مۇسۇلمانلار

ۋەسىلە ۋە شېرىك 11

ج- دىنىي زاتلارنى مۇقەددەسلەشتۈرۈش
دىنى زاتلار دەپ تونۇلغان كىشىلەرنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ مۇقەددەسلەشتۈرۈش جەمئىيىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بۇنىڭغا سەئىد نۇرسىينى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. رىسالەئى نۇرلار[1]غا نىسبەتەن «سەئىد نۇرسىي، يىگىرمە يىلدا بىلىپ بولغىلى بولىدىغان ئىلىم ۋە پەنلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئۈچ ئايدا چۈشىنىپ ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ قايسى ئىلىم ساھەسىدە بولمىسۇن، سورالغان ھەرقانداق سوئالغا ئىككىلىنىپ قالماستىن جاۋاب بەرگەن»[2]. چۈنكى ئۇ «چۈشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىلىم تەلەپ قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئۈممىتىدىن سوئال سورىماسلىق شەرتى بىلەن قۇرئان ئىلىملىرىدىن تەلىم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا ئەسىرنىڭ ئالىمى دەپ تونۇلغان ۋە ھېچكىمدىن سوئال سورىمىغان. لېكىن ئۆزىدىن سورالغان بارلىق سوئاللارغا كەمكۈتسىز جاۋاب بەرگەن»[3].
شىئەلەردىمۇ  مۇشۇنداق بىر دەۋا بار. ئۇلار بۇنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن ئىماملار ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. ئۇلار مۇنداق دېيىشىدۇ: «…ئىماملارنىڭ ھېچقايسىسى بىر مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بارمىغان، بىر ئوقۇتقۇچىدىن بىر نەرسە ئۆگەنمىگەن… ھېچقانداق بىر ئۇستازدىن دەرس ئالمىغان، ھېچقايسىسى بىر مەدرىسە ياكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرمىگەن. ئۇلار مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۆزلىرىدىن بىر سوئال سورالسا دەرھال ئەڭ توغرا شەكىلدە جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ تىللىرىغا «بىلمەيمەن» دېگەن سۆز كەلمىگەندەك، ئۇلاردىن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئويلىنىپ تۇرۇپ قېلىش ياكى جاۋابنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتەك ئەھۋاللارمۇ سادىر بولمايدۇ»[4]. ئىمامنىڭ ئىلاھىي ھۆكۈملەرگە، ئىلاھىي مەرىپەتلەرگە ۋە بارلىق ئىلىملەرگە ئىگە بولۇشى پەيغەمبەرنىڭ ياكى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىمامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەندۇر[5].
بىر ئىنساننىڭ بۇ شەكىلدە ئىلىم ئىگىسى بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئېنىق. بۇنداق ئالاھىدىلىك پەيغەمبەردىمۇ بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا»
 «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- (كەھف 18/110).
«قُلْ إِنِّي لَا أَمْلِكُ لَكُمْ ضَرًّا وَلَا رَشَدًا. قُلْ إِنِّي لَنْ يُجِيرَنِي مِنَ اللَّهِ أَحَدٌ وَلَنْ أَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا. إِلَّا بَلَاغًا مِنَ اللَّهِ وَرِسَالَاتِهِ …»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنىڭ سىلەرگە زىيان يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە كۈچۈم يەتمەيدۇ.
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مېنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ھەرگىزمۇ ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق باشپاناھ تاپالمايمەن.
مېنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ۋە ئەلچىلىكلىرىنى يەتكۈزۈشكىلا كۈچۈم يېتىدۇ…»- جىن 72/21–23.
سەئىد نۇرسىي تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خۇسۇسىي ئۇستازىم بولغان ئىمام رەببانىي، ئابدۇلقادىر جەيلانى، ماڭا جەۋشەنى كەبىر مۇناجاتىنى دەرس بەرگەن ئىمام غەزالىي ۋە زەينەلئابىدىن (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم)، ھەزرىتى ھۈسەيىن ۋە ئىمام ئەلى (كەررەمەللاھۇ ۋەجھۇ) لاردىن ئالغان دەرسىم، ئوتتۇز يىلدىن بېرى، خۇسۇسەن جەۋشەنى كەبىر ۋاسىتەسى بىلەن ئۇلار بىلەن ئورناتقان مەنىۋىي مۇناسىۋىتىمدە، ئۆتمۈشنىڭ ھەقىقەتى ۋە شۇئاندىكى رىسالەئى نۇردىن بىزگە كەلگەن مەشرەب بولدى»[6].
بۇ دەۋالارنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقى ئېنىق. سەئىد نۇرسى ئەسلىدە ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان تەرجىمىھالىدا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىلىم تەھسىلىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن شەيخ مۇھەممەد جەلالىينىڭ دەرس ھەلقىسىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئوقۇپ ئادەتلىنىپ كەلگەن كىتابلارنى ئوقۇغانلىقىنى ۋە كېيىن ۋان[7]دا 15 يىل ئەتراپىدا تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[8].
«تارىخچەئى ھايات» ناملىق ئەسەردە بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندىمۇ ئۇ ئالدى بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ مورفولوگىيە ۋە گرامماتىكا قىسمىنى ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولغان ۋە بىرگىۋىنىڭ «ئەل ئىزاھار» ناملىق كىتابىغىچىلىك ئوقۇغان. كېيىن شەيخ مۇھەممەد جەلالىينىڭ يېنىغا بېرىپ ھەر خىل ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىشقا بېرىلگەن ۋە ئىسلامىي ئىلىملەرگە دائىر 40 كە يېقىن كىتابنى يادلىغان. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا سەييىد نۇرمۇھەممەد، شەيخ ئابدۇراھمانى تاغىي، شەيخ فەھىم، شەيخ مۇھەممەد كۈفرەۋىي، شەيخ ئەمىن ئەپەندى، موللا فەتھۇللاھ ۋە شەيخ فەتھۇللاھلاردىن دەرس ئالغان[9].
بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىلىم ھاياتىنى ئۈچ ئايدا پۈتتۈرگەنلىكى، سورالغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرى ۋە بۇ خىل خىسلەتنىڭ ئۇنىڭغا چۈشىدە پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى قاتارلىقلارنى دەۋا قىلىش ئۇنى مۇقەددەسلەشتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مۇقەددەسلەشتۈرۈش تەشەببۇسىنىڭ بايراقدارى شەخسەن سەئىد نۇرسىينىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ 70 ياشقا كىرگەندىن كېيىنمۇ مۇنۇ سۆزىنى تەكرارلىغان: «14 ياشتا ئىدىم، ئۇ دەۋرلەردە دىپلوم ئىگىسى ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئۇستاز تەرىپىدىن ماڭا سەللە ۋە تون كىيدۈرۈلۈشنىڭ ئالدىغا توسالغۇلار چىققان ئىدى. يېشىم كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ ئۇستازلارغا خاس بولغان كىيىمنىڭ ماڭا كىيدۈرۈلۈشى مۇۋاپىق كۆرۈلمىگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن كاتتا ئالىملار ماڭا ئۇستاز ئەمەس، بەلكىدە يا رەقىب بولاتتى ياكى مېنىڭ ئالدىمدا گەپ قىلالمايتتى. ئۆزىنى مېنىڭ يېنىمدا ئۇستاز ھېسابلايدىغان ھېچكىم چىقمىغان ئىدى. مەن بۇ ھەققىمنى 56 يىلدىن كېيىن ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولدۇم. بۇنىڭدىن يۈز يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن مەۋلانا زۇلجەناھەين خالىد زىيائۇددىن ماڭا ئۆزىنىڭ تونى بىلەن بىللە بىر سەللە ئەۋەتتى، ھازىر شۇ توننى كىيىۋاتىمەن. بۇ مۇبارەك ئامانەتنى رىسالەئى نۇر تالىپلىرىدىن ۋە ئاخىرەتلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاسىيە ئىسىملىك ئالىيجاناپ بىر خانىمنىڭ قولى بىلەن ئالدىم»[10].
سەئىد نۇرسىي 14 يېشىدا رەقىبسىز بىر ئالىم بولغانلىقىنى دەۋا قىلىپ تۇرسۇن، «تارىخچەئى ھايات» ىدا ئۇنىڭ 15-16 ياشلىرىغا قەدەر پۈتۈن بىلىمىنىڭ سۇناھات تۈرىدىن بولغانلىقى»[11] ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. سۇنۇھات كىشىنىڭ كۆڭلىگە ۋە خاتىرىسىگە كەلگەن نەرسىلەر دېمەكتۇر.[12] ئۇنداق نەرسىلەر ئىلىم دېيىلىدىغان ئىش بولسا، يەر يۈزىدە ئالىم ھېسابلانمايدىغان ھېچكىم قالمايدۇ.
 
داۋامى بار…..


[1]– سەئىد نۇرسى يازغان كىتابلار «رىسالەئى نۇرلار» دەپ ئاتىلىدۇ.

[2]– رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، يېڭى ئاسىيا نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1995، تارىخچەئى ھايات، 2- جىلد، 2124- بەت. بۇ كىتابنىڭ «تەقدىم» ىدە كىتابنىڭ 1958- يىلى تەييارلانغانلىقى، سەئىد نۇرسىنىڭ كونترول قىلغانلىقى ۋە تۈزەتكەنلىكى ئىپادىلەنمەكتە.

[3] – رىسالەئى نۇر كۇللىياتى، يېڭى ئاسىيا نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1995، تارىخچەئى ھايات، دەسلەپكى ھاياتى، ھاشىيە 2، 2- جىلد، 2123- بەت

[4]– مۇھەممەد رىزا مۇزەففەر، ئەقائىدى ئىمامىييە، شىئە ئېتىقادلىرى، (ئابدۇللاھ گۈلپىنارلى تەرجىمىسى) ئىستانبۇل 1978، 52-53- بەتلەر.

[5]مۇھەممەد رىزا مۇزەففەر، ئەقائىدى ئىمامىييە، شىيئە ئېتىقادلىرى، (ئابدۇللاھ گۈلپىنارلى تەرجىمىسى) ئىستانبۇل 1978، 52- بەت.

[6]– ئەمىرداغ لاھىقىسى، 2- جىلد، 1768- بەت.

[7]– ۋان تۈركىيەنىڭ بىر ۋىلايىتى.

[8]بۇ تەرجىمىھال ئىستانبۇل مۇپتىلىقى ئارخىپىدا ئوسمانىيە ئۆلىمالىرىغا ئائىت خاتىرە ھۆججەتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىدى. كېيىن دەپتەرنىڭ ئىچى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇقدالغان بولۇپ، سادىق ئالبايراق بۇلارنى بۇرۇن يېزىپ نەشىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ھازىر ئۇ تەرجىمىھالنى پەقەت ئۇنىڭ كىتابىدىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.- (سادىق ئالبايراق ئاخىرقى دەۋر ئوسمانىيە ئۆلىمالىرى، ئىستانبۇل 1996، 4- جىلد، 271- بەت).

[9]– تارىخچەئى ھايات، دەسلەپكى ھايات، 2129- بەت.

[10]– كاستامونۇ لاھىقىسى، 27- مەكتۇپ، 2- جىلد، 1609- بەت.

[11]تارىخچەئى ھايات، دەسلەپكى ھايات، 2128- بەت.

[12]– شەمسۇددىن سامىي، قامۇسى تۈركىي 738- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر