مۇسۇلمانلار

ھەر ئىنسان ئامانەتدار!

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
سۈرە ئەھزابنىڭ 72ـ73 ـ ئايەتلىرىنى شەرھىلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ تەئەلا رەھمەت قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَنْ يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنْسَانُ إِنَّهُ كَانَ ظَلُومًا جَهُولًا (72) لِيُعَذِّبَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ وَيَتُوبَ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا (73)»
تەرجىمىسى:
«72- بىز ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق. ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشتىن چېكىندى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى. ئۇ ھەقىقەتەن زالىمدۇر، ناداندۇر.
73- بۇ، ئاللاھنىڭ مۇناپىق ئەرلەرنى ۋە مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئازابلىشى ئۈچۈندۇر، مۇئمىن ئەرلەرنىڭ ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/72-73.
72- ئايەت كائىناتنىڭ ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىنى تەمسىلىي بىر شەكىلدە بايان قىلىدىغان ئايەتتۇر. بۇ يەردىكى ئامانەت ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكىدۇر. ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە بۇ ئەركىنلىكنىڭ ئاسمانلار، زېمىن ۋە تاغلاردا يوقلىقىنى، ئىنسانلاردا بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر.
يەنى ئاسمانلار، زېمىن ۋە تاغلارنىڭ يامانلىق قىلىش ئەركىنلىكى يوق. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغان بولۇپ، ئىنسانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى قىيامەتكە قەدەر ئورۇنداپ تۇرىدۇ، بۇ ۋەزىپىسىدە ئەسلا بوشاپ قالمايدۇ.
ئىنسانلاردا بۇ ئەركىنلىك بار. ئىنسانلار بۇ ئەركىنلىكىنى ياخشىنى تاللاشقا ئىشلەتسە توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ ئەركىنلىكىنى ياماننى تاللاشتا ئىشلىتىپ نەتىجىدە زالىم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ بۇزۇقلۇقنىڭ زىيىنىنى شۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرى تارتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان يەتكۈزگەن نادانلار بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ»
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41.
ئەگەر ئاسمان، زېمىن ۋە تاغلارنىڭ ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئەركىنلىكى بىلەن ياماننى تاللاپ گۇناھ قىلغان بولسا، نەتىجىدە مەيدانغا كېلىدىغان بۇزۇقلۇقنىڭ زىيىنىنى ئۇلار (ئاسمانلار، زېمىن ۋە تاغلار) لا تارتمايتتى، ئەكسىچە بۇنىڭ زىيىنىنى بارلىق مەخلۇقات ۋە مەۋجۇدات تارتاتتى، ھەتتا يەر يۈزى جانلىقلار ياشىيالمايدىغان بولۇپ قالاتتى.
شۇڭا مېھرىبان ئاللاھ گۇناھ قىلسا زىيىنىنى ئۆزىلا تارتىدىغان ئىنسانغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن، گۇناھ قىلسا زىيىنىنى پۈتۈن مەخلۇقات تارتىدىغان ئاسمان، زېمىن ۋە تاغلارغا ئۇنداق ئەركىنلىك بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئىتائەت قىلىدىغان قىلىپ ياراتقان.
ئاسمان-زېمىننىڭ ئىتائەتتىن باشقىسىنى ئىختىيار قىلالمايدىغان ھالەتتە يارىتىلغانلىقىنى مۇنۇ ئايەتلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
«قُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِالَّذِي خَلَقَ الْأَرْضَ فِي يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُ أَندَاداً ذَلِكَ رَبُّ الْعَالَمِينَ {9} وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ مِن فَوْقِهَا وَبَارَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَا أَقْوَاتَهَا فِي أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَاء لِّلسَّائِلِينَ {10} ثُمَّ اسْتَوَى إِلَى السَّمَاء وَهِيَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ اِئْتِيَا طَوْعاً أَوْ كَرْهاً قَالَتَا أَتَيْنَا طَائِعِينَ {11} فَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْنِ وَأَوْحَى فِي كُلِّ سَمَاء أَمْرَهَا وَزَيَّنَّا السَّمَاء الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَحِفْظاً ذَلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ {12}»
«9- ئېيتقىنكى: ‹سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان زاتقا تۇزكورلۇق قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر.
10- ئۇ، زېمىنغا ئۈستىدىن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، زېمىنغا ئوزۇقلۇقلىرىنىڭ قانۇنلىرىنى بېكىتتى. بۇلارنى باراۋەر تۆت كۈندە قىلدى. بۇنى تەلەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن قىلدى.
11- ئاندىن تۇمان ھالىتىدىكى ئاسمانغا يۆنەلدى، ئۇنىڭغا ۋە زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز كېلىڭلار» دېدى. ئۇ ئىككىسى: «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى.
12- شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىككى كۈندە يەتتە ئاسمان قىلىپ ئايرىدى ۋە ھەر ئاسمانغا ۋەزىپىسىنى ۋەھىي قىلدى. بىز زېمىنغا ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ غالىب ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر›»- فۇسسىلەت 41/9-12.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر