مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 15

م- ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش
خرىستىئانلار ئۆلۈپ كەتكەن دىنىي زاتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، بۇنى ئەينى شەكىلدە بەزى تەرىقەت ۋە دىنىي گۇرۇھلارمۇ قىلىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆلۈپ كەتكەن دىنىي زاتلىرىنىڭ ياردىمىنى ئېلىش، ئۇلارنى ۋەسىلە ۋە شاپائەتچى قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلىشنى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر-چىراق قىلىشنى دىننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدۇ.
1- كاتولىكلارنىڭ ئۆلۈكتىن ياردەم تىلىشى
پاپا 2- ژېئان پائۇل مەريەم ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىلە قىلىپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ:
«ئىنسانغا ئايلانغان سۆزنىڭ[1] ئانىسى ۋە چېركاۋنىڭ ئانىسى بولغان ناھايىتى مۇقەددەس قىز مەريەمگە، چېركاۋ يېڭى بىر خرىستىئانلاشتۇرۇش خىزمىتىگە چاقىرىلىۋاتقان بۇ زاماندا پۈتۈن چېركاۋنىڭ ھەر قايسى سەۋىيىلىرىدە دىن دەرسى خىزمەتلىرىگە كۈچلۈك ۋەسىلىلىكى بىلەن ياردەم قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن»[2]
ئۆلۈپ كەتكىلى ئەسىرلەر بولغان مەريەمنى ياردەم قىلىشقا چاقىرغان پاپا ئۇنىڭ ئۆزىگە كۈچلۈك ۋەسىلىلىكى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇ مەريەمنىڭ ئۆزىنى تونۇيدىغانلىقىغا ۋە چاقىرىقىنى ئاڭلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا پاپا مەريەمگە بەزى ئىلاھىي سۈپەتلەر ۋە خۇسۇسىيەتلەر بەرگەن بولىدۇ. بۇلار ھايات، ئىلىم، سەمئ، بەسەر، ئىرادە، قۇدرەت ۋە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سۈپەتلەردۇر.
ھايات– تىرىكلىك دېمەكتۇر. كاتولىكلارغا نىسبەتەن ئىپپەتلىك قىز مەريەم يەر يۈزىدىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، گۇناھنى ۋە ئۆلۈمنى يەڭگەن رەبلەرنىڭ رەببى بولغان ئوغلىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن بولۇش ئۈچۈن روھى ۋە بەدىنى بىلەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدى. رەب تەرىپىدىن كائىناتنىڭ خانىشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. مەريەم ئانىنىڭ ئاسمانغا چىقىرىلىشى ئوغلىنىڭ تىرىلىشىدىكى تەڭداشسىز ئىشتىراكى ۋە باشقا خرىستىئانلارنىڭ تىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە[3].  
مەريەم ئانىغا بېرىلدى دەپ دەۋا قىلىنغان «كائىناتنىڭ خانىشى» لىقى ئۇنى قىيامەتكىچە تىرىك دەپ قاراشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنىڭ يېڭىدىن تىرىلىش ھادىسىسىگە قاتنىشىدىغانلىقى دەۋاسى بولسا ئۇنىڭ قىيامەت ئەسناسىدىمۇ تىرىك قالىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغانلىق بولىدۇ. قىيامەتتىن كېيىن ئۆلۈم بولمايدىغانلىقىغا قارىغاندا كاتولىكلار ئۇنى ئۆلۈمسىز دەپ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئۆلۈمسىزلىك پەقەت ئاللاھقىلا ئائىت بىر خۇسۇسىيەتتۇر. مەريەمنىمۇ ئۆلۈمسىز دەپ قاراش، ئۇنى ئاللاھقا ئاللاھنىڭ ھايات سۈپىتىدە شېرىك دەپ قارىغانلىق بولىدۇ.
ئىلىم– بىلمەك ۋە چۈشەنمەك دېمەكتۇر. ئىنساننىڭ ئىلىم سۈپىتى بار، لېكىن ۋاتىكاندىكى بىر كىشىنىڭ مەريەمنى ۋەسىلە بولۇشقا چاقىرغىنىدىن قارىغاندا، ئۇ كىشى مەريەمنىڭ ھەم ئۆزىنى تونۇيدىغانلىقىغا ھەمدە تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى ئاللاھ بىلگەنگە ئوخشاش بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ۋەسىلە بولۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئىلىم شەرتتۇر. ئۇنداقتا پاپا مەريەمنى ئاللاھنىڭ چەكسىز ئىلمىنىڭ بىر بۆلۈمىگىمۇ شېرىك قىلغان بولىدۇ.
سەمىئ– ئاڭلاش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانغا ئاڭلاش كۈچى ئاتا قىلغان. لېكىن بۇ مەلۇم يىراقلىقتىن، مەلۇم دولقۇندىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاش بىلەن چەكلىنىدىغان بىر كۈچتۇر. ۋاتىكاندا تۇرۇپ مەريەمگە دۇئا قىلغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئىشتىش سۈپىتىگىمۇ شېرىك قىلغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئاڭلاش، پەقە ئاللاھدىلا بولىدىغان بىر سۈپەتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەريەم ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆلۈككە بىر نەرسە ئاڭلىتىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَى…»
«سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن…»- نەمل 27/80.
«… إِنَّ اللَّهَ يُسْمِعُ مَن يَشَاءُ وَمَا أَنتَ بِمُسْمِعٍ مَّن فِي الْقُبُورِ»
«تىرىكلەر ۋە ئۆلۈكلەر ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبىرلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن»- فاتىر 35/22.
مەريەم ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئاڭلىتالمايدۇ. 
بەدىر ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەن مۇشرىكلار بىر قۇدۇققا كۆمۈلگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«ئى پالانىنىڭ ئوغلى پالانى! ئى پالانىنىڭ ئوغلى پالانى! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم».
بۇ چاغدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جەسەتلەرگە قانداق گەپ قىلىسەن. ئۇلار روھسىز تۇرسا؟» دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەردى: «مېنىڭ ئۇلارغا سۆزلىگەنلىرىمنى سىلەر ئۇلاردىن ياخشى ئاڭلىيالمايسىلەر. لېكىن ئۇلار ماڭا ھېچ جاۋاب قايتۇرالمايدۇ»[4].
ئاللاھ تەئالا ئۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئۇلارغا ئاڭلاتقان بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنىڭ بارلىقىغا قارىماي بۇ بىر خۇسۇسىي ھادىسىگە ئاساسلىنىپ پەرقلىق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ. ئۇلار ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
قىيامەتكە قەدەر ھېچبىر شەكىلدە جاۋاب بېرەلمەيدىغان ئۆلۈكلەردىن ياردەم تىلەش تۆۋەندىكى ئايەتتە تەنقىد قىلىنغان:
«وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَومِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ»
«ئاللاھنىڭ دۇنىدىن[5]قىيامەتكىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر»- ئەھقاف 46/5.
 بەسەر– كۆرۈش قابىلىيىتى دېمەكتۇر. بىر ئۆلۈكنى ياردەمگە چاقىرغان كىشى ئۆلۈكنىڭ ئۆزىنى كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولۇشى كېرەك. فىزىكىلىق توسالغلار بىلەن چەكلەش مۇمكىن بولمايدىغان كۆرۈش پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغانلىقى ئۈچۈن، پاپا مەريەمنى ئاللاھنىڭ كۆرۈش سۈپىتىگىمۇ شېرىك قىلغان بولىدۇ.
ئىرادە– خالىماق ۋە تاللىماق دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇدرەت–بىر نەرسىگە كۈچى يېتىش دېگەن بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئىرادىسىمۇ قۇدرىتىمۇ چەكلىك. ئىنسان ئۆلسە ئۇنىڭ ئىرادە ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى تۈگەيدۇ. مەريەمنىڭ چاقىرىقنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋە كېرەكلىك دەرىجىدە ياردەم قىلغانلىقىنى خىيال قىلغان كىشى ئۇنىڭغا بۇ ئىككى سۈپەتنىمۇ بەرگەن بولىدۇ. بۇ مەريەمگە ئادەتتىن تاشقىرى بىر ئىرادە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى بىر كۈچ-قۇۋۋەت لايىق كۆرگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەنىدە ئىرادە ۋە قۇدرەت ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. دېمەك، پاپا مەريەمنى ئاللاھنىڭ بۇ ئىككى سۈپىتىگىمۇ شېرىك قىلغان بولىدۇ.
پاپا بىلەن بىرلىكتە مىڭلارچە خرىستىئان ئۆز تىلىدا مەريەمنى ئاللاھ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا ۋەسىلە بولۇشقا چاقىرغانلىقىغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مەريەمنىڭ ھەر تىلەك ئىگىسىنى تونۇيدىغانلىقى، تىلىنى بىلىدىغانلىقى، تىلەكلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئارىلاشتۇرۇپ قويماي ھەممىسىنى ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارغىمۇ ئىشىنىشلىرى كېرەك. بۇ بولسا بۈيۈك بىر ئىلىم ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر. بۇ ئىككىسى پەقەت ئاللاھتىلا بار بولغان سۈپەتلەردۇر. دېمەك، ئۇلار مەريەمنى بۇ ھەقتىمۇ ئاللاھقا شېرىك قىلغان بولىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ تىلەكلىرىدىن خەۋىرى بولمايدىغان، پەقەت قىيامەت كۈنى تىرىلىدىغان بىر ئۆلۈك بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن ۋە ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھقا قارشى قانداقمۇ ۋەسىلە بولالايدۇ؟
مەريەمنىڭ ۋەسىلە بولالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇ سۈپەتلەر ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن تۈرلەنگەن. بۇلار ھەي، ئەلىم، سەمىئ، بەسىير، مۇرىيد ۋە قادىر قاتارلىقلار ئىسىملەردىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ»
«ئەڭ گۈزەل ئىسىملەر ئاللاھنىڭدۇر. سىلەر ئاللاھنى ئۇ ئىسىملەر بىلەن چاقىرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى توغرىسىدا قىڭغىرلىق قىلغانلارنى تەرك ئېتىڭلار. ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ»-ئەئراف 7/180.
خرىستىئانلار مەريەمدە بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ھوقۇقلارنى  ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىگىمۇ بەرمىگەن. ئۇ ئاخىرقى پەيغەمبىرىگە مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَا جَعَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظاً وَمَا أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍ»
«بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر كۈزەتچى قىلمىدۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بىر ۋەكىلمۇ ئەمەسسەن»- ئەنئام 6/107.
«ِنَّمَا أَنتَ نَذِيرٌ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ»
«سەن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن. ئاللاھ ھەر نەرسىگە ۋەكىلدۇر»- ھۇد 11/12.
 2- تەرىقەتچىلەر ۋە دىنى گۇرۇھلاردا ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش
قۇرئاننىڭ كۆپلىگەن ئايىتى ئاللاھدىن باشقىسىدىن ياردەم تىلەشنى مۇشرىكلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن ھېسابلايدۇ[6]. ئىنسانلار تارىختىن بېرى ئەڭ كۆپ دۇئا ۋە ئىبادەت مەسىلىسىدە خاتالاشقانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى بۇ ئىككى مەسىلە ئۈستىدە مەركەزلەشتۈرگەن. ناماز، روزا، ھەج، زاكات، ھالال ۋە ھاراملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ئاز ئايەت بار. لېكىن ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشنى، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا باشقىلاردىن مەنىۋى ياردەم كۈتۈشنى شېرىك ھېسابلاپ، چەكلەيدىغان ناھايىتى كۆپ ئايەت بار. قۇرئاننىڭ ھەر بېتىدە دېگۈدەك بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بار. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:
«أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّإِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاء الْأَرْضِأَإِلَهٌ مَّعَ اللَّهِ قَلِيلاً مَّا تَذَكَّرُونَ»
«بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كىم كۆتۈرۈۋېتىدۇ؟ سىلەرنى كىم زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلىدۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر!»- نەمل 27/62.
ئىنسانلار قۇرئاندىكى مۇشۇنداق ئوچۇق ئايەتلەرگە ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت ھەدىسلەر توقۇپ چىققان ۋە ئۇ ئايەت-ھەدىسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا ماس ھالدا ئىزاھلىغان. تۆۋەندە بۇ توغرىدا قىسقىچە توختىلىمىز:
ئا-توقۇلما ھەدىس
ئۆلۈكتىن ياردەم تىلەش ھەققىدە مۇنداق بىر ھەدىس ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان: «ئىشلىرىڭلاردا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالساڭلار، قەبىرلەردىكىلەردىن ياردەم تىلەڭلار»[7].
بۇ سۆز ئەجلۇنىينىڭ «كەشفۇل خەپا» ناملىق كىتابىدا ئۆتىدۇ. ئەجلۇنىي بۇ سۆزنى ئىبنى كامال پاشانىڭ «ئەل ئەربەئىين» ناملىق كىتابىدىن نەقىل قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىبنى كامال بولسا بۇ سۆزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن، دەيدۇ، لېكىن ھېچقانداق مەنبە كۆرسەتمەيدۇ[8]. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر تالاي پەلسەپىۋىي ئىزاھلارنى بېرىشكە تىرىشىدۇ. بىر قىسىم تەرىقەتچىلەر بۇ سۆزدىن ئىلھام ئېلىپ «بىر ئەۋلىيا ئۆلگەندىن كېيىن روھى قىنىدىن چىققان قىلىچتەك بولىدۇ» دەيدۇ[9].
ئەجلۇنىي خەلق ئىچىدە «ھەدىس» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن سۆزلەرنى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىتابىدا جەملىگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەھىھلىرى بىلەن غەيرىي سەھىھلىرىنى ئايرىپ چىقىشقا تىرىشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان توقۇلما ھەدىس بار. كىتابنىڭ باش قىسمىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىم مەن سۆزلىمىگەن بىر نەرسىنى مېنىڭ نامىمدىن نەقىل قىلسا، جەھەننەمدە ئولتۇرىدىغان يېرىگە تەييارلانسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان[10].
ب- بۇرمىلانغان ئايەتلەر
قۇرئاندا ھەم ئىبادەت ھەمدە دۇئا كەلىمىلىرى ئۆتىدۇ. ئىبادەت قۇللۇق قىلىش، دۇئا بولسا چاقىرىش ۋە ياردەم تىلەش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىدە «دۇئا» دېگەن كەلىمىگە «ئىبادەت» دېگەن كەلىمىنىڭ مەنىسى بېرىلىپ «دۇئا» دېگەن كەلىمىنىڭ ئەسلى مەنىسى يوقاپ كېتىشىگە يول ئېچىلغان. ئىبادەت دۇئانىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىككى كەلىمە ئوتتۇرىسىدا يېقىن بىر مۇناسىۋەت بار. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دۇئا ئىبادەتنىڭ يىلىكى»[11] دېگەن ئىدى. لېكىن تەرجىمىدە «دۇئا» كەلىمىسىگە «ئىبادەت» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى بېرىلسە بىر كىشىنى ئادەتتىن تاشقىرى يوللار بىلەن ياردەمگە چاقىرىشنىڭ ئىبادەت بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنا يوقاپ كېتىدۇ. بۇ بىر بۇرمىلاش بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 4-، 5- ۋە 6- ئايەتلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى مىسال قىلىپ ئۆتىمىز.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ ائْتُونِي بِكِتَابٍ مِنْ قَبْلِ هَذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِنْ عِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ. وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَنْ لَا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَنْ دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ. وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار[12] توغرۇلۇق ئويلۇنۇپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار›.
 ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.
ئىنسانلار ھەشىرقىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلارتەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»-ئەھقاف 46/4-6.
كۆپلىگەن تەرجىمە ۋە تەپسىرلەردە بۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىدەك تەرجىمە قىلىنغان:
«ئېيتقىنكى: ‹ئېيتىپ بېقىلارچۇ، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار يەر يۈزىدە نېمىنى ياراتتى، ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار قېنى. ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلارغا ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ ئەگەر توغرا سۆزلىگۈچىلەر بولساڭلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (سىلەرگە چۈشۈرۈلگەن) بىر كىتاب ياكى ئىلىم قالدۇقى بولسا، ئۇنى ماڭا كەلتۈرۈڭلار›
ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنغانلاردىن گۇمراھ كىم بولۇشى مۇمكىن؟ (ھالبۇكى) ئۇلار بۇلارنىڭ چوقۇنۇشلىرىدىن خەۋەرسىزدۇر.
ئىنسانلار بىر ئارىغا توپلانغان چاغدا، (مۇشرىكلار) ئۇلارغا (چوقۇنغان نەرسىلىرىگە) دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۇلارغا قۇللۇق قىلىنغانلىقلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ»-(ئەھقاف، 46/4-6)[13].
«دۇئا» غا «ئىبادەت» مەنىسى بەرگەنلەر ئىككىنچى باسقۇچتا باشقا بۇرمىلاشلارنى قىلىشقا موھتاج بولغان. شۇنىڭ بىلەن خاتالىق خاتالىقنى سۆرەپ نەتىجىدە يۇقىرىدىكى ئۈچ ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىكى خاتالىقنىڭ سانى بەشكە چىققان. بۇ خاتالىقلار تۆۋەندىكىچە:
1) «دۇئا» غا «ئىبادەت» مەنىسىنى بېرىش
دۇئا دېگەن سۆز چاقىرىش مەنىسىدە مەسدەر (سۆز تومۇرى) بولۇپ، كېيىن ئۇنى كىچىكتىن چوڭغا، تۆۋەندىن يۇقىرىغا سۇنۇلغان تىلەك ۋە ئېھتىياج مەنىسىدە ئىشلىتىش ئادەت بولغان. دۇئا دېگەن سۆز ئىسىم بولۇپمۇ ئىشلىتىلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە «دۇئا ئاڭلىدىم، دۇئا ئوقۇدۇم» دېيىلىدۇ[14].
ئىبادەت بولسا تائەت مەنىسىدە كېلىدۇ. تائەت بويۇن ئەگمەك دېمەكتۇر، تولاراق بۇيرۇققا بويسۇنماق ۋە ئەگەشمەك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ[15]. بۇ تىلىمىزدا «قۇللۇق» دېيىلىدۇ. ئىبادەت ئىسلامىي ئىستىلاھدا ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەمىمىي نىيەت بىلەن ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشقا ئوخشاش ئىشلارغا بېرىلگەن ئىسىمدۇر.
دۇئا بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر مۇناسىۋەت بار. ئىبادەتنىڭ ئەسلى غايىسى دۇئادۇر. يەنى ئىنسان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بەزى ئارزۇلىرىغا يەتمەكچى بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا بولسا، دۇئالىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بىزنى ھەم ناماز ئوقۇشقا ھەمدە سەۋرچان بولۇشقا ئەمر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اسْتَعِينُوا بِالصَّبْرِ وَالصَّلَاةِ إِنَّ اللَّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ»
«ئى مۇئمىنلار! سەۋىر قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»- بەقەرە 2/153.
مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەت مۇنداق:
«وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ»
«بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ»-بەقەرە 2/186.
كىشى ئاللاھدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلغان چېغىدا ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى بەندە بولۇش غەيرىتى ئىچىگە كىرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىبادەت پوستقا، دۇئا جەۋھەرگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «دۇئا ئىبادەتتۇر»[16]، «دۇئا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر»[17] دېگەن. چۈنكى ئىنساننىڭ ئەسلى مەقسىدى ئاللاھقا تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشتۇر. «دۇئا» نىڭ ئورنىغا «ئىبادەت» كەلىمىسىنى ئىشلەتكەندە بۇ مۇناسىۋەتلەر پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئىنسانلار ۋەسىلىلەردىن مەدەت كۈتۈشكە باشلايدۇ.
تىلەكلىرىنى بىر ئەۋلىيا ياكى بىر روھانىي ۋەسىلىسى بىلەن ئاللاھقا سۇنغان كىشى ئالدى بىلەن ۋەسىلە بولغۇچىنى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەدىيىلەر ۋە نەزىر-چىراقلارنى تەقدىم قىلىدۇ. مەنىۋىي ھۇزۇرىدا ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىپ تازىم قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۇنىڭغا قۇللۇق، يەنى ئىبادەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقى ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
«وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ»
«ئىنسانلار ھەشىرقىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلارتەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»-ئەھقاف 46/6.
تۆۋەندىكى ئايەت بولسا، ئۇ ئىشنىڭ شېرىك بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماقتا:
«قُل ْإِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَداً»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن پەقەت رەببىمگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن»- جىن 72/20.
يىغىپ ئېيتقاندا «دۇئا» غا «ئىبادەت» مەنىسىنى بېرىش بەزى ئايەتلەرنى قۇرئاندىن چىقىرىۋەتكەنلىككە ئوخشاش ئىشتۇر. مەسىلەن: بۇ خاتا مەنا يۇقىرىدىكى ئۈچ ئايەتنى بۇتقا چوقۇنغۇچىلارغا خاس ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ئاللاھ تەئالانىڭ ئىبادەت ۋە دۇئا كەلىمىلىرىنى قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق يەرلەردە ئىشلەتكەنلىكىدىن قارىغاندا قۇرئاننىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى قىلماقچى بولغانلارنىڭ بۇ پەرقلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.
2) «من» كەلمىسىگە «ما» مەنىسىنى بېرىش
ئەرەپچىدە «من» كىشى ياكى كىشىلەر دېگەن بولىدۇ ۋە ئەقىللىق بارلىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ[18]. «ما» بولسا نەرسە ياكى نەرسىلەر دېگەن بولىدۇ. ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىدە ئۈچ قېتىم مەن «من» كەلىمىسى ئۆتىدۇ. «دۇئا» غا «ئىبادەت» مەنىسىنى بەرگەنلەر ئۇلاردىن ئىككىسىگە «مەن (كىشى)»، ئۈچىنچىسىگە «ما (نەرسە)» مەنىسىنى بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ ئايەتنىڭ مەنىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ مۇنداق تەرجىمە قىلىشقان: «ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟». بۇ تەرجىمىگە قارىغاندا ياردەمگە چاقىرىلغانلار بۇتلار بولۇپ، بىر ئەۋلىيانىڭ روھىنى ياردەمگە چاقىرغان كىشى ئايەتنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. لېكىن ئايەتتە ئۆتكەن «من» سۆزىنى بۇرمىلىماستىن لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلغان ۋاقتىمىزدا مۇنۇ مەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: «ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىرغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟» بۇ توغرا مەنا ئەۋلىيادىن ۋە روھدىن مەدەت تىلەشنىڭ يوللىرىنى ئېتىدۇ.
3) ھۇم «ھم» ئالمىشىغا ھىيە «ھي» مەنىسىنى بېرىش
«بۇلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ھۇم «ھم» كۆپلۈك ئالمىشى بولۇپ، ئەرەپچىدە ئەقىللىق ئەركەك جىنس تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مەن «من» كەلىمىسىنى «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلغانلار ھۇم «ھم» ئالمىشىغا «ما» كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدىغان ھىيە «ھي» ئالمىشىنىڭ مەنىسىنى بېرىشكەن. بۇ چوڭ بىر خاتالىقتۇر.
4) تولۇق مۇزەككەر كۆپلۈككە بىرلىك مۇئەننەسنىڭ مەنىسىنى بېرىش
«خەۋەرسىزلەردۇر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان غافىلۇن «غَافِلُونَ» كەلىمىسى جەمئى مۇزەككەر سالىم (تولۇق مۇزەككەر كۆپلۈك) بولۇپ، ئەقىللىق ئەركەك جىنس تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. مەن «من» كەلىمىسىنى «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىش بۇ مەنىنىمۇ يوقىتىۋەتكەن. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئايەتتىكى غافىلۇن كەلىمىسىگە غافىلەتۇن دېگەن كەلىمىنىڭ مەنىسى بېرىلگەن. بۇمۇ ناھايىتى چوڭ بىر خاتالىقتۇر.
5) 6- ئايەتكە دىققەت قىلماسلىق
مەن «من» نىڭ «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى 5- ئايەت بىلەن 6- ئايەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويغان. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنىڭ بىرلا يولى مەن «من» كەلىمىسىنى ئۆز مەنىسى بويىچە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنىشىدۇر. مەزكۇر ئايەت مۇنداق:
«وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ»
«ئىنسانلار ھەشىرقىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلارتەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»-ئەھقاف 46/6.
بۇتلار ئاخىرەتتە جانلىنىپ ئىنسانلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئايەتتە زىكىر قىلىنغانلار ھېسابقا تارتىلىدىغان ئەقىللىق بارلىقلاردۇر. بۇلار بولسا روھلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىنغان «ئۇلۇغلار» دۇر.
ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلرىدىكى بۇ خاتالىقلار مازار زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ ئېتىقادقا يول ئاچىدۇ:
«ئاللاھ بۇ سۆيۈملۈك بەندىلىرىگە بەزى ھوقۇقلار، ئىمكانىيەتلەر ۋە ئالاھىدىلىكلەر ئىنئام قىلغان. بۇلار شاپائەتچىلىرىمىزدۇر. بىز گۇناھكار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بىۋاسىتە ھالدا ئاللاھتىن تەلەپ قىلىشقا يۈزىمىز يوق. بەلكى بۇلارنىڭ سايىسىدە ئاللاھ تىلەكلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس»[19].
ئەنە شۇنداق خاتالىقلار سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دىنى زاتلارنى ئاللاھنىڭ يېقىن دوستى دەپ ھېسابلاش، ئۇلارغا خىيالىي ھوقۇقلار ئويدۇرۇپ ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ۋەسىلە بولۇشى بىلەن يېتىشكە ئۇرۇنۇش ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېسەللىكى بولۇپ قالغان. ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 5– ئايىتى توغرا تەرجىمە قىلىنسا بۇ يول تامامەن ئېتىلىدۇ. ئۇ ئايەتنىڭ توغرا تەجىمىسى مۇنداق بولىدۇ:
«ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر»
بۇ تەنقىدلەر يۇقىرىدىكى ئۈچ ئايەتنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسلىنىپ ئېلىپ بېرىلدى. «دۇئا» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر بار بولغان نۇرغۇنلىغان ئايەتنىڭ تەرجىمىلىرىدىمۇ بۇنداق خاتالىقلار كۆرۈلمەكتە. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، پۈتۈن تەرجىمە ۋە تەپسىرلەردە ئوخشاش خاتالىقنىڭ تەكرارلىنىدۇ. بۇ بولسا ئاللاھ ئەسلا كەچۈرمەيدىغان شېرىك گۇناھىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاسانلا قىلىشىغا يول ئاچقان.
قۇرئاننى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغۇچىلار بۇ خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن، دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە قاراشنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ بۇ ئايەتلەرنى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە قارايدۇ. بۇ بولسا زامانىسىدا مەيدانغا كەلگەن بىر خاتانى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرىدۇ.
داۋامى بار……….


[1]ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى.

[2] پاپا ئىككىنچى ژېئان پائۇلنىڭ كاتولىك چېكاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى دېگەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدىكى دۇئاسى. 22- بەت.

[3]كاتولىك چېكاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 966- پاراگراپ.

[4]مۇسلىم، ئەلجەننەھ ۋە سىفەتى نەئىمىھا، 17- بار، ھەدىس نومۇرى: 76 (2873).

[5]دۇن «دون» كەلىمىسى توغرۇلۇق «قامۇس تەرجىمىسى» دە مۇنۇ ئىپادىلەر زىكىر قىلىنىدۇ: دۇن «دون» فەۋق «فوق» نىڭ زىددىدۇر. ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىن بېرى، ئۇنىڭدىن تۆۋەنراق دېگەن بولىدۇ. بەزىلەر بۇنى «دنو» دىكى ھەرىپلەرنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى بىلەن شەكىللەنگەن، دېيىشىدۇ. بۇ كەلىمە غەير «غير» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. ئەڭ يېقىن «أقرب» مەنىسىدىمۇ زەرف بولۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭغا بەك يېقىن دېگەن مەنانى ئىپادىلەش ئۈچۈن «هذا دونه» دېيىلىدۇ. دۇن كەلىمىسىگە «قبل (ئىلگىرى)» مەناسىمۇ بېرىلىدۇ. بىر نەرسە يەنە بىرىدىن بىرئاز تۈۋەندە بولسا «هذا دون ذاك» دېيىلىدۇ– (فىرۇز ئابادى، قامۇس تەرجىمىسى. مۇتەرجىم ئاسىم، بەھرىيە مەتبەئەسى 1305). بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتلەردە ئۆتكەن مىندۇنىللاھ «من دون الله» دېگەن سۆز ئورنىغا قاراپ ئاللاھنىڭ يېقىنىدىن، ئاللاھدىن تۆۋىنى، ئىنسانلاردىن يۇقىرى، يەنى، ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئارىسىدا بىر يەردىن، ئاللاھدىن باشقىسىدىن، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. مۇشرىكلار بىر تەرەپتىن ئاللاھقا، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە يېقىن كۆرگەن، ھەم ئاللاھقا ھەم ئىنسانغا ئائىت خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ ئېتىقاد قىلغان كىشىلىرىنى ئاللاھ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ ئىلاھلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ ئىنسانغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئېتىقاد ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىدۇ ۋە ئىنساننى مۇشرىك قىلىدۇ.

[6]نىسا 4/117؛ ئەنئام 6/40، 41، 56، 71، 108؛ ئەئراف 7/37، 194، 195، 197؛ يۇنۇس 10/38، 66، 106؛ ھۇد 11/101؛ رەئد 13/14؛ نەھل 16/20، 86؛ ئىسرا 17/56، 57،67؛ كەھف 18/14؛ مەريەم 19/48؛ ھەج 22/12، 13، 62، 73؛ مۇئمىنۇن 23/117؛ فۇرقان 25/68؛ شۇئەرا 26/213؛ قەسەس 28/64، 88؛ ئەنكەبۇت 29/42؛ لۇقمان 31/30؛ سەبەئ 34/22؛ فاتىر 35/13، 14، 40؛ ساففات 37/125؛ زۇمەر 39/38؛ مۇئمىن 40/20، 66؛ فۇسسىلەت 41/48؛ زۇخرۇف 43/86؛ ئەھقاف 46/4، 5؛ جىن 72/18. 26 سۈرىدە توپلام 50 ئايەت.

[7]ماھمۇد ئۇستا ئوسمان ئوغلۇ (ماھمۇد ئىشان) باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن يېزىلغان روھۇلفۇرقان تەپسىرى، ئىستانبۇل 1992- يىل نەشرى، 2- توم 82- بەت.

[8]– ئىبنى كامال پاشا، ئەلئەربەئۇن، 5- توم 360- بەت، سۈلەيمانىيە كۈتۈپخانىسى، ئەسئەد ئەپەندى 1694. ئىبنى كامال ياۋۇز سۇلتان سەلىمنىڭ مەشھۇر شەيخۇلئىسلامىدۇر. 1469- يىلى توكاتتا تۇغۇلغان، 1534- يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا 900 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇقلۇق، ھېچبىر مەنبە كۆرسەتمەستىن، مەزمۇنى قۇرئانغا تامامەن زىت بولغان بىر سۆزنى ھەدىس دەپ ئالدىمىزغا قويۇشىنى قۇبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىبنى كامال ئۇ كىتابىدا مەنبە كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا بۇ سۆزنىڭ ھەدىس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھېچبىر دىنى ئاساسى بولمىغان پەلسەپىۋى ئىزاھلارنى بېرىشكە تىرىشقان.

[9]روھۇلفۇرقان، 2- توم 67- بەت.

[10]ئىسمائىل ئىبنى مۇھەممەد ئەل ئەجلۇنىي، كەشفۇلخەفا، بېيرۇت 1988- يىل نەشرى، 1-جىلد، 8- بەت.

[11]تىرمىزى، دۇئا 1، 3371- نومۇرلۇق ھەدىس.

[12]بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مۇناسىۋەت ئالماشلىرىدىن بىرى بولغان «ما» بولۇپ، ما ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئەقىلسىزلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇ ما بۇ ئايەتتە ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن خەلەقۇ («خَلَقُوا») ۋە لەھۇم («لَهُمْ») دىكى ئالماشلارنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى مەنىسىدىن بىرى بولغان ئەقىللىقلەرنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئالماش ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەردە ئۇ «ما» نىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ «ما» نى «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلماستىن «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.  

[13]بۇ تەرجىمە خەيرەتتىن قارامان، ئەلى ئۆزەك، ئىبراھىم كافى دۆنمەز، مۇستافا چاغىرىچى، سەدرەتتىن گۈمۈش ۋە ئەلى تۇرغۇت قاتارلىق ئۆلىمالار ھەيئىتى تەرىپىدىن قىلىنغان «قۇرئان كەرىم ۋە ئاچىقلامالى مەئالى» ناملىق قۇرئان كەرىم تۈركچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى. قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ تۈركچە تەرجىمىسى تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى تەرىپىدىن بېسىلغان، شۇنداقلا ئەرەبىستاندىمۇ بېسىلىپ تۈرك ھاجىلارغا تارقىتىلىۋاتقان بىر تۈركچە تەرجىمە قۇرئاندۇر. يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مۇھەممەد سالىھ قىلغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دىكى تەرجمىسى مۇنداق:
«(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلارنىڭ (ئەھۋالىنى) ئېيتىپ بېرىڭلار، ئۇلار زېمىننىڭ قايسى قىسمىنى ياراتقانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، ياكى ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئۇلارنىڭ ئاللاھ بىلەن ئورتاقچىلىقى بارمۇ؟ بۇ (قۇرئان) دىن ئىلگىرى (سىلەرگە نازىل قىلىنغان) كىتاب ياكى (ئىلگىرىكىلەردىن) قالغان ئىلىم بولسا ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار›.
ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ بۇتلار ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر.
(قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، بۇتلار ئۇلارغا (يەنى بۇتپەرەسلەرگە) دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ».

[14]ئەلمالىلى مۇھەممەد ھەمدى يازىر، ھەق دىنى قۇرئان دىلى، 1- جىلد، 662- بەت، (نەقەرە 186- ئايەتنىڭ تەپسىرى) ئىستانبۇل 1935.

[15]ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، بېيرۇت 1410/1990. ئىتائەت تەۋئ «طوع» سۆز تومۇرىدىندۇر. تەۋئ بويۇن ئەگمەك دېمەكتۇر. ئۇنىڭ قارىمۇقارشىسى كەرىھ كۆرمەك ۋە ياقتۇرماسلىقتۇر. بۇ ئىككى كەلىمە ئۆتكەن بىر ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: «ئاللاھ ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: ‹ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز كېلىڭلار› دېدى. ئۇ ئىككىسى: ‹ئىختىيارىي كەلدۇق› دېدى.- (فۇسسىلەت 41/11). تائەتمۇ ئوخشاش تومۇردىن بولۇپ، بويۇن ئەگمەك دېگەن بولىدۇ ۋە كۆپىنچە ‹بۇيرۇققا بويسۇنماق› مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. (راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان 529- بەت، ط و ع ماددىسى).

[16]تىرمىزى، دۇئا 1، 3372- نومۇرلۇق ھەدىس.

[17]تىرمىزى، دۇئا 1، 3371- نومۇرلۇق ھەدىس.

[18]جۈملە ئىچىدە ئەقىللىق بارلىق بىلەن باشقا بارلىقىلارمۇ ئۆتسە «مەن» كەلىمىسى ئەقىللىق بولمىغان بارلىقلار ئۈچۈنمۇ ئىشتىلىدۇ. بۇنىڭغا مۇنۇ ئايەت مىسال بولىدۇ:
«وَاللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَابَّةٍ مِنْ مَاءٍ فَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَى بَطْنِهِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَى رِجْلَيْنِ وَمِنْهُمْ مَنْ يَمْشِي عَلَى أَرْبَعٍ يَخْلُقُ اللَّهُ مَا يَشَاءُ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»
«ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇلاردىن بەزى كىشىلەر تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ…»- (نۇر 24/45). بۇ ئايەتتە «بەزى كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مەن «من» دۇر. ئىككى پۇت بىلەن ماڭىدىغان ئىنسانلار باشقا جانلىقلارنىڭ ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا جانلىقلارغىمۇ مەن «من» دېيىلگەن.

[19]خەيرەتتىن قارامان، «رامىزاندا مازار زىيارەتلىرى»، يېڭى شەپەق گېزىتى، 2000- يىلى، 12- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى سانى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر