مۇسۇلمانلار

تۇراقسىزلىق

ھەج سۈرىسىنىڭ 11-16- ئايەتلىرىنىڭ بايانى

 (ئىمان ۋە شېرىك ئارىسىدا قارارسىزلىق)

 

ئۆزىنىڭ شەخسى ئارزۇسى ۋە مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلار ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بېرىشىنى لېكىن ئەمىر بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. بەزىلىرى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنى دۇنيالىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ. بۇ ئىنسانلار ئىشلىرى ياخشى يۈرۈشسە، دىنغا چىڭ ئېسىلىدۇ. ئىشلىرى يۈرۈشمەي يامان تەرەپكە مېڭىپ قالسىلا ئۈمىدسىزلىنىپ، دىن يولىدىن چىقىدۇ. بۇ خىل ئىنسانلار دىنغا، توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلىدۇ. دىندىن كېلىۋاتقان پايدىدا ئۆزگىرىش بولغان ھامان قارارلىرىمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇلارنى قارارسىزلار دېيىش مۇۋاپىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ خىل ئىنسانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛ 

(وَمِنَ النَّاسِ مَن يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَى حَرْفٍ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انقَلَبَ عَلَى وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ذَلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ. يَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُ وَمَا لَا يَنفَعُهُ ذَلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُ. يَدْعُو لَمَن ضَرُّهُ أَقْرَبُ مِن نَّفْعِهِ لَبِئْسَ الْمَوْلَى وَلَبِئْسَ الْعَشِيرُ. إِنَّ اللَّهَ يُدْخِلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يُرِيدُ. مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاء ثُمَّ لِيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ). 

«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشى باركى، ئاللاھقا تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسا خۇشال بولىدۇ، ئەگەر بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا يېنىۋالىدۇ. ئۇنداق بىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق-ئاشكارا زىياندۇر. ئۇ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلىدۇ. مانا بۇ ناھايىتى چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتۇر. ئۇ پايدىسىدىن زىيىنى يېقىن كىشىگە دۇئا قىلىدۇ. ئۇ كىشى نېمىدېگەن يامان مەۋلا  ۋە نېمىدېگەن يامان ھەمراھتۇر! ئاللاھ ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلسا ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزارتسۇن، ئاندىن كېيىن ئۈزسۇن. ئاندىن قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟»-ھەج،22/11-15.

( يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اسْتَعِينُواْ بِالصَّبْرِ وَالصَّلاَةِ إِنَّ اللّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ).

«ئى مۇئمىنلار! سەبىر قىلىش ۋە ناماز ئۆتەش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سەبىر قىلغۇلار بىلەن بىللىدۇر»-بەقەرە،2/153.

بەزى ئىنسانلار ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان چاغدا ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىۋاستە ئاللاھقا يالۋۇرماستىن، ئاللاھقا يېقىن دەپ قارىغان كىشىلەرنى ئارىغا ۋاستىچى قىلىدۇ. مەسىلەن:  ئەييۇپ سولتان مازىرىغا ئوخشاش ئۆزى پىر-ئەۋلىيا دەپ ئويلىغان ئىنسانلارنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ روھلىرىدىن مەدەت تىلەيدۇ. بۇ پىر-ئەۋلىيالار تەلەپلىرىنى قاندۇرالمىسا، ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىنى بېرەلمىسە، كۆڭلىدە ئاللاھقا يېقىن دەپ بىلىۋالغان تېخىمۇ چوڭ، ئۇلۇغ دەپ قارىغان ئىنسانلارنىڭ يېنىغا يۈگرەيدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئىنسانلار، كەلگەنلەرنىڭ ئۆزىگە باغلىنىشىنى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزاسى بولۇش شەرتى ئاستىدا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. بۇ كەلگەنلەرمۇ ئۇلارغا باغلىنىشنى تاللايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇلاردىن ياردەم ئېلىش كېرەك دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارغا ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ، ئالدىدا ھەر دائىم ھۆرمەت بىلەن ئېگىلىپ تۇرىدۇ، ھەمدە بۇلارنىڭ ئاللاھتىن ئالغان بىر قابىلىيەت بىلەن ئۆزىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ، ھەم ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدۇ. چۈنكى، ئۇ شېرىك ئېتىقادقا چۈشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ؛ 

(اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُواْ إِلاَّ لِيَعْبُدُواْ إِلَهًا وَاحِدًا لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ).

« ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلىرى قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر»-تەۋبە،9/31. 

بىز قۇلنىڭ ئىگىسىنى خۇجايىن دەيمىز. بىر دىندارنى ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىغا بىر رەب، بىر خۇجايىن قىلىپ تىكلىۋالغان كىشى ئۇنىڭغا ئىلاھنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بەرگەن بولىدۇ. بۇ ئىنساننى شېرىككە سۆرەپ كىرىدۇ. ھەقىقەتەن، خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسالامنى ئارىغا تىكلىگەن ۋە ئۇنى رەب دېگەن ئىدى. 

يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ تەرجىمىسىگە قارشى قىلىنغان ئەڭ ئۇيغۇن ئېتىراز مۇنداق: 

«ھاخام ۋە رۇھبان سۆزلىرى ئەھلى كىتابنىڭ دىن ئادەملىرىگە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. سىز بۇ تەرجىمىدە مۇسۇلمان ئالىملارنىمۇ بۇ دائىرىگە كىرگۈزىۋىتىپسىز؟». 

بۇ ئېتىرازغا مۇنداق جاۋاب بېرىلىدۇ؛ 

دىن ئالىملىرىنى ۋە دىن بۈيۈكلىرىنى خۇجايىنىم دەپ قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا قۇل بولغان ۋە ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلغانلار، ئۇلارنى رەب قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئەھلى كىتاب بىلەن ئوخشاش بىر سەپتە بولىدۇ. 

ئادى ئىبن ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا بوينۇمغا  ئالتۇن بىر كرېستنى ئېسىپ كەلگەن ئىدىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام، ئادى، ئۇ بۇتنى تاشلا دېدى ۋە يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئۇقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇلارغا ئىبادەت قىلمىدى. لېكىن، ئۇلار بىر نەرسىنى ھالال دېسە، ئۇنى ھالال ھېسابلىدى، ھارام دېسە، ئۇنى ھارام ھېسابلىدى»  ئۇلارنىڭ ئىلاھ قىلىنىشى مانا مۇشۇنداق بولغان.

ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك، قېيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغان ياكى پىشكەللىككە ئۇچرىغان كىشىنىڭ، ئاللاھقا يېقىن دەپ قارىغان ۋاستىچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىشى ۋە قېيىنچىلىقلارنى بۇ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە بارسا كەلمەس يولغا كىرىپ قالغانلىقتۇر. بۇ يولغا كىرىپ قالغانلارنىڭ قۇتۇلىشىدا ھېچ ئۈمىد يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: 

(وَمَن يُشْرِكْ بِاللَّهِ فَكَأَنَّمَا خَرَّ مِنَ السَّمَاء فَتَخْطَفُهُ الطَّيْرُ أَوْ تَهْوِي بِهِ الرِّيحُ فِي مَكَانٍ سَحِيقٍ).

«كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، بىلسۇنكى، ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىپ قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى بوران ئېلىپ يىراق بىر جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ»-ھەج، 22/31.

ئىنسان بۇنداق ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قالغاندا دەرھال ۋاستىچىلارنى تاشلاپ ئىككىلەنمەستىن ئاللاھقا يۈزلىنىشى ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن ئاللاھنىڭ ياردىمىنى ساقلىشى كېرەك. ئاللاھ بىزنى قىيىنچىلىقلار بىلەن سىنايدىغانلىقى ئۈچۈن سەۋىر قىلىش ناھايتتى مۇھىمدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ؛ 

(مَن كَانَ يَظُنُّ أَن لَّن يَنصُرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ فَلْيَمْدُدْ بِسَبَبٍ إِلَى السَّمَاء ثُمَّ لِيَقْطَعْ فَلْيَنظُرْ هَلْ يُذْهِبَنَّ كَيْدُهُ مَا يَغِيظُ).

«كىم ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلسا ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزارتسۇن، ئاندىن كېيىن ئۈزسۇن. ئاندىن قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟»-ھەج، 22/15.

بۇ ئايەتنىڭ ئارقىدىنلا مۇنداق ئايەت كىلىدۇ: 

(وَكَذَلِكَ أَنزَلْنَاهُ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ وَأَنَّ اللَّهَ يَهْدِي مَن يُرِيدُ).

«بىز قۇرئاننى مانا مۇشۇنداق روشەن ئايەتلەر ھالىتىدە نازىل قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ»-ھەج،22/16.

بۇ ئايەتنىڭ ھازىرغىچە ئەنئەنىۋى(كلاسسىك) ئۇسلۇپتا قىلىنغان نۇرغۇنلىغان تەپسىرلىرى بولسىمۇ، بۇ يەردە يەنە قۇرئاننى، قۇرئان بىلەن بايان قىلىش ئۇسلۇبى بار، بۇ ئۇسلۇب، «روشەن ئايەتلەر»نىڭ قانداق مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

1- ئەنئەنىۋى «كلاسسىك» ئۇسلۇب

تەپسىرلەردە ۋە تەرجىمىلەردە بۇ ئايەت ئۈچ شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. 

1) بىرىنچى، «كىم ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلسا» دېگەن ئايەتتىكى «ئۇ» دېگەن ئالماش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ كۆز قاراشتا بولغان ئۆز ئىچىدە ئىككىگە بۆلىنىدۇ. بىر قىسمىنىڭ قارىشىدا، ئايەتتىكى «سەۋەب» ئارغامچا، ئاسمان (السَّمَاء) بولسا ئۆينىڭ تورۇسى دېگەن مەنىدە دەيدۇ. بۇ چاغدا ئايەتنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ.

«كىمكى ﷲ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟». 

ئەلمالى مۇھەممەد ھەمدى يازىر، ھەسەن بەسرى چانتاي، ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، بەكىر ساداق، سۇئات يىلدىرىم، مۇھەممەد ھەمىدۇللاھ بىلەن ئەلى ئۆزەك، خەيرىددىن قارامان قاتارلىقلار بۇ مەنىنى تاللايدۇ .

ئىككىنچى قىسىمنىڭ قارىشىدا، ئايەتتىكى، «ئاسمان» (السَّمَاء)– بىز بىلىدىغان ئاسمان، «سەۋەب»مۇ شۇ «سەۋەب» دەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: 

«كىم ئاللاھنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلسا ئاسمانغا بىر سەۋەب ئۇزارتسۇن، ئاندىن كېيىن ئۈزسۇن. ئاندىن قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟».

مۇستافا خىزمەتلى بۇ مەنىنى قوللايدۇ. 

2)- «ئۇ» دېگەن ئالماش ئايەتنىڭ بېشىدىكى «كىم»، يەنى (من) دېگەن سۆزنى كۆرسىتىدۇ. «سەۋەب»- ئارقان، «ئاسمان»- ئۆينىڭ تورۇسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا تەرجىمە مۇنداق بولىدۇ؛ 

«ھەر كىشى ئۆزىگە، ﷲ پەيغەمبەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىكەن، ئۇ تورۇسقا ئارغامچا سېلىپ بوغۇلۇپ ئالسۇن، قارىسۇنكى، ئۇنىڭ (بۇ) تەدبىرى غەزىپىنى باسالامدۇ؟».

ئىسمائىل ھەققى بالتاجى ئوغلى، سۇلايمان ئاتەش، ئەھمەد ئاغىراكچە ۋە بەشىر ئەريارسوي بۇ مەنىنى قوللايدۇ. 

تەبەرى، زەمەخشەرى ۋە ئىبىن كەسىر بۇ ئىككى مەنىدىن بىرىنچىسىنى قوللايدۇ.

3)- ئۈچىنچى قاراش مۇنداق؛ «ئاسمان»، بىز بىلىدىغان ئاسمان شۇ. «سەۋەب» بولسا، ئارقان دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىدىكى «ئۈزسۇن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «ليقطع»-(لىيەقتەئ) سۆزى ئەسلىدە «يولىنى توختاتسۇن، مۇناسىۋىتىنى ئۈزسۇن» دېگەن بولىدۇ. يەنى دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ ئاسمانغا قاراپ يولغا چىقسۇن، پەيغەمبەرگە كەلگەن ياردەمنى توساشقا ياكى ئۆزىگە رىزىق كەلتۈرۈشكە غەيرەت قىلسۇن دېگەن بولىدۇ. مۇھەممەد ئەسەد بۇ مەنىنى قوللىسىمۇ، «سەۋەب» سۆزىگە «يول» دەپ مەنە بېرىدۇ. ئۇنىڭ تۈرۈكچىگە قىلغان تەرجىمىسى مۇنداق؛ 

«كىم ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلسا، ئاسمانغا باشقا بىر يول ئارقىلىق بېرىشنى سىناپ باقسۇن، ھەم يولىنى ئۈزسۇن ۋە مۇشۇنداق قىلىپ كۆرۈپ باقسۇن، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى ئۇنى غەزەپلەندۈرگەن ئىشتىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟». 

بۇلارنىڭ بەزىلىرى، بۇ ئايەتنىڭ ھەج سۈرىسىنىڭ 11 ۋە 12- ئايەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېمىگەن.

يۇقىرىدىكى تەپسىر ۋە تەرجىمىلەردە ئايەت باغلىنىدىغان مۇناسىۋەتلەردىن ئايرىۋىتىلىپ، بىر بوشلۇق مەيدانغا كېلىپ قالغان.  بىر خاتا يەنە بىر خاتانى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ دېگەندەك، ئۇلار بوشلۇقنى يۇقىتىش ئۈچۈن يېڭى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئايەت چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.  تۆۋەندە بۇ تەرجىمىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتا دېگەنلىكىمىزنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز.  

1- بىرىنچى چۈشەنچە خاتادۇر. چۈنكى ئايەتتىكى «ئۇ» دېگەن ئالماشنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. چۈنكى، ئالماشلار، ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن بىر ئىسىمنى كۆرسىتىدۇ. ھەج سۈرىسىنىڭ بىرىنچى ئايىتىدىن بۇ ئايەتكە كەلگىچە پەقەت بىر يەردە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ھەققىدە سۆز قىلىنىدۇ. 

ئايەتكە بۇ مەنىنى بەرگەنلەرنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ كۆز قارىشىچە، پەيغەمبەر دۈشمىنى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياردەم قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشى كېرەك.

ئۇنىڭغا «غەزىپىڭنى بىسىش ئۈچۈن» ئۆزەڭنى ئۆلتۈرۈۋال دېيىشكە بولامدۇ؟.

 ئايەتنى بۇنداق تەپسىر قىلغانلار قۇرلارنىڭ ئارىسىغا بىر نەرسىلەرنى يېزىش ئارقىلىق تۈزىتىشكە تېرىشقان. مەسىلەن؛ ئەلمالىنىڭ شۇ سۆزى بۇ ھەقتىكى ئورتاق نۇقتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

«يەنى ئۇنىڭ ئۇ گۇماندا بولۇشى، ئاداۋەت ۋە قىزغىنىشتىن، پەيغەمبەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەمگە ئېرىشىشىنى ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىنى خالىمىغانلىقىدىندۇر». 

«ئۇ» دېگەن ئالماشنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى دېگەنلەردىن ئىكككىنچى قىسىمنىڭ قارىشىچە، بۇ كىشى ئاسمانغا چىقىپ، كەلگەن ۋەھىينى توساپ قالامىش. بۇنداق بىر ئىشقا كىمنىڭ كۈچى يەتسۇن؟ ئاللاھ ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە دېگەن شۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئويلىنىش كېرەك: 

(وَإِن كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَن تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاء فَتَأْتِيَهُم بِآيَةٍ وَلَوْ شَاء اللّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَى فَلاَ تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ).

«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان بىر تۆشۈك ياكى سەن ئاسمانغا چىقالايدىغان بىر شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىر ئايەت ئەكېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولما!»-ئەنئام،6/35.

ھەج سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتى مۇنداق ئاخىرلىشىدۇ: «ئاندىن قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟».

زەمەخشەرى مۇنداق دەيدۇ؛ قىلالايدىغان باشقا بىر ئامالنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئايەتتە ھىلە-مىكىر، توزاق مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان (كيد-كەيدۇن) سۆزى ئىشلىتىلگەن. «ئاندىن قارىسۇن، بۇ چارىسى ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن نەرسىنى يوق قىلالامدۇ؟» ئايىتىنىڭ مەنىسى، خىيال دۇنياسىدا مۇشۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، قارىسۇن، پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋە ئۆزىنى غەزەپلەندۈرگەن ياردەمنى توسىيالامدىكىن؟ دېگەن بولىدۇ.

ئاسمانغا ئارغامچا تارتقىلى بولامدۇ؟ ياكى دۇنيا بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ، ئاسمانغا چىقىدىغان يول بارمۇ؟ بۇنى بۈگۈنكى ئالەم بوشلىقى تەتقىقاتلىرىغا دەلىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بۇ چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەن كاپىرلارنى نىشان قىلغاندۇر.

2- ئىككىنچى چۈشەنچىنىمۇ قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.  چۈنكى، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياردەم قىلمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلغان كىشىنىڭ غەزىپىنى باسالايدىغان ھىلە، ئۇنىڭ ياردەمگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھىلە بولىشى كېرەك. بولمىسا ھېچكىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھىلە قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاخىرەتتىمۇ ياردەم قىلمىسا نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالسۇن؟ ئاللاھنىڭ كىتابىدا مۇشۇنداق مەنتىقسىز بىر نەرسىنىڭ بولىشى مۇمكىنمۇ؟. 

3- ئۈچىنچى چۈشەنچىنىڭمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېرى يوقتۇر. دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئاسمانغا قاراپ مېڭىش، قانداقمۇ پەيغەمبەرگە كەلگەن ياردەمنى توساشقا ياكى ئۆزى ئۈچۈن رىزىق قولغا كەلتۈرۈشكە غەيرەت كۆرسەتكەنلىك بولسۇن؟. خۇددى ئىنسانلار ئاسمانغا چىقىشقا باشقا بىر يول تاپالىغاندەك، مۇھەممەد ئەسەت ئايەتكە « ئاسمانغا باشقا بىر يول ئارقىلىق چىقىشنى سىناپ باقسۇن…» دەپ مەنە بېرىدۇ؟. 

بۇ بۆلۈمدە پەقەت ھەج سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتى ئۈستىدە توختالدۇق. تۆۋەندە كۆرسىتىلىدىغاندەك ئەنئەنىۋى (كلاسسىك) ئۇسلۇبتا ئايەتلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەر ۋە باشقا ئايەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن 15- ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 11 دىن 16غىچە بولغان ئايەتلەرگە چۈشەنگىلى بولمايدىغان مەنە بېرىلگەن. بۇ ھەقتە كېيىنكى بۆلۈمدە ئايرىم توختىلىمىز.       

 

– پروفېسور: ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار      

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر