مۇسۇلمانلار
ھىجرەت ۋە جىھاد سەۋەب ۋە نەتىجە 1

ھىجرەت ۋە جىھاد \ سەۋەب ۋە نەتىجە

4§. سەۋەب ۋە نەتىجە

1.      غەپلەت ۋە جازاسى

ئاللاھ تائالا «ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇپ ، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[1] دېگەن مەنىدىكى ئايىتىدە مۇئمىنلارغىمۇ ئىززەت ۋەدە قىلغان، «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر»[2] دېگەن مەنىدىكى ئايىتىدە غالىبلىق ماقامىدا بولۇش ئۈچۈن مۇئمىن بولۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. تۆۋەندىكى ئايىتىدە بولسا، مۇئمىنلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان:

﴿وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَيَسۡتَخۡلِفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ كَمَا ٱسۡتَخۡلَفَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمۡ دِينَهُمُ ٱلَّذِي ٱرۡتَضَىٰ لَهُمۡ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّنۢ بَعۡدِ خَوۡفِهِمۡ أَمۡنٗاۚ يَعۡبُدُونَنِي لَا يُشۡرِكُونَ بِي شَيۡ‍ٔٗاۚ وَمَن كَفَرَ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ  ٥٥﴾

«ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ، خۇددى ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ، ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولغانلار ھەقىقەتەن فاسىقلاردۇر»[3].

بۇ ئايەت ئېنىق ۋە قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا زېمىندا ھۆكۈمران قىلىشنى، دىنىنى مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇئمىنلار ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان مۇئمىنلاردۇر.

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەق، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇنداقتا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خارلىقتا، قىيىنچىلىقتا ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان، زالىملارغا قارشى قوزغالغان بولسىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيۋاتقان مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە سۈپەتلەنگەن مۇئمىنلار ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلار تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى «ئوقۇغىن!» بىلەن باشلانغان بىر كىتابنىڭ ئېتىقادچىسى، «بۆشۈكتىن، تۆشۈككىچە ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان»[4] بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى تۇرۇقلۇق ئوقۇمىغان، ئۆگەنمىگەن، كەشىپ – ئىجادىيەت ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتمىغان پاسسىپ مۇسۇلمانلاردۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ كىتابىغا[5] مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار»[6] دەۋاتسا، مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ ئۆز مەزھىپىنىڭ كىتابلىرىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان، ئاللاھ تائالا «سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى ئۈلگە»[7] دەۋاتسا، ئۆز مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى، ئۆز تەرىقىتىنىڭ پېشۋاسىنى ئۈلگە قىلىۋالغان مۇسۇلمانلاردۇر.

دېمەك، ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلاش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مۇئمىن دەپ تونۇلۇش ۋە ياكى مۇئمىنلارنىڭ نەسلى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ. مۇھىم بولغىنى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇئمىنلىقتۇر. تارىخ بويىچە ئىززىتى خورلۇق بىلەن، غالىبلىقى مەغلۇبلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان مۇئمىنلار قۇرئان كەرىمدە تونۇتۇلغان مۇئمىنلار ئەمەس، بەلكىدە ئەنە شۇ «مۇسۇلمانلار»نىڭ بىرىدۇر.

بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە مۇسىبەت كەلمەكتە: قانلىرى تۆكۈلمەكتە، ماللىرى بۇلاڭ – تالاڭ، شەھەرلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا. ئۇلار قاچماقتا، ئۇرۇلۇپ – سوقۇلماقتا، تۇتۇلماقتا، زىندانلارغا تاشلانماقتا. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك پۈتۈن بۇلارنىڭ سەۋەبى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئۇ مۇئمىنلار بولماسلىقىدۇر. يەنى بۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاللاھنىڭ كىتابىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىغانلىقى، رەسۇلۇللاھقا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەگەشمىگەنلىكىدۇر.

دەرۋەقە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىدى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن ئىشلاردىن تەلەپكە لايىق دەرىجىدە يىراق تۇرمىدى، قۇرئان كەرىم قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق سالمىدى، قۇرئان كەرىم بايان قىلغان قىسسەلەردىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىبرەت ئالمىدى، رەسۇلۇللاھقا تولۇق ئەگەشمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلىم ئۆگىنىشنى تەرك ئەتتى، پەن – تېخنىكا ۋە كەشىپ – ئىجادىيەت ساھەلىرىدە باشقىلار بىلەن تەڭ ماڭمىدى، ئىشلىمىدى، تىرىشمىدى، يېدى، ئىچتى، ياتتى. لازىملىق نەرسىلىرىنى ئۆزلىرى ياسىماي، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى، ياسىغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ۋە ئىجاد قىلغان يېڭىلىقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنى باي قىلدى.

قىسقىسى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ھاياتىنى قۇرئان – ھەدىسكە قارىتا شەكىللەندۈرمىدى. ئەكسىچە ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى ئوقۇشنى، رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى دوراشنى، ئۈستىگە ئاسماندىن رەھمەت يېغىشى ۋە ئالدىغا زېمىندىن بەرىكەت چىقىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەپ چۈشەندى ۋە ئىشەندى. مۇسۇلمان بايلار بايلىقلىرىنى ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلقىنىڭ ئويغىنىشى، ۋەتىنىدە ئىلىم – بىلىمنىڭ گۈللىنىشى، پەن – تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ھۈنەر – سانائەتنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن سەرپ قىلمىدى. ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) ئۇلارنى ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر بىلەن جازالىدى.

دېمەككى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلمىشى سەۋەب، باشلىرىغا كېلىۋاتقىنى نەتىجە بولدى. كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا كەلسەك، ئۇلارمۇ نەتىجىدۇر، سەۋەبى ئۇلارنىڭ قىلمىشىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلماننىڭ بايلىرى كەيپ – ساپا سۈرۈش بىلەن، باي بولمىغانلىرى قورساق بېقىش ئۈچۈن كونا قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەش بىلەن، ياشلىرى بىكارچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. بۇنى پەرق ئەتكەن ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇ ئىلىمسىز مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرىنى باشلىق قىلىپ قويدى. بۇ قولچوماقلارنىڭ زۇلۇم پىچاقلىرى ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىگە يەتكەندە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىشىپ ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ يوللارغا تۆكۈلدى، مەيدانلارغا چىقتى. نەتىجىدە ئۇلار يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كەمچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن غەلىبە قىلالمىدى. يىغىپ ئېيتقاندا مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتمىدى، مۇسۇلمانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتتى.

كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا جاھىللىق ۋە نادانلىق شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۆزلىرىنى مۇجاھىد دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ جىھاد چۈشەنچىسى جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسلانمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىسى «جىھاد قىلدۇق»دەپ بىر يەرنى پارتلىتىدۇ، بەزىسى بىر يەرگە ئوت قويىدۇ، بەزىسى بىر مەسۇم ئىنساننى ئۆلتۈرىدۇ، بەزىسى بىر ئىجتىمائىي سورۇندا ۋەقە چىقىرىدۇ. بۇ ئىشلار مۇسۇلمانغا پايدا كەلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورچى ئېلان قىلىنىشىغا، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىش ياكى ئۇلارنى يوقىتىش لازىملىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى.

ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى «ئىسلامىي جىھاد» ئەمەس، ئىسلام ئۇ ئىشلاردىن ئادا – جۇدادۇر. چۈنكى ئىسلام ھېچبىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەمەس، خاتالىقىغا قارشى تۇرىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنى يوق قىلىشنى ئەمەس، ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئاساس قىلىدۇ. زېمىننى ۋەيران قىلىشنى ئەمەس، گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ باشلىرىغا قىلىچ تەڭلەپ ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا بويسۇندۇرۇش يولىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىگە دەلىل تەڭلەپ ئۇلارنى ئىلمىي يوسۇندا قايىل قىلىش يولىنى تۇتىدۇ. قۇرئان كەرىمنى دىققەت بىلەن تەپەككۇر قىلغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنى ئىمان ۋە ئىنساپ بىلەن تەتقىق قىلغان ھەر كىشى بۇنى تونۇپ يېتىدۇ.

2.      خاتا ھەرىكەت ۋە مەغلۇبىيەت

ھىجرەت – يۇرتنى تاشلاپ قارىسىغا «تەۋەككۈل»دەپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپكە قاراپ مېڭىش ئەمەس، بەلكىدە ياشاۋاتقان يۇرتىدا قىلالمىغان ياخشى ئىشنى قىلىش غايىسى بىلەن، ئۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدىغان بىرەر يۇرتنى ئالدىن ئۇقۇشۇپ، ئۇ يەرگە بېرىشنىڭ يولىنى ئېنىق بەلگىلەپ، ھەر جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئاندىن شۇ يۇرتقا بېرىشتۇر. ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ئىككى ھىجرەت (ھەبەشىستانغا ۋە مەدىنىگە قىلىنغان ھىجرەت) ھەققىدە پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن يوليورۇق ۋە ئىجرا قىلغان تاكتىكىلار بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ[8].

جىھاد – ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا مۇسۇلمان بولۇپ ياشاش ئۈچۈن ۋە ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىلكىدىكى ھەر نەرسىنى سەرپ قىلىش دېمەكتۇر. مۇسۇلمان بولۇپ ياشاش ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا توغرا ئىشلاردا ماسلىشىش، خاتالىق بىلەن زۇلۇمغا مۇمكىن بولغان يول ۋە مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى بولسا ئىسلامغا ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلىش، ئىسلامنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەھكام، ئەخلاق ۋە ئەدەبلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا، ئۇيغۇن پۇرسەتتە، تاتلىق تىل ۋە گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. بۇلار ئىلمىي قابىلىيەت، ئىجتىمائىي سالاھىيەت ۋە سىياسىي ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشلاردۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ھاسىل قىلىش، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلىش ئەڭ چوڭ جىھاددۇر. چۈنكى بۇ ئىلىم بىلەن يەنى قۇرئان بىلەن قىلىنغان جىھاددۇر[9].

مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ مۇمكىن بولغان يەرگىچە ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ جىھاد قىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇ جىھادى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان زالىملارنىڭ كۆزلىرىگە كىرگەن بىر تىكەن، يۈرەكلىرىگە سانجىلغان بىر يىڭنە بولۇپ ئۆز ماكانلىرىدا مەھكەم ئولتۇرۇشى، ۋەتىنىنى ئۇلارغا بىكارلاپ بەرمەسلىكى، ئوقۇشى، ئۆگىنىشى، بىلىم ئىگىسى بولۇشى، پەن – تېخنىكا ئىگىلىشى، شۇنداقلا ھايات يولىدا ئۇلار بىلەن ھەر جەھەتتە تەڭ ماڭالايدىغان سەۋىيەگە چىقىشى، ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلمىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆگىنىشى ۋە ھۈنەر – سەنئەت ساھەسىدە يۈكسىلىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت[10].

ئۇلارنىڭ مەككە پەتىھ بولۇشتىن ئىلگىرى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى كۈتۈپ مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغاندەك ياشىشى[11]، فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئىچىدە ئىمانىنى يوشۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن پەيت كۈتكەن مۇئمىن ئادەمدەك پەيت كۈتۈشى[12] ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى لازىم. «ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[13]. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جىھاد ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق ھاياتىنىڭ تامامى جىھاد، لېكىن ھەممىسى ئۇرۇش ئەمەس. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇلارنى چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تونۇپ يېتىشى ئىنتايىن مۇھىم.

3.      ھوشيارلىق ۋە يوقالماسلىق

مۇسۇلمان ئۆز جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئىجابىي پائالىيەتلەرگە قوشۇلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەتتا ئالدىنقى سەپتە ماڭىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى سەلبىي ھادىسىلەرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنى قوللىمايدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارشى تۇرۇشى ياخشى ئۇسلۇب، گۈزەل ئۇسۇل ۋە مۇۋاپىق يول بىلەن بولىدۇ.

جىھادنىڭ قورال – ياراغ بىلەن قىلىنىدىغان قىسمىنى قىلىشقا شەرتى توشمايدىغان يەنى تەلەپكە لايىق قۇۋۋىتى ۋە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەسكىرىي كۈچى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى فىرئەۋنگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى مىسال بولىدۇ. فىرئەۋن ئۆز ۋاقتىدا كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان خەلق بار ئىدى، فىرئەۋن ئۇ خەلقلەرنى ئالدىغان ئىدى، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بويسۇنغان ئىدى. ئاللاھ تائالا فىرئەۋننىڭ ئەمرىنى، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مُوسَىٰ بِآيَٰتِنَا وَسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٍ  ٩٦ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَٱتَّبَعُوٓاْ أَمۡرَ فِرۡعَوۡنَۖ وَمَآ أَمۡرُ فِرۡعَوۡنَ بِرَشِيدٖ  ٩٧﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن دەلىل بىلەن فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئادەملەر فىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، فىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى»[14].

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن پاكىت قويۇشقا ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿ٱذۡهَبۡ أَنتَ وَأَخُوكَ بِآيَٰتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكۡرِي  ٤٢ ٱذۡهَبَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ  ٤٣ فَقُولَا لَهُۥ قَوۡلٗا لَّيِّنٗا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوۡ يَخۡشَىٰ  ٤٤﴾

«سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى زىكىر قىلىشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن»[15].

ئاللاھ تائالا فىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَنَادَىٰ فِرۡعَوۡنُ فِي قَوۡمِهِۦ قَالَ يَٰقَوۡمِ أَلَيۡسَ لِي مُلۡكُ مِصۡرَ وَهَٰذِهِ ٱلۡأَنۡهَٰرُ تَجۡرِي مِن تَحۡتِيٓۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ  ٥١ أَمۡ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡ هَٰذَا ٱلَّذِي هُوَ مَهِينٞ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ  ٥٢ فَلَوۡلَآ أُلۡقِيَ عَلَيۡهِ أَسۡوِرَةٞ مِّن ذَهَبٍ أَوۡ جَآءَ مَعَهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ مُقۡتَرِنِينَ  ٥٣﴾

«فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟»[16].

فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقاتماقچى بولغان، لېكىن فىرئەۋن ئۇلاردىن بۇ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق ئىش تاپالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەقىل – ھوشىنى يوقىتىپ، ئۆز قەۋمىدىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ بىر دىكتاتور ئىدى، شۇنداقلا خالىغىنىنى ھېچكىمدىن سورىمايلا قىلالايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ ذَرُونِيٓ أَقۡتُلۡ مُوسَىٰ وَلۡيَدۡعُ رَبَّهُۥٓۖ إِنِّيٓ أَخَافُ أَن يُبَدِّلَ دِينَكُمۡ أَوۡ أَن يُظۡهِرَ فِي ٱلۡأَرۡضِ ٱلۡفَسَادَ  ٢٦﴾

«فىرئەۋن مۇنداق دېدى: مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن»[17].

 فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە تاپالماي ئاخىرى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ ئېتىبارىنى ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ھەمدە بۇ باھانە بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋنگە، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن، فىرئەۋننىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ھەرىكەت قىلمىغان، بەلكىدە ئۇ ئۆز قەۋمىنى سەۋر قىلىشقا، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا، نامازنى ئۆيلىرىدە ئۆتەشكە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى فىرئەۋننىڭ زۇلۇمىغا نىشان قىلىپ بەرمەسلىككە بۇيرۇغان. مۇشۇنداق بولغاندا فىرئەۋن ئۇلارنى يوق قىلىۋېتىشقا سەۋەب تاپالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَ مُوسَىٰ يَٰقَوۡمِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ فَعَلَيۡهِ تَوَكَّلُوٓاْ إِن كُنتُم مُّسۡلِمِينَ  ٨٤ فَقَالُواْ عَلَى ٱللَّهِ تَوَكَّلۡنَا رَبَّنَا لَا تَجۡعَلۡنَا فِتۡنَةٗ لِّلۡقَوۡمِ ٱلظَّٰلِمِينَ  ٨٥ وَنَجِّنَا بِرَحۡمَتِكَ مِنَ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ  ٨٦ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰ وَأَخِيهِ أَن تَبَوَّءَا لِقَوۡمِكُمَا بِمِصۡرَ بُيُوتٗا وَٱجۡعَلُواْ بُيُوتَكُمۡ قِبۡلَةٗ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٨٧﴾

«مۇسا: ‹ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار› دېدى. ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹بىز پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن، بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كافىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن». بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[18].

پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان ۋە تەكشۈرگەن ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇتقان يولنىڭ ئوخشىشىنى تۇتقان. تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر زالىم ھۆكۈمرانغا مۇئمىن جامائەتنى يوق قىلىۋېتىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، ئۇنىڭغا باھانە بولىدىغان ھېچبىر ئىش قىلمىغان ۋە ھېچبىر يولغا كىرمىگەن.

ئاللاھ تائالا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەزلۇمنىڭ زالىمغا يامانلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿لَّا يُحِبُّ ٱللَّهُ ٱلۡجَهۡرَ بِٱلسُّوٓءِ مِنَ ٱلۡقَوۡلِ إِلَّا مَن ظُلِمَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا  ١٤٨﴾

«ئاللاھ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىدىن باشقىسىنىڭ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ[19]. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[20].

يەنى ئاللاھ بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىگە يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى زۇلۇم قىلغۇچىغا يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلسا بولىدۇ[21].

مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ خانىدانىغا يامانلىق تىلەپ ئاشۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَ مُوسَىٰ رَبَّنَآ إِنَّكَ ءَاتَيۡتَ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَأَهُۥ زِينَةٗ وَأَمۡوَٰلٗا فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّواْ عَن سَبِيلِكَۖ رَبَّنَا ٱطۡمِسۡ عَلَىٰٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ وَٱشۡدُدۡ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَلَا يُؤۡمِنُواْ حَتَّىٰ يَرَوُاْ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ  ٨٨﴾

«مۇسا ئېيتتى: رەببىمىز! سەن فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال – مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتىۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمىسۇن»[22].

نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَقَالَ نُوحٞ رَّبِّ لَا تَذَرۡ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ دَيَّارًا  ٢٦ إِنَّكَ إِن تَذَرۡهُمۡ يُضِلُّواْ عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوٓاْ إِلَّا فَاجِرٗا كَفَّارٗا  ٢٧ رَّبِّ ٱغۡفِرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيۡتِيَ مُؤۡمِنٗا وَلِلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۖ وَلَا تَزِدِ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا تَبَارَۢا  ٢٨﴾

«نۇھ ئېيتتى: ‹رەببىم! يەر يۈزىدە كافىرلاردىن بىرىنىمۇ قويمىغىن! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇزكورلاردىن باشقىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا – ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە زىيادە قىلمىغىن!»[23].

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ توغرىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردەك يول تۇتقان. مەككىدە تۇرغان 13 يىللىق  ئۇزۇن زامان ئىچىدە مۇئمىنلارغا قوراللىق جىھاد قىلىش  رۇخسىتى بەرمىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، دۈشمەنلەرگە مۇئمىنلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەن بولاتتى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىشىغا باھانە تېپىپ بەرگەن بولاتتى.

پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلى تۇتۇلغان، ئارمىيەنىڭ ئاساسى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىنى قوغداش رۇخسىتى بېرىلدى. چۈنكى بۇ چاغدا مۇئمىنلارنىڭ يامانلىق قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۇلارنىڭ يوق بولۇپ كېتىشلىرىگە سەۋەبچى بولماستىن، بەلكىدە ھەقنىڭ كۈچ – قۇۋۋىتىنى ئاشۇراتتى ۋە باتىلنىڭ يوق بولۇشىغا ھەسسە قوشاتتى.

خۇلاسە

  • بۈگۈن يەر يۈزىدە مەدىنىگە ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى قانات ئاستىغا ئالىدىغان بىرەر مۇسۇلمانلار دۆلىتى ياكى ھەبەشىستانغا ئوخشاش ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە پاناھلىق بېرىدىغان بىرەر ئادىل پادىشاھ دۆلىتى مەۋجۇت بولغان تەقدىردە، ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن خاتىرجەم ياشىيالمىغان مۇسۇلمانلاردىن شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىگە كېتىشكە قادىر بولالىغانلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى پەرزدۇر.
  • مۇسۇلمان قەيەردە ياشىسا ياشىسۇن ھەر دائىم قولىدىن كەلگەن جىھادنى قىلىدۇ يەنى مۇسۇلمان ئۆز نەپسى ۋە شەيتان بىلەن ھەر دائىم كۈرەش قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى، تارقىلىشى ۋە قوغدىلىشى، ئىلىم – مەرىپەت نۇرىنىڭ ئۆچۈپ قالماسلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى ئۈچۈن ئىلمى، پىكرى، ئەقلى ۋە مېلى بىلەن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدۇ. قوراللىق قىلىنىدىغان جىھادنىڭ شەرتلىرى ھازىرلىنىپ باشلانسا ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.
  • بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبى ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇسۇلمانلار بولماسلىقىدۇر. شۇڭا سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) ئۇلارغا قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلىنغان نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىش جازاسى بەرگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَآ أَصَٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٖ فَبِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖ  ٣٠﴾

 «سىلەرگە قانداق مۇسىبەت يەتسە ئۆز قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يېتىدۇ، ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»[24].

﴿… إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ وَإِذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِقَوۡمٖ سُوٓءٗا فَلَا مَرَدَّ لَهُۥۚ وَمَا لَهُم مِّن دُونِهِۦ مِن وَالٍ  ١١﴾

«ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاللاھ بىرەر قەۋمگە يامانلىق ئىرادە قىلسا ئۇنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر قوغدىغۇچىسى يوقتۇر»[25] .‏

﴿مَّنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِنَفۡسِهِۦۖ وَمَنۡ أَسَآءَ فَعَلَيۡهَاۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ  ٤٦﴾

«كىم ياخشى ئىش قىلسا پايدىسى ئۆزىگىدۇر. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگىدۇر. رەببىڭ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر»[26].

  • ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا غالىب كېلىش ئۈچۈن بىر قانۇن يولغا قويغان. ئۇ قانۇن بويىچە ئىش قىلغانلار غالىب كېلىدۇ. ئۇھۇد مەيدانىدا پەيغەمبىرىمىز باشچىلىقىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشتا مۇشرىكلار غالىب كەلگەن. دېمەككى، ئۇرۇش قانۇنىغا بويسۇنمىغان مۇسۇلمانلار، ئۆز ئارىسىدا پەيغەمبەر بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ كېتىدۇ.

مۇسۇلمانلار «بىز ئۇنداق مىللەت، بىز تارىختا ئۇنداق ئىش قىلغان مىللەت، بىزدىن پالانى ئالىم چىققان، پوكۇنى زات يېتىشكەن» دەپ ئۆتمۈشىدىن پەخىرلىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى ئىسلام دىيارى دەپ ئاتىلىدىغان يەردە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلارنىڭ مۇسۇلمان دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمان دەپ چۈشىنىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى، شۇنداقلا ئىزدىنىشى، ئۆگىنىشى، ئىشلىشى ۋە سۈننەتۇللاھقا مۇۋاپىق ئىش قىلىشى شەرت[27].

بىز تارىختا ئۆتكەن ئالىم، سېخىي ۋە قەھرىمان ئاتا – بوۋىلىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇلار بىلەن پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز. لېكىن بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز زۆرۈركى: ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلىرى بىزنىڭ «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىزغا يەتمەيدۇ. «ياخشى ئادەم» بولۇشىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز ياخشى ئىش قىلىشىمىز لازىم، چۈنكى مۇسۇلماننىڭ بالىسى بولۇش باشقا، مۇسۇلمان بولۇش باشقىدۇر. ھەقنى كۆرگەنلىك باشقا، ھەقنى كۆزلىگەنلىك باشقىدۇر. ھەقىقەتنى چۈشەنگەنلىك باشقا، ھەقىقەتكە ئىشەنگەنلىك باشقىدۇر. ھەققانىيەتنى تونۇغانلىق باشقا، ھەققانىيەتتە تۇرغانلىق باشقىدۇر.

دەرۋەقە، دۇنيادا ھېچبىر چېمپىيون، چېمپىيون ئاتىنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن چېمپىيون ھېسابلانمايدۇ. ئەكسىچە ھەر چېمپىيون ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسى بويىچە پۈتۈن مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولۇپ چېمپىيون بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىرىنچى بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالىدۇ.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلمانلىق، تەقۋادارلىق، مەردلىك، سېخىيلىق ۋە باتۇرلۇق قاتارلىق ئالىي خىسلەتلەر ساھەسىدىمۇ ھەر چېمپىيوننىڭ چېمپىيون بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسابىقىگە بىۋاسىتە قاتنىشىشى ۋە بىرىنچى بولۇپ چىقىشى شەرت. شۇنداق بولغاندا ئۇ، دۇنيادا سائادەت، ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت بولغان مۇكاپات لوڭقىسىنى ئالالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَسَارِعُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ أُعِدَّتۡ لِلۡمُتَّقِينَ  ١٣٣﴾

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان»[28].

﴿سَابِقُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا كَعَرۡضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أُعِدَّتۡ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ  ٢١﴾

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىىڭ ئىگىسىدۇر»[29].

  • مۇسۇلمان ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن بەزى شارائىتلاردا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپ ياشىسا ياشايدۇكى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئۆتىسە ئۆتەيدۇكى، ئۆزىنى خەتەرگە ئاتمايدۇ. ئۆز جەمئىيىتىدىكى توغرا ئىشلارنى قوللايدۇ، خاتا ئىشلارغا ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرىدۇ.

مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ھەر دائىم ئۆزى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆزىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ياكى ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى دەپ چۈشىنىدۇ. ئۆزىنى تەكشۈرىدۇ، خاتالىقى بولسا تۈزىتىدۇ. بولمىسا سەۋر قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئىمانىدىن يانمايدۇ، ئىسلامىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، ئوڭ – سولغا بۇرۇلماستىن توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭىدۇ. 

قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان قىسسەلەر تارىخىي ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەكرارلىنىدۇ. مۇئمىن ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا تېڭىرقاپ ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتماستىن، ئىلگىرىكى مۇئمىن قېرىنداشلىرى شۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىدا ئىمانىنى ساقلاپ قالغاندەك، ئىمانىنى ساقلاپ قالىدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ جىھاد قىلغانلىقىدۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 199 – 214.

[1] قاراڭ:  63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 8 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 139 – ئايەت.

[3] 24 – سۈرە نۇر، 55 – ئايەت.

[4] بۇ سۆز بۇ شەكلى بىلەن ھەدىس ئەمەس، لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھەدىسلىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[5] بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇرئان، ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن «ئاللاھنىڭ كىتابى» دەپ ئىزاھلاندى. (قاراڭ: تىرمىزى، «فەزائىلىل قۇرئان»، 13؛ دارىمى، «فەزائىلىل قۇرئان»، 1.

[6]  3 – سۈرە ئال ئىمران، 103 – ئايەت.

[7] 33 – سۈرە ئەھزاب، 21 – ئايەت.

[8]  تەتقىقاتىمىزنىڭ «ھىجرەت» بۆلۈمىدە بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

[9] قاراڭ:  25 – سۈرە فۇرقان، 52 – ئايەت. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا تەپسىلىي توختالدۇق.

[10]  بۇ ئىشلارنىڭ جىھاد ئىكەنلىكى يۇقىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

[11] قاراڭ:  48 – سۈرە فەتھ، 25 – ئايەت.

[12] قاراڭ:  40 – سۈرە غافىر، 28 – ئايەت.

[13] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت.

[14] 11 – سۈرە ھۇد، 96 – ۋە 97 – ئايەتلەر.

[15] 20 – سۈرە تاھا، 42 ~ 44 – ئايەتلەر.

[16] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 51 ~ 53 – ئايەتلەر.

[17] 40 – سۈرە غافىر، 26 – ئايەت.

[18] 10 – سۈرە يۇنۇس، 84 ~ 87 – ئايەتلەر.

[19]  زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى بۇ قائىدىنىڭ تېشىدا. چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى پەرياد قىلالايدۇ؛ زالىمغا توۋلاپ دۇئايىبەت قىلالايدۇ، ئۇنىڭدىن زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ يامانلىقلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ؛ ھەتتا يامان سۆزلىرىگە ئوخشاش يامان سۆزلەر بىلەن قارشىلىقمۇ بېرەلەيدۇ. قاراڭ: ئەبۇ جەئفەر مۇھەممەد ئىبنى جەرىر ئىبنى يەزىد ئىبنى كەسىر ئىبنى غالىب تەبەرى، جامىئۇل بەيان فىي تەئۋىلىل قۇرئان، تەھقىقلىغۇچى: ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر (بېيرۇت: مۇئەسسەتۇررىسالە، ھ 1420 / م 2000)، 9: 346.

[20] 4 – سۈرە نىسا، 148 – ئايەت.

[21] قاراڭ: تەبەرى، جامىئۇل بەيان فىي تەئۋىلىل قۇرئان، 9: 343.

[22] 10 – سۈرە يۇنۇس، 88 – ئايەت.

[23] 71 – سۈرە نۇھ، 26 ~ 28 – ئايەتلەر.

[24] 42 – سۈرە شۇرا، 30 – ئايەت.

[25] 13 – سۈرە رەئد، 11 – ئايەت.

[26] 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 46 – ئايەت.

[27]  ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَى – ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا  نەرسە يوقتۇر﴾ (53 – سۈرە نەجم، 39 – ئايەت).

[28] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 133.

[29] 57 – سۈرە ھەدىد، 21 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر