مۇسۇلمانلار

ھەيز دېگەن نېمە؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
ھەيز دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق ئىشلارغا توسالغۇ بولىدۇ؟ ئۇنىڭ مۇددىتى قانچە كۈن؟مۇسلىمە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ھەيز ھەر ئاينىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە قىز-خانىملارنىڭ رەھىملىرىدىن مەخسۇس سۈپەتتە كېلىدىغان قاندۇر. ئۇ ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇشقا ۋە ناماز ئوقۇشقا توسالغۇ بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُواْ النِّسَاء فِي الْمَحِيضِ وَلاَ تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىَ يَطْهُرْنَ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللّهُ إِنَّ اللّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ھەيز كۆرۈۋاتقان مەزگىلدە ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولمىغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. ئۇلار ئوبدان پاك بولغان چاغدا ئاللاھ بۇيرۇغان يەردىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى،  ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئوبدان پاك بولغۇچىلارنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ›»- بەقەرە 2/222.
بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ھەيز بىر ئەزىيەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ(ھەيز) مەزگىلدە ئەر-خوتۇن بىر يەردە بولۇش ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئەزىيەتتۇر (زىيانلىقتۇر).
يەنە بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ھەيزدار ئايال ھەيز مەزگىلىدە ناپاك ھېسابلىنىدۇ. مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا ناماز ئۈچۈن تاھارەت (پاكلىق) نى شەرت قىلىدۇ.
قىز-خانىملار ھەيزنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەئالانىڭ بەلگىلىشى بىلەن كۆرگەنلىكى، ئاللاھ تەئالا ھەيزدار ئايالنى پاك ھېسابلىمىغانلىقى ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ نامازغا تاھارەتنى شەرت قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەيزدار ئايال ھەيز كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە پاك بولغاندىن كېيىن ئۇ كۈنلەردە ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ئاداسىنى قىلىش ئەركىنلىكى بولمىغان بىر ئىبادەتنىڭ كېيىن قازاسىنى قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بولۇشى بىر زۇلۇمدۇر. ئاللاھ زۇلۇمدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.
ھەيزنىڭ مۇددىتى
ھەيزنىڭ مەلۇم مىقداردا بەلگىلەنگەن مۇقىم بىر ۋاقتى يوق. ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيزنىڭ ۋاقتى ھەر ئايالنىڭ ھەيز كۆرۈش ئادىتىگە قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى ئاياللارنىڭ 3 كۈن، بەزىسىنىڭ 4 كۈن، بەزىسىنىڭ 5،…..
بىر ئايال ئادەتتە ھەيز كۆرىدىغان كۈندىن ئارتۇق قان كۆرسە ئۇنىڭ بۇ ئارتۇق كۈندە كۆرگىنى ھەيز ئەمەس، ئىستىھازە قېنى (خۇن كېسىلى قېنى) ھېسابلىنىدۇ. خۇن كېسىلى قېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم مۇنداق:
خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللار خۇن كېسىلى بولۇشتىن بۇرۇنقى ئايلىق ئادەت مەزگىلىدە ناماز ئوقۇمايدۇ، باشقا كۈنلەردە كۆرگەن قېنى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىپ ئۇ ئايال ئۈچۈن خۇن كېسىلىنىڭ ھۆكۈملىرى بېرىلىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئايالنىڭ ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئالتە كۈن ھەيز كۆرىدىغان ئادىتى بولسا، ئۇ ئايال ئالتە كۈندىن كېيىنمۇ قان كۆرسە، ھەر ئاينىڭ بېشىدىكى ئالتە كۈن ئۇ ئايالنىڭ ھەيز ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. قالغان كۈنلەر(دىكىسى بولسا) خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيش:« يا رەسۇلۇللاھ! مەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالدىم، دائىم قان كېلىدۇ، پەقەت پاك بولمايمەن، نامازنى ئوقۇمىساممۇ بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ياق، بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. سىز ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان مۇددەتتە ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن. [بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممۇ ھەبىبىگە: «ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيسىز» دېگەن.
بۇنىڭغا ئاساسەن خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال ھەر ئايدا ھەيز كۆرىدىغان كۈنلىرىنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قاننىڭ كېلىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ.
بەزى ئاياللاردا خۇن كېسىلى بولۇشتىن بۇرۇن مەلۇم ئايلىق ئادەت كۈنى بولمايدۇ. تۇنجى قېتىم قان كەلگەندىن تارتىپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ. بۇنداق ئاياللار ھەيز بىلەن خۇن كېسىلىنىڭ قېنىنىڭ ئارىسىنى قاننىڭ رەڭگىگە قاراپ ئايرىيدۇ. ھەيزنىڭ قېنى قارامتۇل بولىدۇ. قارامتۇل كەلگىنى ھەيزنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ، قالغانلىرى خۇن كېسىلىنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئايالدىن تۇنجى قېتىم قان كەلدى ۋە بۇ داۋاملاشتى. لېكىن 10 كۈن قاننىڭ رەڭگى قارامتۇل، 20 كۈن قاننىڭ رەڭگى قىزىل كېلىدۇ. رەڭگى قارا بولغىنى ھەيز ھېسابلىنىدۇ. قالغانلىرى خۇن كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پاتىمە بىنتى ئەبىي ھۇبەيشكە:
«ھەيزنىڭ قېنى رەڭگىنىڭ قارامتۇللىقى بىلەن بىلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ناماز ئوقۇمايسىز، بۇنىڭدىن كىيىن ناماز ئوقۇيسىز. بۇ ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك» دېگەن سۆزىدۇر. [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن].

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر