مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 13

ۋ-ۋەسىلىچىلىك ئېتىقادى
بىز يۇقىرىدا خرىستىئانلىقتىكى ۋەسىلە قىلىش ئېتىقادىنى تەپسىلىي كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئېتىقادنىڭ بەزى تەرىقەتلەردىمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. ئەسلىدە بىز تەتقىق قىلىپ كۆرگەن تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ۋەسىلە قىلىش ئېتىقادىنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. شۇنداق بولسىمۇ بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن «…بەزى تەرىقەتلەردىمۇ…» دېيىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. تەرىقەتلەردىكى ۋەسىلىلەر خرىستىئان ۋە تاۋىستلاردىكىگە ئوخشاش بىر قۇرۇلما شەكىللەندۈرمەكتە. بۇنى تۆۋەندىكى رەسىم ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ:
ۋەسىلە ۋە شېرىك 13 1
بىز تەرىقەتلەردە كۆرگەن ۋەسىلىلەر
ز-بىز تەتقىق قىلغان تەرىقەتلەردە ۋەسىلەر
ئاللاھنى تەرىپلەشتە قىيىنچىلىق يوق. ئەسلى قىيىنچىلىق ئاللاھ بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى قانداق ئورنىتىشتا كۆرۈلمەكتە. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ وَنَعْلَمُ مَا تُوَسْوِسُ بِهِ نَفْسُهُ وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْ حَبْلِ الْوَرِيدِ»
 «شۈبھىسىزكى، ئىنساننى بىز ياراتتۇق. بىز ئۇنىڭ كۆڭلىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىنمىز»- قاف 50/16.
«وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ فَلْيَسْتَجِيبُوا لِي وَلْيُؤْمِنُوا بِي لَعَلَّهُمْ يَرْشُدُونَ»
«بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، مەن ناھايىتى يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ»-بەقەرە 2/186.
بىز تەتقىق قىلىپ كۆرگەن تەرىقەتلەرنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا جان تومۇرىدىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىگە ۋە كۆڭۈلگە كەلگەن ھەر قانداق نەرسىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. خرىستىئانلارغا نىسبەتەنمۇ ئاللاھ ئىنسانلارغا يېقىندۇر[1] ۋە ھەر نەرسىنى بىلىدۇ[2]. تاۋىستلارمۇ ئاللاھ ھەرنەرسىنى ئوپئوچۇق كۆرىدۇ ۋە بارلىق ئىشلاردا ئىنسانلار بىلەن بىللە، دەپ قارايدۇ[3].
ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلىلەر قويىدۇ. بىز تەتقىق قىلغان تەرىقەتلەردىكى ۋەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:
1- ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە
ئۇ تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە يارىتىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بىر ھەقىقەتنىڭ ئالدى ۋە ئارقا يۈزىدۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىكەن تۇنجى قېتىم ھەقىقەتى مۇھەممەدىييە بار بولغان. پۈتكۈل مەخلۇقات ئۇنىڭدىن يارىتىلغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇ بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارنىڭ لەدۇننىي ۋە باتىنىي ئىلىملەرنى ئالغان مەنبەدۇر»[4].
تەرىقەتچىلەردىكى بۇ ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە ئېتىقادى كاتولىكلاردىكى ئىيسا ئېتىقادى بىلەن تاۋىزمچىلاردىكى تې ئېتىقادىنىڭ ئارىلاشمىسىدەك بىر ئېتىقاددۇر. مەسىلەن، خرىستىئانلار «ئىيسا ئاللاھتۇر» دەيدۇ. «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە» ئېتىقادىدىمۇ «مۇھەممەد ئاللاھتۇر» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر سۆزلىنىدۇ. بىز بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتتۇق.
2- ئىنسانى كامىل
بىز تەتقىق قىلغان تەرىقەتلەردە ئىنسانى كامىل ھەزرىتى مۇھەممەدتۇر. لېكىن بۇ ئۇنىڭ تارىخىي شەخسىيىتى ئەمەس، ئادەم ئەلەيھىسسالام تېخى لاي ھالىتىدىكى چاغدا پەيغەمبەر بولغان مۇھەممەد (ئەلەيھىسسالام) يەنى ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەدۇر. ئىنسانى كامىل مەۋجۇدىيەتنىڭ ۋە يارىتىلىشنىڭ غايىسىدۇر. چۈنكى ئىلاھىي ئىرادە پەقەت ئۇنىڭ ۋاسىتەسى بىلەنلا ئەمەلىيلىشىدۇ. ئەگەر ئىنسانى كامىل بولمىغان بولسا، ئاللاھ بىلىنەلمەيتتى… ئىنسانى كامىل ماددىي ۋە مەنىۋىي پۈتۈن كامالەت مەرتىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ئۇنىڭ قەلبى ئەرشكە، كىشىلىكى كۇرسقا، ماقامى سىدرەتۇلمۇنتەھاغا، ئەقلى قەلەمى ئەئلاغا، نەپسى لەۋھۇلمەھپۇزغا، تەبىئىتى تۆت ئاساسى ماددىغا باغلىنىشلىقتۇر[5].
كۆپلىگەن كىشى ئىنسانى كامىل ئاتالغۇسىنى كامالەتكە يەتكەن ئىنسان، ئۈلگىلىك كىشى دەپ چۈشىنىدۇ. لېكىن تەرىقەتچىلەر بۇ ئاتالغۇ بىلەن كاتولىكلاردىكى چېركاۋ چۈشەنچىسىگە ئوخشاش بىر خىل چۈشەنچە شەكىللەندۈرگەن. كاتولىكلارغا نىسبەتەن چېركاۋ قانداق ياشاۋاتقان ئىيسا بولسا، تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەنمۇ ئىنسانى كامىل شۇنداق ياشاۋاتقان ھەقىقەتى مۇھەممەدىيەدۇر. ھەر تەرىقەت ئۆزىنىڭ شەيخ (پىر) ىنى ئىنسانى كامىل دەپ بىلىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانى كامىل ئالەمدە داۋاملىق مەۋجۇتتۇر. ئۇ بىردىن كۆپ بولمايدۇ. ئىنسانى كامىل ئۈچۈن مۈلۈكتە، مەلەكۇتتا ۋە جەبەرۇتتا ھېچقانداق نەرسە يوشۇرۇن ۋە مەخپىي ئەمەس. ئۇ شەيئىلەرنى ۋە شەيئىلەرنىڭ ھېكمىتىنى تولۇق بىلىدۇ. … بۇ ھەقىقەت، ھەر دەۋردە زامانغا مۇۋاپىق پەرقلىق ئىسىم ۋە سۈرەتلەردە پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ»[6].
ئالدىمىزدا سەئىد نۇرسىي ھەققىدە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئادەتتىن تاشقىرى خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا بۇ مەسىلىنى قايتا تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
«مۈلۈك، مەلەكۇت ۋە جەبەرۇت» ئاللاھ تەئالانىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئالەملەردىكى، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتىكى پادىشاھلىقى ۋە ھاكىمىيىتى دېگەن بولىدۇ[7]
تەرىقەتچىلەر ئىنسانلارنى تۈرلەرگە ئايرىيدۇ. سىرلارنى بىلىدىغانلارنى خاسسۇل خەۋاس، ئازراق بىلىدىغانلارنى خەۋاس ۋە ئادەتتىكى ئىنسانلارنى ئاۋام دەپ ئاتايدۇ. ئەسلىدە ئۇلار بىز بىلىمىز دەپ دەۋا قىلغان سىرلار تامامەن خام خىيالنىڭ مەھسۇلى بولغان نەرسىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى دىنىي زات ۋە ئاللاھ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تەئالا بۇنداقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَيْءٌ وَمَنْ قَالَ سَأُنْزِلُ مِثْلَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَوْ تَرَى إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلَائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ. وَلَقَدْ جِئْتُمُونَا فُرَادَى كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَتَرَكْتُمْ مَا خَوَّلْنَاكُمْ وَرَاءَ ظُهُورِكُمْ وَمَا نَرَى مَعَكُمْ شُفَعَاءَكُمُ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ أَنَّهُمْ فِيكُمْ شُرَكَاءُ لَقَدْ تَقَطَّعَ بَيْنَكُمْ وَضَلَّ عَنْكُمْ مَا كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ»
«ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە بىر نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: ‹ماڭا ۋەھيى قىلىندى› دېگەن ۋە: ‹مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلىمەن› دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىم بار؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ!.. ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: «قېنى جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دەيدۇ.
ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قويۇپ كەلدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ يارىتىلىشىدا ۋە ئىبادىتىڭلاردا بىزگە شېرىك ئىكەنلىكىنى گۇمان قىلغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى يېنىڭلاردا كۆرمەيمىزغۇ؟ ئاراڭلاردىكى بارلىق مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلۈپ كەتتى ۋە سىلەر شاپائەتچى بولىدۇ دەپ ئويلىغان نەرسىلەر سىلەردىن ئېزىپ كەتتى!› دېيىلىدۇ»-ئەنئام، 6/93-94.
3- قۇتبۇل ئىرشاد
ئىمام رەببانىيغا نىسبەتەن[8] قۇتبۇل ئىرشاد ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ، ئۇزۇن زامانلار ۋە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ ھىدايىتى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ نۇرى بىلەن قاراڭغۇلۇق جاھاننى يورۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئىرشادى (يېتەكچىلىكى) پۈتۈن جاھانغا تارقالغان. ئەرشتىن يەر يۈزىنىڭ مەركىزىگە قەدەر كىمگە كامالەت، ھىدايەت، ئىمان ۋە مەرىپەت يەتكەنكەن بولسا ئۇنىڭ يولىدىن يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېلىنىدۇ. ئۇ ۋەسىلە بولماستىن بۇ دۆلەت (بەخت) ھېچكىمگە نېسىپ بولمايدۇ. ئۇنىڭ نۇرى تېنچ ئوكيانغا ئوخشاش ئالەمنى قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ھەرىكەت يوقتەك، خۇددى توڭلاپ قالغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا يۈنەلگەن ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىشەنگەن ياكى ئۇ يۆنەلگەن تالىپنىڭ (يۆنىلشى ئەسناسىدا) قەلبىدىن گويا بىر دەرىزە ئېچىلىدۇ ۋە بۇ يولدىن يۆنىلىشى ۋە سەمىمىيىتى نىسبىتىدە نېسىۋە ئالىدۇ ۋە تويىدۇ. ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنى تونۇمىغانلىقى ۋە بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن  بىۋاسىتە ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە كۆڭلىنى ئاللاھقا يۆنەلدۈرگەن كىشىمۇ- خۇددى ئۇ قۇتۇبقا يۆنەلگەنلەرگە ئوخشاش- ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن بىرىنچى خىل ئەھۋالدىكى پايدا تېخىمۇ زىيادىدۇر.
قۇتۇبنى ئىنكار قىلىدىغان ياكى ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرگە كەلسەك، بۇلار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ ھەقىقىي كامالەت ۋە ھىدايەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇنى ئىنكار ۋە بىئارام قىلىش ئىنساننىڭ پەيز يولىنى ئېتىپ قويىدۇ. قۇتۇب ئۇنى پايدىلاندۇرماسلىقنى، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشنى خالىمىسىمۇ ئۇ ھەقىقىي ھىدايەتتىن يىراق قالىدۇ. بۇنداقلاردىكى پەقەت كامالەت ۋە ھىدايەتنىڭ سۈرىتىدۇر، خالاس. مەنىدىن يىراق، ئىچى قۇرۇق سۈرەتنىڭ پايدىسىمۇ ئاز بولىدۇ. قۇتۇبنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىيلىك بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆڭۈللىرى بىلەن يۆنەلمىسىمۇ ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن مەشغۇل بولمىسىمۇ، ئۇلارغا پەقەت قۇتۇبقا بولغان مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن كامالەت ۋە ھىدايەت نۇرى يېتىدۇ[9].
دېمەككى، قۇتبۇل ئىرشاد دېگەن شەخسنى ئىنكار قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، يەنىلا ھەقىقىي كامالەت ۋە ھىدايەتتىن مەھرۇم قالىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىي ھالدا ئىشەنگەن كىشى ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولمىسىمۇ كامالەت ۋە ھىدايەت نۇرىغا ئېرىشىدۇ. بۇلار ئاللاھقا ئوچۇقتىن-ئوچۇق بوھتاندۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَى عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أُولَئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَى رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَى رَبِّهِمْ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ. الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ. أُولَئِكَ لَمْ يَكُونُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ أَوْلِيَاءَ يُضَاعَفُ لَهُمُ الْعَذَابُ مَا كَانُوا يَسْتَطِيعُونَ السَّمْعَ وَمَا كَانُوا يُبْصِرُونَ. أُولَئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ. لَا جَرَمَ أَنَّهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْأَخْسَرُونَ. إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَأَخْبَتُوا إِلَى رَبِّهِمْ أُولَئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ. مَثَلُ الْفَرِيقَيْنِ كَالْأَعْمَى وَالْأَصَمِّ وَالْبَصِيرِ وَالسَّمِيعِ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا أَفَلَا تَذَكَّرُونَ»
«ئاللاھقا يالغان چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىم بار؟ بۇنداق كىشىلەر رەببىنىڭ دەرگاھىغا چىقىرىلىدۇ ۋە گۇۋاھچىلار بۇلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا بۇلار رەببىگە قارشى يالغان سۆزلىگەن كىشىلەردۇر!›. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ لەنىتى زالىملارنىڭ ئۈستىدىدۇر.
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ، ئۇ يولنى ئەگرى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدۇ.
ئەنە شۇلار يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن باشقا قوغدىغۇچىلىرىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئازابى قاتمۇقات بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەقنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالمايتتى ۋە ھەقنى كۆرمەيتتى.
ئەنە شۇلار، ئۆزلىرىگە زىيان سالغان كىشىلەردۇر. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ.
شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاخىرەتتە ئەڭ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدىغان كىشىلەردۇر.
ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە رەببىگە چىن يۈرەكتىن بويسۇنغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، جەننەتنىڭ ئىچىدە بىر خىل ھالەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالى، كور ۋە گاس ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ۋە ئىشىتكۈچى ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولامدۇ؟ يەنىلا چۈشەنمەمسىلەر؟»- ھۇد 11/18-24.
4- رىجالۇل غەيب
بۇلار كىملىكىنى يوشۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان قۇتۇب، غەۋس، ئەۋتاد، رەۋاسىي، نۇقەبا ۋە نۇجەبا دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ ئاتالغۇلار تۆۋەندىكىدەك مەنىلەردە ئىشلىتىلمەكتە:
ئە- قۇتۇب
تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن قۇتۇب ئەڭ بۈيۈك ئەۋلىيادۇر. ئۇ ئاللاھقا يەتكەنلەرنىڭ بېشىدۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كائىناتتا تەسەررۇپ ئىگىدۇر يەنى كائىناتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا تولۇق ھوقۇققا ئىگىدۇر. 
ب- غەۋس
غەۋس تەرىقەتچىلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا پاناھلىق ۋە ياردەم تىلەيدىغان قۇتۇبتۇر. قىيىن ئەھۋالدا قالغان سوپىلار «مەدەت يا غەۋس! يا غەۋس ئەلمەدەت!» دەپ غەۋسكە سېغىنىدۇ. غەۋس دەپ بىلىنىدىغانلار ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنىڭ مەزھەرى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىدە كۆرۈنىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ. ئابدۇلقادىر جەيلانىي «غەۋسىلئەزەم (ئەڭ بۈيۈك غەۋس)» دېگەن لەقىمى بىلەن مەشھۇردۇر.
ج- رەۋاسىي
رەۋاسىي تاغلار، ئەۋتاد تۈۋرۈكلەر دېگەن بولىدۇ. تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن بىر پالاكەت زامانىدا بەندىلەر ئەۋتادغا يۆنىلىدۇ. ئەۋتاد رەۋاسىيگە يۆنىلىدۇ. رەۋاسىينى قۇتۇب باشقۇرىدۇ.
 قۇتۇبتىن كېيىن كېلىدىغان ئىككى كىشى «ئىمامەيىن (ئىككى ئىمام)» دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى «ئىمامى يەمىن (ئوڭ تەرەپتىكى ئىمام)»، يەنە بىرى «ئىمامى يەسار (سول تەرەپتىكى ئىمام)» دېيىلىدۇ. ئىمامى يەمىن قۇتۇبنىڭ ھۈكۈملىرىگە، ئىمامى يەسار بولسا ئۇنىڭ ماھىيىتىگە مەزھەردۇر[10]. قۇتۇب ئۆلسە ئۇنىڭ ئورنىغا ئىمامى يەسار ئۆتىدۇ. ئۈچلەر قۇتۇب بىلەن ئىككى ئىمامدىن تەركىپ تاپىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، سانلىرى بىر رىۋايەتتە سەككىز، بىر رىۋايەتتە قىرىق كىشىدىن تەركىپ تاپقان «نۇجەبا» بىلەن، سانى ئۈچ ياكى ئون ئەتراپىدىكى «نۇقەبا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنىدۇ[11].
بۇلار قۇرئان كەرىم كۇفۇر ۋە شېرىك ھېسابلاپ مەنئى قىلغان نەرسىلەردۇر. مۇسۇلمانلار ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە
«إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ»
 «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» (فاتىھە 1/5)  دېيىش ئارقىلىق بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق ھوشيار تۇرىدۇ.
5- تەرىقەت پىرى (ئىشانى)
تەرىقەتتە  پىر ھەر نەرسىدۇر. ئۇ ھەم ئىنسانى كامىلدۇر ھەم ھەقىقەتى مۇھەممەدىيىنىڭ ۋەكىلىدۇر ھەمدە قۇتۇب ۋە غەۋستۇر. مۇرىد ئاللاھ بىلەن بولىدىغان ئىشنىڭ پەقەت پىرىنىڭ ۋەسىلە بولۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ[12]. تەرىقەتتە مۇرىد نەپسىنى ئۆلتۈرۈش نامى بىلەن ئۆزىنى ناھايىتى تۆۋەن تۇتۇشى كېرەك، ھەتتا پىرىنىڭ ئالدىدا غەسسالنىڭ قولىدىكى مېيىت كەبى بولۇشى لازىم[13].
ئاللاھ كونكرېت يەنى قول بىلەن تۇتقىلى ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىر بارلىق ئەمەس. تەرىقەتكە نىسبەتەن ئۇنى بىلىش ئۈچۈن بەندىنىڭ زېھنىي ۋە مەنىۋىي مەركەزلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان كونكېرت بىر نەرسىگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. تەسەۋۋۇپتا بۇ ئوبيېكت ئاللاھنىڭ ئەڭ مۇكەممەل تەجەللىيلىرىنىڭ مەزھەرى (ئەكس ئېتىدىغان يېرى) ھېسابلىنىدىغان «ئىنسانى كامىل» ماقامىدىكى شەيخ (پىر) دۇر. يەنى مۇرىدنىڭ ئاللاھقا ئۆز لايىقىدا بەندە بولۇشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن پىرگە قۇل بولۇشى ۋە قۇللۇق تەربىيىسىدىن ئۆتكەن بولۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رابىتە قىلىش زۆرۈر دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سالىك (مۇرىد) ئالدى بىلەن ئىنسانى كامىل بولغان پىرىگە، ئاندىن پەيغەمبەرگە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھقا قەلبىنى باغلىشى ۋە بۇ شەكىلدە ھوزۇرىقەلبكە ئېرىشىپ «فەنافىللاھ» (ئاللاھتا ئېرىپ كېتىش ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن پۈتۈنلىشىپ كېتىش) كە يېتىپ بېرىشى لازىم». چۈنكى ئۇلار رابىتىنى ئاللاھ بىلەن مۇراقەبە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدۇ[14].
ئۇلارغا نىسبەتەن «مۇراقەبە ۋە ئاللاھقا يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە ۋەزىرلىك يەنى مىنىستىرلىك بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىگە بولغان كىشى مەلەكۇتتا ئاسانلا تەسەررۇپ قىلىشقا يەنى ئاللاھنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىشكە (نەئۇزۇ بىللاھ) باشلايدۇ، كۆڭۈلدىن كەچكەن ئىشلارنى بىلىدۇ، كۆڭۈللەرنى ھىدايەت نۇرى بىلەن يورۇتۇشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بولىدۇ[15].
تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن «پىرنىڭ نەزەر قىلىشى (قاراپ قويۇشى) يۈرەك كېسىلىگە شىپا بولىدۇ، يۈزىنى كۆرسىتىپ قويۇشى مەنىۋىي كېسەللىكلەرگە داۋا بولىدۇ. ئۇ كامالەتلەرنىڭ ئىگىسى، دەۋرنىڭ ئىمامى، زاماننىڭ خەلىپىسىدۇر. قۇتۇبلار ۋە ئەبداللار (ئورۇنباسارلار) ئۇنىڭ ماقاملىرى سايىسىدە يېتىشىپ ياشايدۇ. ئەۋتاد ۋە نۇجەبا ئۇنىڭ كامالەت دېڭىزىدىن ئېقىپ كەلگەن بىر تامچىدۇر. ئۇنىڭ ئىرشادى (يېتەكچىلىكى) قۇياشقا ئوخشايدۇ. ئۆزى خالىماستىن ھەر قانداق نەرسىگە ئۆزىنىڭ پەيزىنى ياغدۇرىدۇ…»[16].
رابىتە قىلغان مۇرىد پىرىدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى ۋە قەلبىدە يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئورۇن بېرىشى لازىم[17]. ئۇ پىرىنىڭ سۈرىتىنى ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، كېيىن ئۇنى قەلبىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈرىدۇ، ئۆزىنى يوق، پىرىنى بار دەپ بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە بولسىمۇ پىرنىڭ روھى مۇرىدنى رابىتە بىلەن تەربىيىلەيدۇ ۋە ئاللاھقا يەتكۈزىدۇ[18].
تەرىقەتچىلەرگە نىسبەتەن ھەقىقىي پىر مۇرىد بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ۋەسىلىدۇر. ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتۇر[19]. مۇرىد «پىرىمنى قەيەردە ياد ئەتسەم روھى شۇ يەرگە ھازىر بولىدۇ، پىرىمنىىڭ روھانىي تەسەررۇپلىرى ئاللاھ تەئالانىڭ تەسەررۇپلىرىدۇر» دەپ ئىشىنىدۇ[20].
يۇقىرىدا بىز تەرىقەت مەنبەلىرىدىن نەقىل قىلغان پىكىرلەردىن قارىغاندا تەرىقەتتە پىر تامامەن ئاللاھنىڭ ئورنىغا قويۇلماقتا. چېركاۋدىمۇ پوپ شۇنداقتۇر. بۇ شېرىكتىن ئاللاھقا سېغىنىش كېرەك.
بۇ تەرىقەتلەرگە نىسبەتەن «مۇرىد پىرى بۇيرۇغان ئىشنى ئورۇنلاشقا ئالدىرىشى ۋە دەرھال بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشى لازىم. ئۇنى ھەرگىزمۇ ئوڭ-سولغا بۇرىماسلىقى ۋە كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم. چۈنكى بۇراش ۋە كېچىكتۈرۈش توسالغۇلارنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر»[21].
«سالىك (مۇرىد) مۇرشىدىنىڭ (پىرىنىڭ) يېنىدا بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن يىراق بىر يەردە بولسۇن داۋاملىق ئۇنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا مېڭىشنى كۆزلىشى، مۇرشىدىنىڭ نېمىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلىشى لازىم»[22].
تەسەۋۋۇپ مەنبەلىرى ئىسلام دىنى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق سەپسەتىلىرىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«مۇرشىدلەر ئاللاھ تەئالا بار بولغان مەجلىستە ئولتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىغا ئۇ زاتلارنى كۆرۈش بىلەنمۇ ئوخشاشلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە تولۇق ئەگىشىشنى بۇ پىرى كامىلنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تەڭ كۆرۈش لازىم»[23].
مانا بۇ سۆزلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. شۇنداقلا بۇ پىكىردىكى كىشىلەر قۇرئاننىڭ ھۆكمى بويىچە ئىسلامنىڭ سىرتىدا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئېتىقادلار ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن بەزى كىشىلەرگە بەندە بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَاناً وَمَا لَيْسَ لَهُم بِهِ عِلْمٌ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ»
«مۇشرىكلار ئاللاھ بىلەن ئۆزىلىرىنىڭ ئارىسىدا قويغان شۇنداق بىر نەرسىگە قۇل بولىدۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن. ئۇلاردا ئۇ نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئىلىم يوقتۇر. بۇ زالىملارنىڭ ھېچبىر ياردەمچىسى بولمايدۇ»- ھەج 22/71.
     خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرئاندىكى مىن دونىللاھ «مِن دُونِ اللَّهِ» دېگەن سۆز ئۆتكەن يەرلەرنىڭ بۈيۈك بىر بۆلۈمى، ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ۋەسىلە قىلىنغان كىشىلەرگە لايىق كۆرۈلگەن ئورۇننى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىدىكى سەپسەتىلەر ئاللاھقا ۋەسىلە قىلىنغان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ قانداق خىيالىي ھوقۇقلار بىلەن پەردازلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
 
داۋامى بار…..

[1]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 206- پاراگراپ.

 

[2]كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق ئاساسلىرى، 208- پاراگراپ.

  

[3]گۈنەي تۈمەر، ئابدۇرراھمان كۈچۈك، دىنلەر تارىخى، ئوجاق نەشرىياتى، ئەنقەرە، 1997، 63- بەت.

 

[4]– مەھمەت دەمىرچى،«ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»، دىيانەت ئىسلام ئېنىسىكلوپېدىيەىسى، 15- جىلد، 179-180.

  

[5]ھەسەن كامىل يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتۇنئولۇق مەجمۇئەسى، ئىيۇل 1996، 125. سان، 31- بەت.

  

[6]ھەسەن كامىل يىلماز، ئىنسانى كامىل، ئالتۇنئولۇق مەجمۇئەسى، ئىيۇل 1996، 125. سان، 31- بەت.

  

[7] – راغىب ئەلئىسفەھانىي، مۇفرەدات (ملك) مادىسسى. شەمسۇددىن سامى، قامۇس تۈركىي، دەرسائادەت 1317، (جبر) ماددىسى.

  

[8]– بىز تەتقىق قىلغان تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىمامى رەببانىينى بەك چوڭ بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەكتۇباتىنى مۇھىم مەنبەلەردىن دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بىز بۇ مەسىلىنى ئۇنىڭ شۇ كىتابىدىن ئالدۇق.

  

[9]– ئىمامى رەببانىي، مەكتۇبات، ئەرەبچە نۇسخسى، 1- جىلد، 254 ۋە 260- بەتلەر.

  

[10]– يەنى ئىمامى يەمىن قۇتۇبنىڭ ھۈكۈملىرىنىڭ، ئىمامى يەسار ماھىيىتىنىڭ كۆرۈنىدىغان يېرىدۇر.

  

[11]– ھەسەن كامىل يىلماز، رىجالۇلغەيب (غائىب يارانلار) ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 1995- يىلى 12- ئاي.

  

[12]– مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 172- بەت.

  

[13]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 173- بەت.

  

[14]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 268- بەت.

  

[15]– مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 268- بەت.

  

[16] – مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 238- بەت.

  

[17]سادىق دانا، ئالتىنئولۇق سۆھبەتلىرى1، 39- 40- بەتلەر.

  

[18]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 239-242-بەتلەر.

  

[19]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 244- بەت.

  

[20]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 239-242-بەتلەر.

  

[21]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 172-173- بەتلەر.

  

[22]سادىق دانا، ئالتىنئولۇق سۆھبەتلىرى1، 41-42- بەتلەر.

  

[23]مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ خانى، ئاداب، ئىستانبۇل، 1396/1976، 235- بەتلەر

  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر