مۇسۇلمانلار

ھۇرۇپى مۇقەتتەئە نېمىدۇر؟

جاۋاب:

ھۇرۇپى مۇقەتتەئە، بىر – بىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، بىر – بىرى بىلەن

باغلانمايدىغان ھەرپلەر دېگەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە سۈرە مۇشۇنداق ھەرپلەر بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ھەرپلەر يېزىلىشتا بىر – بىرگە باغلىنىپ يېزىلىسىمۇ ، ئۇقۇلۇشتا ئايرىم – ئايرىم ئۇقۇلىدۇ.

بۇ ھەرپلەرنىڭ نېمە مەنىگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا 20 دىن ئارتۇق كۆزقاراش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەقىلگە ئۇيغۇنراق بولغىنى: «بۇ ھەرپلەر ئۆزى بېشىدا كەلگەن سۈرىلەرنىڭ ئىچىدىكى مەنا ۋە ھۆكۈملەرگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىش ئۈچۈندۇر» دېگەن كۆزقاراشتۇر.

ئىسمى ئەزەمگە كەلسەك، سۆزلۈك مەنىسى ئاللاھنىڭ كاتتا ئىسمى دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىىدە ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر بولۇپ، بەزىلەر ئەنبىيا سۈرىسىنىڭ 87 – ئايىتىنىنىڭ ئاخىرىدىكى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىسمى ئەزەم دېسە، بەزىلەر ئاللاھغا چىن قەلبىدىن قىلىنغان ھەر قانداق دۇئانىڭ ئسمى ئەزەم تەبىرىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر