مۇسۇلمانلار

ھېيت نامىزىدىن كېيىن

4- ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قىلىنىدىغان ئىشلار

ئا- ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش ياخشىدۇر. مەسىلەن: جامەدىن چىقىپ ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇلغان نامازگاھدىن ئايرىلىپ، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن، ھېيتلىرىغا مۇبارەك بولسۇن» دېيىشىشىمىز ياخشى ئىشتۇر. چۈنكى ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ھېيت كۈنى بىرى-بىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا ئۆزئارا «ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن» دېيىشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[1].
ئە- ھېيت نامىزىدىن قايتىشتا، مۇمكىن بولسا ھېيت نامىزىغا بارغان يولىمىزدىن باشقا بىر يول بىلەن قايتىشىمىز ياخشىدۇر ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «رەسۇلۇللاھ ھېيت نامىزىغا بېرىشتا بىر يولدىن باراتتى، قايتىشتا باشقا يولدىن قايتاتتى»[2].

 


[1] – ئىبنى ھەجەر، فەتھۇلبارى 2/446؛ ئىبنى قۇدامە، ئەلمۇغنى 2/256؛ ئىبنى تەيمىييە، فەتاۋا 24/253.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، سالات 254 (1156).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر