مۇسۇلمانلار

ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر

ئاللاھ تائالا قىلغان ئىشىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئېسىل ئەلچىگە رەھمەت ياغدۇرسۇن، شەنىنى ئۇلۇغ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن. مەن شاھىتلىق قىلىمەنكى، بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇر ۋە ئەلچىسىدۇر.

قېرىنداشلار! مەن ئۆزۈمگە ۋە سىلەرگە ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. چۈنكى قىيامەت كۈنى ئالىي دەرىجىلەرگە، يۇقىرى مەرتىبىلەرگە پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ.

جەننەتكە قېزىقىڭلار، جەھەننەمدىن قېچىڭلار. ياخشىلىق ئاللاھنىڭ يولىدىدۇر، ئۇنى ئىزدەڭلار. ئاللاھ، ھەر نەرسىگە قادىردۇر ۋە ھەر ئىشقا نازىردۇر، بۇنى بىلىڭلار. رەببىڭلار نازىل قىلغان قۇرئانغا بويسۇنۇڭلار، رەببىڭلار ئەۋەتكەن ئەلچىگە ئەگىشىڭلار. ئۇنى قويۇپ ئەۋلىيالارغا ئەگەشمەڭلار.

مۆھتەرەم مۇئمىنلار! ئاللاھ تائالا ئۆز ئىرادىسى ۋە ئۆز خاھىشى بويىچە ئاسمان – زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. ئاندىن ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنى يارىتىپ، ئۇلارنى ئاۋۋال جەننەتكە، ئاندىن بۇ زېمىنغا يەرلەشتۈردى. ئاندىن ئىنساننى بۇ زېمىندا ئۆزى بېكىتكەن نىزام بويىچە كۆپەيتتى. پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. شۇڭا قانداق نەرسىگە قارىساق، ئاللاھ ياراتقان ھالەتتىن ۋە ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن باش تارتمىغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئىنسانمۇ ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچبىر زامان ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ تېشىغا چىقالمايدۇ. كىمنىڭ قاچان، قەيەردە، قانداق تۇغۇلىشى؛ قاچان، قەيەردە، قانداق ياشىشى ۋە قاچان، قەيەردە، قانداق ئۆلۈشى ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە بولىدۇ.

لېكىن ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئەقىل ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇش ۋە بويسۇنماسلىق ئىختىيارىنى بەرگەن. ئىنسان بۇ ساھەدە كافىر ۋە مۇسۇلمان دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇ ھۆكۈملەرگە بويسۇنغان ئىنسانغا مۇسۇلمان، بويسۇنمىغان ئىنسانغا كافىر دېيىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئۇ ھۆكۈملىرى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلاردا بايان قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۇ ھۆكۈملەرنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ.

دېمەك ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىق ياراتقانلىقى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. يەنى ئىنسان تۇغۇلۇپ، ياشاپ، ئۆلۈپ تۈگەپ كەتمەيدۇ. دۇنيادىكى ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئەبەدىي بىر ھاياتى باشلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھاياتىنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىكى ھۆكۈملەرگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بويسۇنۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتى جەننەتتە بولىدۇ؛ بويسۇنماي ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ئەبەدىي ھاياتى بولسا جەھەننەمدە بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى خالىغان بەندىسىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىدۇ. ئۇ بەندە ئۆزىگە نازىل قىلىنغان كىتابنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ بەندىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئىجرائاتلىرىغا سۈننەت دېيىلىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن پەرقلىق بىر ھۆكۈم چىقىرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇمۇ ئۇ كىتابتىكى ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلىدۇ.

دېمەك پەيغەمبەرمۇ ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇ كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەرگە بويسۇنۇپ ئۆزىنىڭ قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئۈممىتىگە ئۈلگە بولىدۇ. بۇ ئىش نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن بېرى مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر، نازىل قىلغان كىتابلىرىنىڭ ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن؛ قۇرئان كەرىمنى ھەر زامان، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە نازىل قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزدىن باشلاپ تا قىيامەتكىچە دۇنياغا كېلىدىغان بارلىق ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان.

يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ بۇ كىتابنى، ئۇنىڭغا نازىل قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئەينەن يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىدى. ئۇنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدىكى بارلىق سۆز – ھەرىكەتلىرى ئۇ كىتابنىڭ بايانى بولدى. خاتا قىلىپ سالسا، ئاللاھ تائالا دەرھال تۈزىتىپ توغرىسىنى كۆرسىتىپ قويدى.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَنْ يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الْأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللَّهُ يُرِيدُ الْآَخِرَةَ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ لَوْلَا كِتَابٌ مِنَ اللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ

«ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىب كەلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار»- ئەنفال سۈرىسى، 67 – 68-ئايەت.

عَبَسَ وَتَوَلَّى أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَى وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّى أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَى أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَى فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّى وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّى وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَى وَهُوَ يَخْشَى فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّى كَلَّا إِنَّهَا تَذْكِرَةٌ

«مۇھەممەد تەرىنى تۈردى ۋە يۈز ئۆرىدى، يېنىغا كور ئادەم كەلگەنلىكى ئۈچۈن. ئى مۇھەممەد! سەن نەدىن بىلىسەن؟ بەلكى ئۇ پاكلىنىدۇ ياكى بىلىم ئېلىپ پايدىلىنىدۇ. ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن. ئۇ پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ ئاللاھتىن قورققان ھالدا كېلىدۇ، سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسەن. ئۇنداق قىلما، قۇرئان ئايەتلىرى بىر ئەسلىتىشتۇر.

شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى بولغان سۈننەت، ئاللاھنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغىمۇ بويسۇنۇش پەرز قىلىندى. شۇڭا ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: 

مَنْ يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّهَ وَمَنْ تَوَلَّى فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا

»كىم ئۇ ئەلچىگە ئىتائەت قىلسا، چوقۇم ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»-نىسا سۈرىسى، 80-ئايەت.

قۇرئان، ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ باتىل كېلەلمەيدىغان، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر قانداق ئىشنى ئەڭ مۇكەممەل قىلىدىغان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان غالىب بىر كىتاب[1]  بولغانلىقى ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى شۇ قۇرئاننىڭ بايانى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەت بىرلىكتە دىنىمىزنىڭ ئاساسىدۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن:

وَاتَّبِعْ مَا يُوحَى إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا

«ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن»-ئەھزاب سۈرىسى، 33-ئايەت.

اتَّبِعْ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ

«رەببىڭدىن ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن- ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق- ۋە مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن»-ئەنئام سۈرىسى، 106-ئايەت.

قُلْ مَا كُنْتُ بِدْعًا مِنَ الرُّسُلِ وَمَا أَدْرِي مَا يُفْعَلُ بِي وَلَا بِكُمْ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ وَمَا أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ

«ئېيتقىنكى، مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. مەن ئۆزۈمگە ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن، ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. مەن پەقەتلا ئوچۇق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى»-ئەھقاف سۈرىسى، 9-ئايەت.

بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات قىلىنىشتىن 3 ئاي ۋە 3 كۈن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا: «بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم ۋە سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا ئىسلامنى تاللىدىم»[2] دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان. دېمەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات چاغدىلا دىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن كېيىن دىنغا قوشۇلۇپ قالغان نەرسىلەر ئەسلا دىن ئەمەس. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ

«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن بىر نەسىھەت، قەلبلەردىكى كېسەللەرگە بىر شىپا، مۆمىنلەر ئۈچۈن بىر يول كۆرسەتكۈچى ۋە بىر رەھمەت كەلدى»- يۇنۇس سۈرىسى، 57-ئايەت.

إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ أَمَرَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

«ھۆكۈم قىلىش پەقەتلا ئاللاھغا مەنسۇبتۇر، ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا قۇل بولۇشقا بۇيرۇدى. بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»-يۇسۇف سۈرىسى، 40-ئايەت.

يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا

«ئۇلار تاغۇتقا كافىر بولۇشقا بۇيرۇلغان تۇرۇپ، تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. شەيتان ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئازدۇرۇۋېتىشنى خالايدۇ»-نىسا سۈرىسى، 60-ئايەت.

وَأَنِ احْكُمْ بَيْنَهُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ وَاحْذَرْهُمْ أَنْ يَفْتِنُوكَ عَنْ بَعْضِ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ إِلَيْكَ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَاعْلَمْ أَنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُصِيبَهُمْ بِبَعْضِ ذُنُوبِهِمْ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ لَفَاسِقُونَ

«ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلغىن. ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئۇلارنىڭ سېنى، ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ھۆكۈملەرنىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچۈرىشىدىن ساقلانغىن. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، بىلگىنكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم گۇناھلىرىنىڭ يۈزىسىدىن ئاللاھ ئۇلارغا مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەت شۇكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى يولدىن چىققۇچى كىشىلەردۇر»-مائىدە سۈرىسى، 49-ئايەت.

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! دەرھال قۇرئان – سۈننەتتىكى ئىسلامغا قايتايلى. شۇنداق قىلساق، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادىتىمىزنى قولىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. كەسكىن ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى بۇ ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويمىدى. ئەكسىچە مۇسۇلمانلار ئىسلامنى بۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنى بىلىشىمىز ۋە ئۇنداق »مۇسۇلمانلار»دىن بولماسلىقىمىز لازىم.

ئىبادىتىمىزنى، ئىتائىتىمىزنى ۋە مۇھەببىتىمىزنى بىزنى يوقتىن بار قىلغان، بىزنى نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە بارلىق ئىشلىرىمىز ئىلكىدە بولغان ئاللاھغا خالىس قىلىشىمىز لازىم. قورقۇشىمىز ئاللاھدىنلا، ئۈمىدىمىز ئاللاھقىلا ۋە رىغبىتىمىز ئاللاھ رىزاسىغىلا بولۇشى لازىم.

«بىزنى ئاللاھ ياراتتى. ھايات – ماماتىمىز ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ بىزگە بارلىق ھايات لازىمەتلىرىنى ئاتا قىلغۇچى زاتتۇر» دېگەن گەپلەر ھېچكىمنى مۇسۇلمان قىلمايدۇ. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە شەرتسىز بويسۇنۇش كېرەك.

يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك، نېمە دېيىشىمىزنى، نېمە يېيىشىمىزنى، نېمە قىلىشىمىزنى، نېمىدىن ساقلىنىشىمىزنى ئاللاھ ئۆزى بەلگىلەيدۇ؛ ئەلچىسى بۇنى يەتكۈزىدۇ[3] ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇشتا بىزگە ئۈلگە بولىدۇ.

ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآَخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا

 «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى رەسۇلۇللاھ، سىلەر ئۈچۈن، يەنى ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەر ئۈچۈن ئۈلگىدۇر»-ئەھزاب سۈرىسى، 21-ئايەت.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، قۇرئاننىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئورنىغا باشقا بىر ھۆكۈم قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آَيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآَنٍ غَيْرِ هَذَا أَوْ بَدِّلْهُ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِنْ تِلْقَاءِ نَفْسِي إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ

 «ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى:  مەن ئۇنى ئۆزۈمچە ئۆزگەرتەلمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. ئەگەر رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن چوقۇم قورقىمەن»-يۇنۇس سۈرىسى، 15-ئايەت.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئىجرا قىلىدۇ. دىن بۇ شەكىلدە مەيدانغا كېلىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۆزگەرتىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن (پالان ھەدىس، پالان ئايەتنى مەنسۇخ قىلغان؛ پالان خەلىپە پالان ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋاتقان؛ ئاللاھ تائالا ئۇنداق دېگەن بىلەن، بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى بىزنىڭ پالان كىتابتا مۇنداق) دېگەندەك سۆزلەر قۇرئانغا ئىمان كەلتۈرگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ئاغزىدىن چىقماسلىقى لازىم.

ئاللاھ تەئالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!

تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ

‏2004 – يلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۈمە

[1]  فۇسسىلەت 41/41-42.

[2] -مائىدە5/3.

[3]  «بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا يەتكۈزۈشتۇر»-مائىدە 5/99.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر