مۇسۇلمانلار

ھەزرىتى ئادەم پەيغەمبەرمۇ؟

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام 1 ـ ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەردۇر. بۇنىڭغا ئىككى دەلىل بار:

بىرىنچى دەلىل: ئاللاھ تەئالا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 33 – ئايىتىدە ئۆزىنىڭ «ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى پەيغەمبەرلىككە تاللىغان» لىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئىككىنچى دەلىل: مائىدە سۈرىسىنىڭ 27 -، 28 – ۋە 29 – ئايەتلىرىدە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھېكايىدە ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرەردىن قۇربانلىق قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ يەنى ھابىلنىڭ يەنە بىرىگە يەنى قابىلگە سۆزلىگەن سۆزلىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋە ھابىلنىڭ ئۇ ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى بىر پەيغەمبەرنىڭ تەلىماتى بىلەن بولىدىغان ئىشلاردۇر.

دېمەك، ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشلارنى ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن ئۆگىنىپ ئوغۇللىرىغا ئۆگەتكەن. ئاللاھ تەئالادىن ۋەھىي ئېلىپ، باشقىلارغا يەتكۈزگەن كىشى پەيغەمبەردۇر.

2 ـ ئاللاھ تەئالا فاتىر سۈرىسىنىڭ 24 – ئايىتىدە ھەر ئۈممەتكە بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ؛ نىسا سۈرىسىنىڭ 164 – ئايىتىدە بولسا ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلغانلىقىنى، بەزىسىنى بايان قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

دېمەك، ئاللاھ تەئالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە نۇرغۇن پەيغەمبەر ئەۋەتكەن، بۇلارنىڭ بەزىسىنى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بايان قىلغان، بەزىسىنى بايان قىلمىغان.

تارىختا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بايان قىلىنغانلىرىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە قارىشىمىز كېرەك. قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ئۆتىدۇ. بۇلاردىن 18 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83 – ئايىتىدىن 86 – ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

1 – ئىبراھىم، 2 – ئىسھاق، 3 – يەئقۇب، 4 – نۇھ، 5 – داۋۇد، 6 – سۇلەيمان، 7 – ئەييۇب، 8 – يۇسۇف، 9 – مۇسا، 10 – ھارۇن، 11 – زەكەرىييا، 12 – يەھيا، 13 – ئىيسا، 14 – ئىلياس، 15 – ئىسمائىل، 16 – ئىليەسەئ، 17 – يۇنۇس، 18 – لۇت (ئەلەيھىمۇسسەلام).

ئۇ 25 پەيغەمبەردىن ئىدرىس، ھۇد، شۇئەيب، سالىھ، زۇلكىفل، ئادەم ۋە مۇھەممەد (ئەلەيھىمۇسەلام) قاتارلىق 7 پەيغەمبەر باشقا ئايەتلەردە زىكىر قىلىنىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ئادەم ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەردۇر. قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەر 25 دۇر. ئاللاھ تەئالا زېمىنغا نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ سانىنى ئاللاھ تەئالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

3 ـ پەرز نامازغا تەكبىر ئوقۇلغاندا نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان كىشى، قانچە رەكئەت نەپلە نامازغا شۇرۇئ قىلغان بولسا بولسۇن، شۇرۇئ قىلغان نامىزىنى قىسقىلا ئىككى رەكئەت قىلىپ تاماملاپ پەرزگە يېتىشىۋېلىشى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر