مۇسۇلمانلار
ھىجرەت 1

ھىجرەت

2§. ھىجرەت

1.      ھىجرەتنىڭ ھۆكمى

بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىشى مۇھىمدۇر. ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىيالمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەرنى تاشلاپ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان باشقا بىر جايغا كۆچۈپ كېتىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡ قَالُواْ فِيمَ كُنتُمۡۖ قَالُواْ كُنَّا مُسۡتَضۡعَفِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ قَالُوٓاْ أَلَمۡ تَكُنۡ أَرۡضُ ٱللَّهِ وَٰسِعَةٗ فَتُهَاجِرُواْ فِيهَاۚ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَسَآءَتۡ مَصِيرًا  ٩٧﴾

«شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان چاغدا ئۇلارغا: ‹قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ ئۇ زېمىندا ھىجرەت قىلغان بولساڭلار!› دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»[2].

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ياشاۋاتقان يېرىدە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىيالمىغانلار دىنىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان باشقا بىر جايغا ھىجرەت قىلمىسا دوزاخقا تاشلىنىدۇ. لېكىن بۇنىڭغا قادىر بولالمىغانلارنى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئىككى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِلَّا ٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ لَا يَسۡتَطِيعُونَ حِيلَةٗ وَلَا يَهۡتَدُونَ سَبِيلٗا  ٩٨ فَأُوْلَٰٓئِكَ عَسَى ٱللَّهُ أَن يَعۡفُوَ عَنۡهُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَفُوًّا غَفُورٗا  ٩٩﴾

«پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»[3].

  ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن قادىر بولالىغانلارنىڭ دەسلەپتە ھەبەشىستانغا، كېيىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن. ئاخىرىدا ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان[4]. قادىر بولالمىغانلار مەككىدە قالغان. ئۇلار تاكى مەككە پەتىھ بولغانغا قەدەر مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغان[5].

1.      ھىجرەتنىڭ شەرتى

ھىجرەتنىڭ ئۈچ شەرتى بار:

(1) ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ ياشاۋاتقان يېرىدە دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغان تەقدىردە زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇشى.

(2) دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جاينىڭ بولۇشى ۋە ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ بۇ جاينى بىلىشى.

(3) ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىغىلى بولىدىغان جايغا بېرىشقا قادىر بولۇشى.

بۇ شەرتلەرنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھىجرەت شەكلى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ[6]. بۇ شەرتلەرگە دالالەت قىلىدىغان باشقا دەلىللەر تۆۋەندىكىچە:

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەككە پەتىھ بولغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق»[7]. چۈنكى مەككە پەتىھ بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەندىشىسى قالمىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھىجرەت توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بۈگۈن ھىجرەت يوق. بۇرۇن مۇئمىن زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ دىنى بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرەپكە قاچاتتى. لېكىن ھازىر ئاللاھ تائالا ئىسلامنى غالىب قىلدى. مۇئمىن كىشى رەببىگە خالىغان يېرىدە ئىبادەت قىلالايدۇ».[8] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ يۇرتنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشتىن ئىبارەت بولغان ھىجرەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ «زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇش» شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاللاھ تائالا 4 – سۈرە نىسانىڭ 97 – ئايىتىدە ھىجرەت قىلمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىدۇ، 98 – ۋە 99 – ئايەتلىرىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، 100 – ئايىتىدە بولسا ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە دەرىجىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَن يُهَاجِرۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يَجِدۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُرَٰغَمٗا كَثِيرٗا وَسَعَةٗۚ وَمَن يَخۡرُجۡ مِنۢ بَيۡتِهِۦ مُهَاجِرًا إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ ثُمَّ يُدۡرِكۡهُ ٱلۡمَوۡتُ فَقَدۡ وَقَعَ أَجۡرُهُۥ عَلَى ٱللَّهِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا  ١٠٠﴾

«كىم ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، زېمىندا پاناھلىنىدىغان كۆپ جاي ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىم ئۆيىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ھىجرەت قىلىپ  چىقىپ ئۆلۈپ قالسا، ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[9].

بۇ ئايەتمۇ كۆرسىتىدۇكى، ھىجرەت قىلماقچى بولغان كىشى ياشاۋاتقان يېرىدە پاناھلىنىدىغان يەر تاپالمايدۇ، تارچىلىقتا ياشايدۇ، كەڭچىلىكتە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جايغا كېتىشكە قادىر بولىدۇ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ شۇ جايغا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ، يولدا ئۆلۈپ قالمىسا مەنزىلگە يېتىپ بارىدۇ، شۇنداقلا پاناھلىنىشقا يەر تاپىدۇ ۋە كەڭچىلىككە ئېرىشىدۇ.

ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ تارچىلىقتا ياشىغان، كەڭچىلىكتە ياشىغىلى بولىدىغان بىر جاينى تاپقان ۋە ئۇ جايغا كېتىشكە قادىر بولغان كىشى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان يېرىنى تاشلاپ مەزكۇر جايغا بارسا، ئۇ جايدا پاناھلىنىدىغان كۆپ يەر ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ، ناۋادا ئۆيىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتسە ئاللاھ ئۇنى مۇكاپاتلايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن، ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن، ھەجگە كەلگەن بىرقانچە مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار (چۈنكى مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن مەدىنىلىكلەر مۇسۇلمان بولغان) بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا ئىككى قېتىم توختام تۈزۈشكەن.

ئۇلار بۇ توختامدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ھەرقانداق شارائىتتا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا پۇل – مال چىقىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا ھېچكىمدىن قورقماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە خوتۇن – بالىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداش قاتارلىقلار» ھەققىدە قەتئىي ۋەدە بەرگەن.[10]

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھىجرەتنىڭ يەنى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئىشتا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

2.      ھەبەشىستانغا ھىجرەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ساھابىلىرىنىڭ مەككىدە مۇشرىكلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان[11]، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى[12].

شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قېتىمدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ باشچىلىقىدا 12 ئەر ۋە 4 ئايال، ئىككىنچى قېتىمدا 83 ئەر، 18 ياكى 19 ئايال ساھابە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان[13].

3.      مەدىنىگە ھىجرەت

ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارنى يولدا توسالمىغانلىقى ۋە بېرىپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ ئەكىلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەنگەن مۇشرىكلار مەككىدە قالغان مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە باشلايدۇ، ئۇنى پۈتۈن يېقىن – يورۇقلىرى بىلەن بىر جىلغىغا ئۈچ يىل قامايدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭ تەسەللىيچىسى بولغان ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، ھىمايىچىسى بولغان تاغىسى ئەبۇ تالىپ ۋاپات بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ زۇلۇملىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۇغۇلغان شەھىرى مەككىنى تەرك ئەتمەيدۇ، شۇنداقلا ۋەزىپىسى بولغان تەبلىغنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئەنە شۇ ئېغىر كۈنلىرىدە ھەر پۇرسەتتە تەبلىغ قىلىدۇ، بولۇپمۇ ھەج مەۋسۇمىنى بەك چىڭ تۇتىدۇ. بىر ھەج مەۋسۇمىدا مەدىنىدىن[14] كەلگەن ھاجىلاردىن بىرقانچە كىشى مۇسۇلمان بولىدۇ، بۇلار پەيغەمبىرىمىزگە يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن ئىسلامغا دەۋەت قىلىش توغرىسىدا ئەھدە بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇلارغا ياش ساھابە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنى قوشۇپ مەدىنىگە ئەۋەتىدۇ. كېيىنكى يىلى يەنە مەدىنىدىن كەلگەن ھاجىلاردىن كۆپ كىشى مۇسۇلمان بولۇپ يۇرتىغا قايتىدۇ.

ئەنە شۇلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ تۇنجى ئەلچىسى بولغان مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەبلىغى بىلەن مەدىنە شەھىرى ئىسلامنىڭ نۇرى بىلەن يورۇشقا باشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇ شارائىتلار ھازىرلانغاندىن كېيىن مەككىدىكى مۇسۇلمانلارغا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بېرىدۇ[15].

ئاندىن ساھابىلەردىن قادىر بولالىغانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال مۇشرىكلارنى چۆچۈتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەككە مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىلىپ كېڭەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يىغىندا ئەزالار ئارىسىدىكى تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەرھال ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىنىدۇ.

بۇ ئەسنادا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ، مەزكۇر قارارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىشقا رۇخسەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ[16]. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇنۇ تەييارلىقلارنى قىلىدۇ:

 (1) ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى ئېيتىدۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.

 (2) سەپەر ئۈستىدە يەتكۈدەك ئوزۇق تەييارلايدۇ.

(3) مىنىش ۋە يۈك – تاقلىرىنى ئارتىش ئۈچۈن ياخشى ئىككى ئۇلاغ تەييارلايدۇ.

(4) يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ماھىر بىر يېتەكچى بىلەن پۈتۈشىدۇ[17].

پۈتۈن بۇ تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كېچە بولۇشىنى ساقلايدۇ ۋە كېچە بولغاندا ئورنىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، تۇتۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ناھايىتى دىققەت بىلەن يولغا چىقىدۇ، شۇنداقلا كۆزلىگەن مەنزىل مەدىنە شەھىرىگە ساق – سالامەت يېتىپ بارىدۇ[18].

4.      ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار

4 – سۈرە نىسانىڭ 98 – ۋە 99 – ئايەتلىرىدە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر يۇقىرىدا زىكىر قىلىندى. تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 6 – يىلى مەككىگە بارغاندا، مەككىدە مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان نۇرغۇن ئەر – ئايال مۇئمىنلارنىڭ بارلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي كَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡ وَأَيۡدِيَكُمۡ عَنۡهُم بِبَطۡنِ مَكَّةَ مِنۢ بَعۡدِ أَنۡ أَظۡفَرَكُمۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا  ٢٤ هُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَصَدُّوكُمۡ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡهَدۡيَ مَعۡكُوفًا أَن يَبۡلُغَ مَحِلَّهُۥۚ وَلَوۡلَا رِجَالٞ مُّؤۡمِنُونَ وَنِسَآءٞ مُّؤۡمِنَٰتٞ لَّمۡ تَعۡلَمُوهُمۡ أَن تَطَئُوهُمۡ فَتُصِيبَكُم مِّنۡهُم مَّعَرَّةُۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ لِّيُدۡخِلَ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ لَوۡ تَزَيَّلُواْ لَعَذَّبۡنَا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابًا أَلِيمًا  ٢٥﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كافىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر – بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»[19].

 بۇ ئايەتنىڭ «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر – بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ھىجرەت قىلىشقا تېگىشلىك بولۇپ تۇرۇقلۇق ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلارنىڭ كافىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ياشىسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 174 – 182.

[1] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 36 ~ 38 – ئايەتلەر.

[2] 4 – سۈرە نىسا، 97 – ئايەت.

[3]  4 – سۈرە نىسا، 98 – ۋە 99 – ئايەتلەر.

[4]  بۇخارى، «لىباس»، 16.

[5]  48 – سۈرە فەتھنىڭ 24 – ۋە 25 – ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقان كىشىلەردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر – بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە ئېرىشتۈرۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق» (48 – سۈرە فەتھ، 24 – ۋە 25 – ئايەتلەر).

[6]  بۇ ئىككى ھىجرەتنىڭ بىرى «ھەبەشىستانغا ھىجرەت»، يەنە بىرى «مەدىنىگە ھىجرەت»تۇر.

[7]  بۇخارى، «جىھاد ۋە سىيەر»1، 27، 194؛ مۇسلىم، «ھەج»، 445، «ئىمارەت»، 85، 86؛ تىرمىزى، «سىيەر» 33؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 3: 448، 5: 350، 17: 358، 25: 176، 178، 35: 495؛ دارىمى، «سىيەر»، 69.

[8]  بۇخارى، «مەناقىبۇل ئەنسار»، 45.

[9] 4 – سۈرە نىسا، 100 – ئايەت.

[10]  قاراڭ: سەفىيۇررەھمان ئىبنى ئابدىللاھ ئىبنى مۇھەممەد مۇبارەكفۇرىي ئەئزەمىي، رەھىقۇل مەختۇم (بېيرۇت: دارۇل ھىلال، تارىخسىز)، 138 ~ 146.

[11]  ھەبەشىستان – قىزىل دېڭىز بويىغا جايلاشقان بىر شەرقىي ئافرىقا دۆلىتىدۇر، پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدۇر. سۇدان، جەنۇبى سۇدان، ئېرىترىيە، جىبوتى، سومالى، كەنيا ۋە ئۇگاندا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداشتۇر. كۈنىمىزدە ھەبەشىستان ئېفىئوفىيە دەپ ئاتىلىدۇ. 

[12]  ئۇ كىشى خىرىستىيان دىنى مۇخلىسلىرىدىن بىرى بولغان نەجاشى ئىسىملىك پادىشاھتۇر.

[13]  قاراڭ: ئابدۇلمەلىك ئىبنى ھىشام، سىيرەتۇن نەبەۋىييە، تەھقىقلىغۇچىلار: مۇستافا سەقا – ئىبراھىم ئەبيارى – ئابدۇل ھەفىيز شەلەبى، 2 – باسما ( بابى ھەلەبى: مەكتەبەتۇ مۇستافا، ھ 1375 / م 1955)، 1: 321 ~ 330؛ ئىبنى ئابدۇلبەرر، ئەددۇرەر فى ئىختىسارىل مەغازى ۋەسسىيەر، تەھقىقلىغۇچى: شەۋقى دايف (مىسىر: مەجلىسۇل ئەئلا لىششۇئۇنىل ئىسلامىييە، ھ 1386/ م 1966)، 1: 54؛ ئەبۇلفەدا ئىسمائىل ئىبنى ئۆمەر ئىبنى كەسىر قۇرەشى دەمەشقى، سىيرەتۇن نەبەۋىييە، تەھقىقلىغۇچى: مۇستافا ئابدۇلۋاھىد (بېيرۇت: دارۇل مەئرىفە، ھ 1395/ م 1976)، 2: 4؛ مۇبارەكفورىي، رەھىقۇل مەختۇم، 81، 90 ~ 91.

[14] مەدىنە – مەككىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، مەككە بىلەن ئارىسىدا 400 كىلومېتىر مۇساپە بولغان بىر شەھەردۇر. مەدىنىنىڭ كونا ئىسمى «يەسرىب»تۇر.

[15] قاراڭ: مۇبارەكفۇرى، رەھىقۇل مەختۇم، 93 – 149.

[16]  قاراڭ: مۇبارەكفۇرى، رەھىقۇل مەختۇم، 149 – 155.

[17]  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:…پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە مۇسۇلمانلارغا: «سىلەر ھىجرەت قىلىپ كېتىدىغان يۇرتنىڭ ئىككى تاشلىق يەرنىڭ ئارىسىدا خورمىلىق بولغان بىر شەھەر ئىكەنلىكى ماڭا چۈشۈمدە كۆرسىتىلدى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلماقچى بولغانلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، ئىلگىرى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلارنىڭ تولىسى مەدىنىگە قايتتى. ئەبۇ بەكىرمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: «سەن ئالدىرىما! ماڭىمۇ رۇخسەت بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن، ئۇنداق بىر رۇخسەتنىڭ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلامسەن؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكىر رەسۇلۇللاھقا ھىجرەتتە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن بۇ قېتىم ھىجرەت قىلىشتىن توختىدى ۋە يېنىدىكى كۈچلۈك ئىككى تۆگىسىنى تۆت ئاي سەمۇر ئاتلىق دەرەخنىڭ ياپرىقى بىلەن باقتى. بىر كۈنى بىز چۈش ۋاقتىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئۆيىدە ئولتۇراتتۇق. ئۆيدىكىلەردىن بىرى ئەبۇ بەكىرگە: ئەنە رەسۇلۇللاھ، ئادەتتە كەلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا بېشىنى ئورىۋالغان ھالدا كەپتۇ، دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتا – ئانام پىدا بولسۇن، ۋەللاھى مۇھىم بىر ئىش بولمىسا بۇ ۋاقىتتا كەلمەيتتى، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ كېلىپ رۇخسەت تەلەپ قىلدى، رۇخسەت بېرىلگەن ئىدى، ئۆيگە كىردى. ئاندىن ئەبۇ بەكىرگە: «يېنىڭدىكىلەرنى سىرتقا چىقىرىۋەتكىن» دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن يا رەسۇلەللاھ! بۇلار سېنىڭ ئەھلىڭدۇر، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ماڭا مەككىدىن چىقىپ كېتىشكە رۇخسەت بېرىلدى» دېدى. ئەبۇ بەكىر: يا رەسۇلەللاھ! ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن، ھەمراھ بولامدىمەن؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە» دېدى. ئەبۇ بەكىر: ئاتام ساڭا پىدا بولسۇن يا رەسۇلەللاھ! شۇ ئىككى تۆگەمدىن بىرىنى ئالغىن، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «پۇلغا ئالىمەن» دېدى. بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ سەپەر جابدۇقلىرىنى ناھايىتى تېز ھازىرلىدۇق. ئىككىسى ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلاپ تېرىدىن ئېتىلگەن بىر كىچىك تاغارغا قويدۇق. تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلايدىغان چاغدا ئەبۇ بەكىرنىڭ قىزى ئەسما بىلىدىكى بەلبېغىدىن بىر پارچە يىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن تاغارنىڭ ئاغزىنى باغلىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ «زاتۇننىتاقەين (ئىككى بەلباغلىق)» دەپ ئاتالدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر سەۋر تېغىدىكى بىر غارغا يېتىپ باردى ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كېچە يوشۇرۇندى. ھەر كېچىسى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەبۇ بەكىرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ قالاتتى. ئابدۇللاھ چېچەن ۋە ئەقىل – پاراسەتلىك بىر ياش يىگىت ئىدى. ئۇ سەھەر ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ مەككىدە ياتقان ئادەمدەك بولۇپ سۈبھى ۋاقتىدا قۇرەيش بىلەن بىللە بولاتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر ھەققىدە قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ قىلىشقان ھىيلە – مىكىرلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىپ ئاخشىمى قاراڭغۇلۇق باسقاندا كېلىپ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاتىسى ئەبۇ بەكىرگە خەۋەر قىلاتتى. ئەبۇ بەكىرنىڭ قۇلى ئامىر ئىبنى فۇھەيرە بۇ ئۈچ كېچە بويىچە ئۇ ئەتراپتا سۈتلۈك ساغلىق قويلارنى باقاتتى ۋە ئاخشامدىن بىر مۇددەت ئۆتكەندە قويلارنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ، سېغىپ ئۇلارغا يېڭى سۈت ئىچۈرەتتى. رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكىر مەككىدىكى چېغىدا ئابدۇ ئىبنى ئەدى قەبىلىسىدىن ماھىر بىر يېتەكچىنى (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇرەيقىتنى) يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن ھەق بېرىپ ماقۇللىشىپ قويغان ئىدى. بۇ كىشى قۇرەيش كافىرلىرىنىڭ دىنىدا ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر ئۇ كىشىگە ئىشىنىپ تۆگىلىرىنى تاپشۇرغان ۋە ئۈچ كېچىدىن كېيىن تۆگىلەرنى ئېلىپ سەۋر غارىغا كېلىشكە ۋەدىلەشكەن ئىدى. بۇ كىشى ۋەدىلەشكەن بويىچە تۆگىلەرنى ئېلىپ ئۈچىنچى كېچىنىڭ ئەتىگىنى سەۋر غارىغا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكىر بىلەن بىرلىكتە ئامىر ئىبنى فۇھەيرەمۇ ماڭدى. ھېلىقى يېتەكچى بۇلارنى ساھىللار يولىدىن ئېلىپ ماڭدى (بۇخارى، «مەناقىب»، 45).

[18] مۇبارەكفۇرى، رەھىقۇل مەختۇم، 155 – 167؛ ئىبنى ئابدۇلبەرر، ئەددۇرەر فى ئىختىسارىل مەغازى ۋەسسىيەر، 1: 54.

[19] 48 – سۈرە فەتھ، 24 – ۋە 25 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر