مۇسۇلمانلار
ۋارىسلار ۋە ئۈلۈشلىرى 1

ۋارىسلار ۋە ئۈلۈشلىرى

1.      ئاتا – ئانا ۋە ئۈلۈشلىرى

بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالىدۇ. بۇ ئۈلۈشنىڭ مىقدارى ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولۇپ بولمىغانلىقىغا ۋە قېرىنداشلىرى بولۇپ بولمىغانلىقىغا قاراپ تۆۋەندىكىچە ئۆزگىرىدۇ:

ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولسا ئاتا – ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ.

ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالىسى بولمىسا، مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئانىسىغا ، قالغان ئۈچتىن ئىككىسى ئاتىسىغا تېگىدۇ.

ئەگەر مېيىتنىڭ قېرىنداشلىرىمۇ بولسا، مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى ئانىسىغا، قالغان بەشى ئاتىسىغا تېگىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿…وَلِأَبَوَيۡهِ لِكُلِّ وَٰحِدٖ مِّنۡهُمَا ٱلسُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِن كَانَ لَهُۥ وَلَدٞۚ فَإِن لَّمۡ يَكُن لَّهُۥ وَلَدٞ وَوَرِثَهُۥٓ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ ٱلثُّلُثُۚ فَإِن كَانَ لَهُۥٓ إِخۡوَةٞ فَلِأُمِّهِ ٱلسُّدُسُۚ … ١١﴾

«ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولسا، ئاتا – ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولغان بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ»[1].

ئەسكەرتىش:

مېيىتنىڭ قېرىنداشلىرى ئۆزى مىراستىن ئۈلۈش ئالالمىسىمۇ ئانىسىنىڭ ئۈلۈشىنى ئۈچتىن بىرى بولۇشتىن ئالتىدىن بىرى بولۇشقا چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

بۇ يەردىكى قېرىنداشلار مېيىتنىڭ ئاتا بىر ياكى ئاتا – ئانا بىر قېرىنداشلىرىدۇر، چۈنكى ئانىسى بىر، ئاتىسى باشقا قېرىنداشلار بولسا ئانىنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئاز، ئاتىنىڭ ئۈلۈشىنىڭ كۆپ بولۇشىغا سەۋەبچى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېرىنداشلارنىڭ بارلىقى ئاتىنىڭ ئۈلۈشىنى كۆپەيتىدۇ، چۈنكى ئاتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن نەرسىدىن بۇلار پايدىلىنىدۇ: ئاتا ئۇلارنى ئۇ ئۈلۈش بىلەن باقىدۇ، ئاتا ۋاپات بولغاندا ئۇلار بۇنى مىراس سۈپىتىدە ئۈلىشىدۇ. 

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 410 – 411.

[1] 4 – سۈرە نىسا ، 11 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر