مۇسۇلمانلار

ھەقلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى

ئايال كىشىنىڭ ھەقلىرى ۋە ۋەزىپىلىرى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَى بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا»
«ئەرلەر ئاياللىرىنى باشقۇرغۇچى ۋە ساقلىغۇچىلاردۇر. بۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ماللىرىدىن چىقىم قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر[1]. ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر ۋە ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر[2]. سىلەر نۇشۇزىدىن[3] قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ئۇلارنى ياتاقلاردا يالغۇز قويۇڭلار، ئۇلارنى ئۇرۇڭلار[4]. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا بىر يول ئىزدىمەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر»- نىسا 4/34.

[1]– ئەر كىشى توي ئەسناسىدا ئايالغا تويلۇق بېرىدۇ ۋە تويدىن كېيىن ئائىلىنىڭ پۈتۈن چىقىمى ئەرگە يۈكلىنىدۇ.

[2]– يەنى ئاللاھ تائالا ئاياللارغا مىراستىن ھەسسە بەردى (نىسا 4/ 7، 11، 12، 33). ئۇلارغا چاپلانغان قارىلارنىڭ تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەگەر قارا چاپلىغۇچى دەۋاسىنى تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇنىڭ يالغانچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 80 دەررە ئۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى (نۇر 24/4). تېخى كىچىك چېغىدىلا تىرىك كۆمۈۋېتىلىدىغان ئاياللارنىڭ (نەھل 16/59) ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى (ئال ئىمران 3/195؛ نىسا 4/25؛ تەۋبە 9/71؛ ھۇجۇرات 49/13) ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىق قىلىنىشى پەرز بولغان ئانا (بەقەرە 2/83؛ نىسا 4/36؛ ئەنئام 6/151؛ئەسرا 17/23؛ ئەھقاف 46/15)، ئىلاھىي ئامانەت سۈپىتىدە ساقلىنىشى پەرز بولغان رەپىقە (ۋىدا خۇتبىسى)، ئاسراپ بېقىلىشى، ھىمايە قىلىشىنى، كۆڭۈل بۆلۈنۈشى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى پەرز بولغان قىز پەرزەنت (مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر) بولغانلىقى ئەسلىتىلدى. مانا ياخشى ئاياللار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىنايەت ۋە ئىلتىپاتى سەۋەبىدىن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلايدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ ۋە ئەرلىرىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزمەيدۇ. قىسقىسى ياخشى ئاياللار: «ئاللاھ ماڭا نۇرغۇنلىغان ھەق-ھوقۇقلارنى ساقلاپتۇ، مەن ئۆزۈمنى ساقلاي» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلاش» بۇيرۇقىنى ھەرگىزمۇ سۇيىئىستېمال قىلمايدۇ.  

[3]– نۇشۇز دېگەن سۆز لۇغەتتە كۆپمەك، ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك، تومپايماق، ئېگىز يەردە تۇرۇپ قارىماق، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆز (نۇشۇز) قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە (نىسا سۈرىسىنىڭ 34- ئايىتىدە) ئاياللار ئۈچۈن، بىر يەردە (نىسا سۈرىسىنىڭ 128- ئايىتىدە) ئەرلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.- (لىسانۇلئەرەب، قامۇس، مەقايىسۇللۇغە، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان). شۇنىڭ ئۈچۈن تەپسىرلەردە بۇ سۆز ئۆزىنىڭ لۇغەت مەنىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزاھلىنىدۇ. بىز ئۇ مەنىلەرنى بىر كەلىمە بىلەن ئىپادىلىيەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ كەلىمىنى ئەينەن ئېلىپ بەت ئاستىغا مەزكۇر مەنىلەرنى بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق:
1- ئاياللارنىڭ نۇشۇزى، ئۆزىنى ئېرىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئېرىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئەرلەرگە قارىشى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئېرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى، شۇنداقلا ئېرىگە ئىتائەت قىلماسلىقى، قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
2- ئەرلەرنىڭ نۇشۇزى بولسا، ئۆزىنى ئايالىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى ۋە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىشى، ئايالىنى يامان كۆرۈشى ۋە باشقا ئاياللارغا قارىشى، بۇنىڭ نەتجىسىدە ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىشى، قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ سۈرىنىڭ (نىسا سۈرىسىنىڭ) 34- ئايىتىدە ئاياللىرىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئەرلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرى، 128- ئايىتىدە بولسا، ئەرلىرىنىڭ نۇشۇزىدىن قورققان ئاياللارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

[4]– بۇ ئىشلار تەرتىپ بىلەن قىلىنىدۇ: ئۇلارغا ئالدى بىلەن نەسىھەت قىلىنىدۇ، بۇ ئۈنۈم بەرمىسە ياتاقتا يالغۇز قويۇلىدۇ، بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە ئەدەپلەش ۋە تەربىيەلەش يۈزىسىدىن ئۇرۇلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز بالىلىرىنى ئۇرغىنىدەك، ئۇستازنىڭ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇرغىنىدەك تەربىيە مەقسىتى بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى چارىدۇر ۋە بۇ چارىنى قىلغان چاغدا ئايال كىشىنىڭ بىرەر ئەزاسىنى كاردىن چىقىرىۋېتىشقا، يۈزىگە ئۇرۇشقا ۋە بىرەر يېرىدىن قان ئاققۇدەك ئۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر