مۇسۇلمانلار

ھېيتقا تەييارلىق قىلىڭ!

 بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

قۇربان ھېيت نامىزى
ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيىنىڭ) 10- كۈنى، كۈن نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندىن باشلاپ كۈن قايرىلگىچە بولغان ئارلىقتا قۇربان ھېيت نامىزى دەپ نىيەت قىلىپ جامائەت بولۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇلىدۇ. مانا بۇ، قۇربان ھېيت نامىزىدۇر.
بۇ ناماز، ئاللاھ تەئالانىڭ: «بىز ساڭا كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلدۇق، ئۇنداقتا رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇ ۋە قۇربانلىق قىل» (كەۋسەر 108/ 1-2) دېگەن مەزمۇندىكى ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەتبىقاتلىرى بىلەن يولغا قويۇلغان.
 بۇ نامازنىڭ ئوقۇلۇش شەكلى ئادەتتىكى نامازلاردىن بىرئاز پەرقلىق. شۇڭا بىلمەيدىغانلار نامازگاھقا بۇرۇنراق بېرىپ، ئىمامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئۇبدان قۇلاق سېلىپ، شۇ بۇيىچە ھەرىكەت قىلىشى لازىم.
نامازدىن كېيىن قۇربانلىق قىلىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ نامازنى ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئوقۇش ئەۋزەلدۇر.
ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن قىلىنىدىغان ئىشلار
 ھېيت نامىزىغا يۇيۇنۇپ (غۇسۇل تاھارەت ئېلىپ)، خۇشپۇراق نەرسە ئىستېمال قىلىپ ۋە ئەڭ ئۇبدان كىيىملەرنى كىيىپ بېرىش ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامنىڭ بۇلارغا بۇيرۇغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. (بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ھاكىم ۋە شافىئى رىۋايەت قىلىدۇ).
ھېيت نامىزىغا بارىدىغان يولىمىز بىلەن ھېيت نامىزىدىن قايتىدىغان يولىمىزنىڭ باشقا- باشقا يول بولىشى ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ- (بۇخارى(.
چوڭلارنىڭ قۇربان ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يەپ- ئىچمەي، نامازدىن يېنىپ، قۇربانلىق قىلىپ، شۇنىڭ جىگىرىدىن يېيىشى مۇستەھەبتۇر (يەنى ياخشى ئىشتۇر، قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ). بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بار- (تىرمىزى).
ئەسكەرتىش: ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارغا بىر نەرسە بەرمەسلىك ۋە ئۇلارنى بىر نەرسە يەپ- ئىچىشتىن توسۇشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ، تولىمۇ جاھىللىقتۇر. چۈنكى ئۇلار بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر پەرز ئەمەللەرنى قىلىشقىمۇ بۇيرۇلمايدۇ. قۇربان ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بىر نەرسە يەپ- ئىچمەسلىك مۇستەھەب ئىش بولۇپ، بۇنى چوڭلار قىلسا ياخشى بولىدۇ، قىلمىسا گۇناھكار بولمايدۇ.
«ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە چۆل- باياۋاندىكى كىيىكلەرمۇ بالىلىرىغا ئەمچەك سالمايمىش» دېگەندەك خۇراپاتلارغا ئىشىنىپ نارەسىدە بالىلارنى قىيناش بىلىمسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
قۇربانلىق
ھېيت نامىزىدىن يېنىپ قۇربانلىق قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىش، قۇربى يەتكەنلەر قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قىلىشقا تېگىشلىك بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، ئۇلار ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللىرىدىن بىرىنى بوغۇزلاش ياكى تۆگە ۋە كالىدىن بىرىنىڭ بىر ھەسسىسىگە شېرىك بولۇش ئارقىلىق بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىدۇ (چۈنكى بۇھايۋانلاردىن بىرىنى يەتتە كىشى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ).
قۇربانلىق مېلى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋىلاردىن بولۇشى لازىم. چۈنكى ھەج سۈرىسىنىڭ (22- سۈرە) 34- ئايىتىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنىڭ ئەنئام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا ئەنئام سۈرىسىنىڭ 143- ۋە 144- ئايەتلىرىدە «ئەنئام» نى بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن ئەنئام تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللىرىنىڭ ئەركەك ۋە چىشىلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇلاردىن باشقىسىنى قۇربانلىق قىلمىغان.
قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزلىرى سۇنۇق، كېسەل، بەك ئورۇق ماللار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كۆز نۇرىنىڭ كۆپىنچىسى كېتىپ قالغان قارىغۇ، بوغۇزلايدىغان مەيدانغا بارالمىغۇدەك توكۇر، پۇت- قولىدا يىلىك قالمىغان دەرىجىدىكى ئورۇق، ساقىيىش ئېھتىماللىقى بولمىغان كېسەلچان ماللار قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ»- (تىرمىزى).
ھېيت كۈنلىرىدە قىلىنىدىغان ئىشلار:
ھېيت كۈنلىرىدە ھەر پەرز نامازنىڭ ئارقىسىدىن تەكبىر ئوقۇلىدۇ. بۇ تەكبىر ئەرەفە كۈنى يەنى ئەتە ھېيت دېگەن كۈنىنىڭ بامدات نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىردىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ. باشقا ۋاقىتلاردىمۇ زىكىر- تەسبىھ، تەكبىر- تەھلىل ئوقۇپ تۇرۇشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ كۈنلەر يېمەك- ئىچمەك كۈنلىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھ تەئالاغا زىكىر ئېيتىش كۈنلىرىدۇر، بۇنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنلىرىنىڭ يېيىش، ئىچىش ۋە ئاللاھغا زىكىر ئېيتىش كۈنلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان- (مۇسلىم).
بۇ تەكبىر: «ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئەللاھۇ ئەكبەر، ۋەلىللاھىلھەمدۇ» دېگەن شەكىلدىدۇر. بۇ تەكبىرنى ئوقۇش ئۈچۈن نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش  ياكى ئەر كىشى بولۇش شەرت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەكبىرنى نامازنى يالغۇز ئوقۇغان كىشىمۇ ئوقۇيدۇ، ئايال كىشىمۇ ئوقۇيدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلىشى، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا ھېيتلىشىشى دىنىمىز تەرغىب قىلغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر. بۇ ئىشلارنى ھەممىمىز ئاساسىي جەھەتتىن قىلىمىز. لېكىن دىنىمىز يولغا قويغان دېگەن ئېتىقاد بىلەن قىلىشىمىز پەرقلىقتۇر. بۇنى چۈشىنىشىمىز لازىم. بۇلاردىن باشقا ھېيت كۈنىلىرىدە قىلىنىدىغان بىر ئىش يوق.
قۇربان ھېيتنىڭ ھېكمىتى:
ھەممىمىزگە مەلۇمكى بىزنىڭ ئىككى ھېيتىمىز، دىنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى ئاساسىدىن كېيىن كېلىدۇ؛ مەسىلەن: روزا ھېيت رامزان روزىسى ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كېلىدۇ. قۇربان ھېيت بولسا، ھەج پائالىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەركانى (ئەرەپاتتا تۇرۇش) ئادا قىلىنغاندىن كېيىن كېلىدۇ.
روزا بىلەن ھەج نەپىس ۋە شەيتانغا قارشى كۆرەش قىلشنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، بۇ ئىككى ئىبادەت شەيتاننى يېڭىپ، نەپسىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىنساننى ئاللاھ تەئالانىڭ باشقا ئەمىرلىرىگە ھازىر تۇرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار ھېيتنى (بايرامنى) بۇ غەلىبە ئۈچۈن يەنى نەپىس بىلەن شەيتان ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن قىلىمىز.
ھېيتنىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن ھېكمەتلىرى بار. مەسىلەن: كېلىۋاتقان قۇربان ھېيتىمىز، بىزگە ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. بىز بۇ ھېيتتا يەپ- ئىچىش ۋە ئويۇن- تاماشا قىلىش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، ئۇ ئۆتمۈش خاتىرىلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلاردىن ساۋاق ۋە ئىبرەت ئېلىشىمىز لازىم!
دېمەك، مۇسۇلمان دېگەن ئويناپ- يايراش ئۈچۈنلا ھېيت قىلمايدۇ، ئەكسىچە مۇسۇلمان بىر تەرەپتىن ھېيت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدۇ، نەتىجىدە كېرەكلىك تەجرىبە- ساۋاقلارغا ئىگە بولىدۇ.
ئۇ خاتىرىلەرنىڭ بىرى مۇنداق: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇنداق بىر ئىمتىھانغا دۇچ كەلگەن ئىدى: ئۇ بىر كۈنى، ئۆزىنىڭ ئەتىۋارلىق ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى بوغۇزلاۋېتىپ چۈش كۆرگەن. پەيغەمبەرلەر چۈشىدە بۇيرۇلغاننىمۇ بەجا كەلتۈرۈشى لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشى ھەقتۇر.
بۇ ناھايىتى چوڭ ئىمتىھان بولۇپ بۇنىڭدىن چوڭ ئىمتىھان يوق دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاتا- بالا ئىككىيلەننىڭ ئاللاھ تەئالاغا بولغان ئىمانلىرى، ئاللاھ تەئالانىڭ ھۆكمىگە بولغان رازىلىقلىرى، ئۇلارغا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، بۇلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى دادا بالىسىنى بوغۇزلاشقا، بالا دادىسىنىڭ قولى بىلەن ئۆلۈشكە رازى بولىدۇ.
ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى شۇكى: ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ئوغلىنى خەۋەرسىز تۇرغان چېغىدا ياكى ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدا بوغۇزلاپ ئىشنى تۈگەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام ئۆزىنىڭ جىگەر پارىسىنىمۇ بۇ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە پەيغەمبەرلەرگە خاس ئىمانى ۋە ئاتىلارغا خاس مېھرى بىلەن ئوغلىغا: «ئى ئوماق ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاۋېتىپ چۈش كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باققىنا، سەن بۇ ئىشقا قانداق قارايسەن!» دەيدۇ.
ئىتائەتكار بالا مۇستەھكەم ئىمانلىق دادىسىغا: «ئى دادىكا! ھېچ ئويلانمىسلا، ئاللاھ ئۆزلىرىگە نېمە ئەمر قىلغان بولسا ئۇنى قىلسىلا! ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچان بالا ئىكەنلىكىمنى كۆرىلا!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن: «دادا- بالا ئىككىيىلەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تەسلىم بولۇپ، ئىبراھىم ئوغلىنى دۈم ياتقۇزىدۇ»، دەل بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تەئالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئىبراھىم! سەن ئۇ چۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ!» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئارقىسىدىن «بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ، ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىق بەردۇق» دەپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ.
بۇ ۋەقە توغرىسىدا پىكىر يۈرگىزىدىغان بولساق، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلەلەيمىز:
1- بىر ئاتىغا نىسبەتەن دۇنيادا ئەڭ تاتلىق ۋە ئەڭ ياخشى كۆرۈنىدىغان نەرسە بالا، لېكىن بىر مۇئمىن ئاتىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى بالىغا بولغان مۇھەببىتىدىن كۈچلۈك بولمىسا، ئۇ مۇھەببەت ئۇنىڭ مۇئمىنلىكىنى ئىپادىلەشكە يەتمەيدۇ.
2- ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت، ئەگەر ئاللاھ بۇيرۇغان تەقدىردە ئۆز بالىسىنى قۇربانلىق قىلالايدىغان دەرىجىدە بولسا ئۆلچەمگە يەتكەن بولىدۇ.
3- ئاللاھ تەئالانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش شەرت. ئاللاھ تەئالا، ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن سادىق بەندىلىرىنى چوقۇم مۇكاپاتلايدۇ.
قۇربان ھېيتا ئەسلىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىككىنچى خاتىرە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋىدا ھەججىدۇر. پەيغەمبىرىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخرىدا بىر ھەج قىلغان بولۇپ، بۇ ھەجدىن كېين ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەج ۋىدالىشىش ھەججى، بۇ ھەج ئەسناسىدا ئوقۇغان خۇتبىسى ۋىدالىشىش خۇتبىسى (نۇتقى) دەپ ئاتالغان.
بۇ خۇتبىنى، پەيغەمبىرىمىز بىلەن بىللە ھەج قىلغان 100مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاڭلىغان. پەيغەمبىرىمىز بۇ خۇتبىسىدە (نۇتقىدا) پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ناھايىتى ئەتراپلىق نەسىھەتلەرنى، بەلكىدە ئاخىرقى ۋەسىيەتلىرىنى قىلغان!
 پەيغەمبىرىمىز ئۇ نۇتقىنى: «ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن» دەپ باشلايدۇ.
ئاندىن ئىنسانلارغا غەلىبىنىڭ ۋە خاتىرجەملىكنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى خالايىق! سىلەرنىڭ، تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر بىربىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىشىڭلار، خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر، يەتكۈزدۇممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!».
پەيغەمبىرىمىز بۇ نۇتۇقنى قىيامەتكىچە كېلىدىغان پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارىتىپ سۆزلىگەن. شۇڭا بۇ نۇتۇقتىكى ھەر مەزمۇن تا قىيامەتكىچە پۈتكۈل كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنىڭ باش تەرىپى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.
 پەيغەمبىرىمىز يەنە بۇ نۇتقىدا ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئۆسۈم مۇئامىلىلىرىنى ۋە قان قەرزنى بىكار قىلىپ تاشلىغان. شەيتاننىڭ بىزنى، بىز كىچىك سانايدىغان ئىشلاردا ئۆزىگە بويسۇندۇرماقچى بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
 پەيغەمبىرىمىز بۇ نۇتقىدا يەنە ئائىلىۋى ھايات ئۈستىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
«ئى خالايىق! سىلەرنىڭ زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ ھەققى بار، ئۇ ھەقكە رىئايە قىلىڭلار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار، ئۇلارمۇ ئۇ ھەقكە رىئايە قىلسۇن. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرىي ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم.
 ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ.
ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە يېمەك – ئىچمەك ۋە كېىيىم – كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى سۈپىتىدە ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار، بۇ توغرىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە يەتكۈزدۇممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!».
 پەيغەمبىرىمىز بۇ نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر – بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر! يەتكۇزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!
ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان. ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ تەقۋادار بولسا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بىلەن غەيرىي ئەرەبنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. يەتكۇزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن. سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن».
بىز بۇ ھېيتتا، ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋە ھېيتلىشىش جەريانىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەنە شۇ مۇبارەك نەسىھەت ۋە ۋەسىيەتلىرىنى ئەسلەيمىز. شۇنداقلا ئۆزىمىزنى باشتىن- ئاياغ بىر تەكشۈرۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز
بىزگە بۇ ھېيت يۇقىرىدىكى ئىككى تارىخىي ۋەقەنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئەسلىتىشى لازىم! چۈنكى بىز بۇ ھېيتتا قۇربانلىق قىلىمىز. بۇنىڭدىن ئاتىمىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دۇچ كەلگەن ئىمتىھان ئەقلىمىزگە كېلىدۇ، بىز بۇ ۋەقە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئېلىشقا تېگىشلىك ئىبرەتلەرنى ئالىمىز.
بىز يەنە بۇ ھېيتتا جامائەت بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇيمىز، ئۇرۇق – تۇغقانلار ۋە دوست – بۇرادەرلەر جەم بولۇشۇپ ھېيتلىشىمىز. بۇنىڭدىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋىدا ھەججىنى، بولۇپمۇ بۇ ھەج ئەسناسىدا سۆزلىگەن ۋىدا نۇتقىنى ئەسلەيمىز ۋە ئۆزىمىزنى قايتا بىر كونترول قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن توغرا يولنىڭ ئىچىدە مېڭىۋاتقان بولساق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن بولساق دەرھال يولىمىزنى تېپىۋېلىشقا تىرىشىمىز. بۇ ئەسنادا چىرايلىق كىيىملىرىمىزنى كيىپ، ئىسراپ قىلمىغان ئاساستا يەپ – ئىچىپ، دىنىمىز رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئويناپ – يايراپ بايرام قىلىمىز. مانا بۇ، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى.
————————-

بۇ تەتقىقاتنى ھازىرلاشتا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ـ ھەدىسلەردىن، بولۇپمۇ ساففات سۈرىسىنىڭ 102 – ئايىتىدىن 107 – ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەردىن ۋە ۋىداخۇتبىسىدىن پايدىلىنىلدى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر