. بۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى پەقەت خىيال دۇنياسىدىلا مۇمكىن!
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ. أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا أَمْ لَهُمْ آَذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ. إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ. وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ»
«شۈبھىسىزكى، سىلەر ئاللاھ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ئوخشاش بەندىلەردۇر. ئەگەر راستچىل بولساڭلار ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ باقسۇن.
ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئىشىتىدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: ‹شېرىكلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن كېيىن ماڭا سۇيقەست قىلىڭلار، ماڭا پۇرسەت بەرمەڭلار›.
شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىگەم بۇ كىتابنى نازىل قىلغان ئاللاھدۇر. ئۇ ياخشىلارنى دوست تۇتىدۇ.
سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ»- ئەئراف 7/194-197.
3) ماھمۇت غوجا[10]
بۇ زات بىلەن ئوتتۇرىمىزدا مۇنداق بىر دىيالوگ بولۇپ ئۆتكەن ئىدى:
ماھمۇت غوجا: سىز نېمە دېسىڭىز دەۋېرىڭ، بىز ئەۋلىيالارنىڭ ۋە بۈيۈك ماشايىخلارنىڭ روھلىرىنىڭ ئاللاھ بىلەن بەندىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇلارنىڭ روھلىرىدىن مەدەت تىلەيمىز ياردەم سورايمىز.
      بايىندىر: خوش، ئۇنداقتا «وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ (بىز پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز)» دېگەن ئايەت نەدە قالدى؟ بۇ ئايەتنى ھەر كۈنى نامازدا ئەڭ ئاز بولغاندا قېرىق قېتىم ئوقۇيمىز. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ؟
ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ»
«شۈبھىسىزكى، ئىنساننى بىز ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز»- قاف 50/16.
ئاللاھ بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن تۇرسا، ئەۋلىيالارنىڭ ۋە ماشايىخلارنىڭ روھلىرى قەيەردە بوشلۇق تېپىپ ئارىغا كىرىدۇ؟
ماھمۇت غوجا:    ئابدۇلقادىر جەيلانىي ھەزرەتلىرى بىر شېئىرىدا دەيدۇكى:
«مۇرىدىمنى قوغدايمەن نەدە بولسا دۇنيانىڭ،
ياردىمىمنى سۇنىمەن مەشرىقتە ھەم مەغرىپتە»[11].
بايىندىر: بۇ كۆپلىگەن ئايەتكە ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاء الْأَرْضِ أَإِلَهٌ مَّعَ اللَّهِ قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ»
«بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كىم كۆتۈرۈۋېتىدۇ؟ سىلەرنى كىم زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلىدۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!»- نەمل 27/62.
ماھمۇت غوجا: سەن ئابدۇلقادىر جەيلانىغا ئىشەنمەمسەن؟ ئەگەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭ سەن بىلەن قىلىشىدىغان گېپىمىز يوق.
بايىندىر: ئابدۇلقادىر جەيلانىغا ئىشىنىش ئىماننىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس. بىز ئۇنىڭدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ كىتابىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىمىز.
بۇ مىساللار ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرۈيدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە زىت بىر ھاياتتا ياشاۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلماقتا.
داۋامى بار……

[1]بۇ شېئىر سەئىد نۇرسىنىڭ «سىككەئى تەسدىقى غەيبى» ناملىق كىتابىدىن نەقىل قىلىندى.- رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، ئىستانبۇل 1995، 2- توم، 2083- بەت.

[2]ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: سۈلەيمان، سەبرىي، زەكائىي، ئاسىم، رەئفەت، ئەلىي، ئەھمەد خۇسرەۋ، مۇستافا ئەپەندى، رۈشتۈ، لۈتفۈ، شاملىق تەۋفىق، ئەھمەد غالىب،زۈھتۈ، بەكىر بەگ، لۈتفىي، مۇستافا، مۇستافا، مەسئۇد، مۇستافا چاۋۇش، ھافىز ئەھمەد، ھاجى ھافىز، مەھمەد ئەپەندى، ئەلىي رىزا. 

[3]جەفر ئەسلى ئەرەبچە سۆز بولۇپ مەنىسى مۆلچەر، قىياس، بېشارەت، پال، رەم دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ ماۋزۇ كېيىنكى بۆلۈملەردە كېلىدۇ.

[4]سەئىد نۇرسى سىككەئى تەسدىقى غەيبى، 8- لەمئە، رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، 2- توم، 2083- بەت.

[5]فەتھۇللا گۈلەن، كىچىك دۇنيايىم- 2، زامان گېزىتى 1996- يىلى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى. فەتھۇللا گۈلەننىڭ بۇ سۆزى مۇنۇ تور ئادرېسىدىمۇ بار: http://arsiv.zaman.com.tr/1996/11/28/kose/hocaefendi/index.html

[6]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 859- پاراگراپ.

[7] كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 519- پاراگراپ.

[8]– سەفىيۇررەھمان ئەلمۇبارەكفورى، ئەررەھىقۇلمەختۇم، بېيرۇت 1408/1988، 255 – 256- بەت.

[9] – مۇسلىم، ھەج 22، ھەدىس نومۇرى 1185.

[10]– ماھمۇت غوجا ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ئىسمائىل ئاغا جامەسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان ئىمامى بولۇپ، ئەسلى ئىسىم فامىلىسى ماھمۇت ئۇستا ئوسمان ئوغلۇدۇر. ماھمۇت ئەپەندى دەپ بىلىنىدۇ. بۇ زات بىلەن ۋە يېنىدىكى بىر قىسىم تەرەپدارلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرىمىزنىڭ ھەممىسى «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ناملىق كىتابىمىزدا مەۋجۇتتۇر.  

[11]بۇ شېئىر سەئىد نۇرسىنىڭ «سىككەئى تەسدىقى غەيبى» ناملىق كىتابىدىن نەقىل قىلىندى.- رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، ئىستانبۇل 1995، 2- توم، 2083- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر