مۇسۇلمانلار

ۋەخپە دېگەن نېمە؟

سوئال:
 ۋەخپە دىگەن نېمە؟ ئۇنىڭ تۈرى قانچە خىل؟ ئۇنى قانداق ئورۇنلارغا ئشلىتىشكە بولىدۇ؟ قانداق ئورۇنلارغا ئشلىتىشكە بولمايدۇ؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
جاۋاب
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ۋەخپە دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىسى ئەرەبچە «وقف» بولۇپ، لۇغەت مەناسى تۇرغۇزماق، توختاتماق دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ شەرئىي مەناسى بولسا، بىر مۈلۈك (يەر، سۇ، ئۆي – ئىمارەت، كىتاب، مال-چارۋا قاتارلىقلار) نى ئاللاھ يولىدا توختىتىپ، ئۇ مۈلۈكنىڭ پايدىلىرىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىش، دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: مەسچىت-جامە، مەكتەپ-مەدرىسە، دارىلئېتام ۋە دارىلئاجىزىن… قاتارلىق خەيرىيەت مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە تەسەررۇپىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مۈلۈكلەر، ۋەخپە دەپ ئاتىلىدۇ. دىنىمىز بۇ ئىشقا يەنى بىرەر مۈلكىنى بۇ شەكىلدە ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلىشقا تەشۋىق قىلىىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَى وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآَثَارَهُمْ وَكُلَّ شَيْءٍ أحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُبِينٍ»
«شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە بىر-بىرلەپ خاتىرلەپ قويغانمىز»- ياسىن 36/12.
«إِذَا السَّمَاءُ انْفَطَرَتْ (1) وَإِذَا الْكَوَاكِبُ انْتَثَرَتْ (2) وَإِذَا الْبِحَارُ فُجِّرَتْ (3) وَإِذَا الْقُبُورُ بُعْثِرَتْ (4) عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا قَدَّمَتْ وَأَخَّرَتْ (5)»
«ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار چېچىلغان چاغدا، دېڭىزلەر بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا، قەبىرلەرنىڭ ئىچى تېشىغا قىلىنغان چاغدا، ھەر ئادەم قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى بىلىدۇ»- ئىنفىتار 82/1-5.
مانا بۇ ئايەتلەردىكى «قالدۇرغان ئەسەرلەر» بىرەر مۈلكىنى ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلغان كىشى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئۇ ۋەخپىنىڭ ساۋابى ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشقا تەشۋىق قىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىكى «سەدىقە جارىيە» ۋە «پايدىلىق ئىلىم» مۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:   
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، سەدىقە جارىيە يەنى ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد-جامە، مەكتەپ- مەدرىسە… سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.
ۋەخپە قىلىش ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ بىرى پېئىل يەنە بىرى سۆز. مەسىەن:
بىر كىشى بىر مەسچىت ياكى بىر مەكتەپ سالغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ بۇ مەسچىتنى سالغانلىقى (پېئىلى) ئۇنى ۋەخپە قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ مەن بۇ مەسچىتنى ئاللاھ يولىدا ۋەخپە قىلدىم دېيىشىگە ھاجەت يوق. چۈنكى ئۇ نەرسىلەرنى سېلىش ئىشى ئۇ نەرسىلەرنىڭ ۋەخپە قىلىنىدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ.
مەسچىت،جامە ياكى مەكتەب-مەدرىسەدىن باشقا بىرەر نەرسىسىنى ۋەخپە قىلماقچى بولغان كىشى ئۇ نەرسىسىنى ۋەخپە قىلغانلىقىنى يېزىپ مۆھۈرلىشى ياكى جامائەتنىڭ ھۇزۇرىدا سۆزلەپ ئېلان قىلىشى كېرەك.
ۋەخپە قىلىنغان نەرسىنى سېتىشقا ياكى ھەدىيە قىلىشقا ۋە ياكى مىراس قىلىپ بۆلۈشۈشكە بولمايدۇ. ئۇ قايسى ياخشى يولغا ۋەخپە قىلىنغان بولسا شۇ يولغا تەسەررۇپ قىلىنىشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر