باش بەت > لازىملىق دىنىي ئىلىملەر > ھېكمەت ئىزدىنىشلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

3.      جىھادنىڭ ئوبيېكتىلىرى

ئىنساننىڭ ئۈچ تۈرلۈك دۈشمىنى بار بولۇپ، ئۇ دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش جىھاد قىلغانلىقتۇر. مەزكۇر دۈشمەنلەر ۋە ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشنىڭ يوللىرى تۆۋەندىكىچە:

1)     نەپس

نەپس تېزلا ھاسىل بولىدىغان راھەتنى خالايدۇ، ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى ياخشى كۆرىدۇ، نەقنى كۆزلەيدۇ، كېيىن يۈز بېرىدىغان قىيىنچىلىقلارنى ئويلىمايدۇ، ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ[1]، شۇنداقلا قەلب (قلب)نى ئەقىلگە بويسۇنۇشتىن توسۇپ، ئۆزىنىڭ خاھىشلىرى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا كۆندۈرۈپ، بەدەننىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ[2]. مۇنداقچە ئېيتقاندا نەپس شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارشى جىھاد قىلىش ئەڭ قىيىن جىھاددۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا قارشى تۇرۇشى زور، ئۆز نەپسىنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى قىيىن، ئۆز نەپسىنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلماسلىقى تەستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىپ غەلىبە قىلالمىغان كىشى دۈشمىنىگە قارشى جىھاد قىلىشقا ئۆزىدە كۈچ ۋە جاسارەت تاپالمايدۇ.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇجاھىد نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغان كىشىدۇر»[3]. بۇ مەنىدە كۆپ ھەدىس بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنىڭ خاتا ئارزۇلىرىغا، ھەتتا نەپسىنىڭ قۇرۇق ۋە مەنىسىز ئىستەكلىرىگە قارشى تۇرۇپ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتمەي چىڭ تۇرۇشنىڭ «نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

نەپسكە قارشى جىھاد ئىسلامنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىسلامغا ئەمەل قىلىش، ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ۋە بۇ يولدىكى قىيىنچىلىقلارغا سەۋر قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡعَصۡرِ  ١ إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَفِي خُسۡرٍ  ٢ إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلۡحَقِّ وَتَوَاصَوۡاْ بِٱلصَّبۡرِ  ٣﴾

«ئەسر بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ئەلۋەتتە زىيان ئىچىدىدۇر. پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان ۋە سەۋرنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەر زىيان ئىچىدە ئەمەس»[4].

﴿وَأَمَّا مَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ وَنَهَى ٱلنَّفۡسَ عَنِ ٱلۡهَوَىٰ  ٤٠ فَإِنَّ ٱلۡجَنَّةَ هِيَ ٱلۡمَأۡوَىٰ  ٤١﴾

«كىم رەببىنىڭ ماقامىدىن قورقىدىكەن ۋە نەپسىنى خاھىشىدىن توسىدىكەن، ئۇنىڭ جايى چوقۇم جەننەت بولىدۇ»[5].

2)     شەيتان

شەيتان نەپسنىڭ مەشقاۋۇلىدۇر. ئۇ نەپسكە داۋاملىق سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرسىتىدۇ، ئۇ نەپسنى يامانلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ، نەخ پايدىغا ھەۋەسلەندۈرۈپ كېيىنكى زىياننى ئويلىماسلىققا تەشۋىق قىلىدۇ، پەرزلەردىن سوۋۇتۇپ ھاراملارغا قىزىقتۇرىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ياندۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ، چۈنكى ئۇ  ئاللاھ تائالادىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك ياشاش ۋەدىسىنى ئالغاندا ئىنسانلارنى توغرا يولدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالَ فَبِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأَقۡعُدَنَّ لَهُمۡ صِرَٰطَكَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ  ١٦ ثُمَّ لَأٓتِيَنَّهُم مِّنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ وَعَنۡ أَيۡمَٰنِهِمۡ وَعَن شَمَآئِلِهِمۡۖ وَلَا تَجِدُ أَكۡثَرَهُمۡ شَٰكِرِينَ  ١٧﴾

«ئىبلىس ئېيتتى: مەن ئۇلار ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكۈر قىلمايدۇ»[6].

دېمەككى، شەيتان ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا كەلگەن، كىرگەن ۋە ئۇنىڭدا ماڭغانلارنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇنى دۈشمەن بىلىش ۋە دۈشمەن تۇتۇش، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، پەرزدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لَكُمۡ عَدُوّٞ فَٱتَّخِذُوهُ عَدُوًّاۚ إِنَّمَا يَدۡعُواْ حِزۡبَهُۥ لِيَكُونُواْ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ  ٦﴾

«شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ»[7].

شەيتانغا قارشى جىھاد ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ وَمَن يَتَّبِعۡ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِ فَإِنَّهُۥ يَأۡمُرُ بِٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِۚ وَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ مَا زَكَىٰ مِنكُم مِّنۡ أَحَدٍ أَبَدٗا وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ  ٢١﴾

«ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ئىشلارغا ۋە يامان سۆز – ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم پاك بولالمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[8].

3)   تاجاۋۇزچى

تاجاۋۇزچى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

(1) ئۆزلىرى مۇسۇلمان جامائەسى تۇرۇقلۇق باشقا بىر مۇسۇلمان جامائە بىلەن ئۇرۇشقان، باشقا مۇسۇلمانلار ئىسلاھ قىلىپ قويغاندىن كېيىن يەنە قارشى جامائەگە تاجاۋۇز قىلغۇچى جامائە. بۇ تاجاۋۇزچى جامائەگە قارشى قىلىنىدىغان جىھاد ئۇرۇش قىلىشتۇر يەنى قىتالدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِن طَآئِفَتَانِ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱقۡتَتَلُواْ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَاۖ فَإِنۢ بَغَتۡ إِحۡدَىٰهُمَا عَلَى ٱلۡأُخۡرَىٰ فَقَٰتِلُواْ ٱلَّتِي تَبۡغِي حَتَّىٰ تَفِيٓءَ إِلَىٰٓ أَمۡرِ ٱللَّهِۚ فَإِن فَآءَتۡ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَهُمَا بِٱلۡعَدۡلِ وَأَقۡسِطُوٓاْۖ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُقۡسِطِينَ  ٩ إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِخۡوَةٞ فَأَصۡلِحُواْ بَيۡنَ أَخَوَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ  ١٠﴾

«ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى جامائە بىر – بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغان تەرەپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇ قايتسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزىتىڭلار. ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[9].

(2) مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى ئىشغال قىلغان غەيرىي مۇسۇلمانلار. بۇ خىل تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جىھادمۇ ئۇرۇش قىلىشتۇر يەنى قىتالدۇر.   ‏

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ  ١٩٠ وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ ثَقِفۡتُمُوهُمۡ وَأَخۡرِجُوهُم مِّنۡ حَيۡثُ أَخۡرَجُوكُمۡۚ وَٱلۡفِتۡنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۚ وَلَا تُقَٰتِلُوهُمۡ عِندَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِيهِۖ فَإِن قَٰتَلُوكُمۡ فَٱقۡتُلُوهُمۡۗ كَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ  ١٩١﴾

«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەرمۇ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏ ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقارغان يەردىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار. فىتنە ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر. مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىغىچە سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداقتۇر»[10].

﴿أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ مِنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰٓ إِذۡ قَالُواْ لِنَبِيّٖ لَّهُمُ ٱبۡعَثۡ لَنَا مَلِكٗا نُّقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ قَالَ هَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ أَلَّا تُقَٰتِلُواْۖ قَالُواْ وَمَا لَنَآ أَلَّا نُقَٰتِلَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَدۡ أُخۡرِجۡنَا مِن دِيَٰرِنَا وَأَبۡنَآئِنَاۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقِتَالُ تَوَلَّوۡاْ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ  ٢٤٦﴾

«ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسادىن كېيىنكى دەۋردە ياشىغان كاتتىلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەبىيىسىگە: ‹بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلايلى!› دېگەن ئىدى. ئۇ نەبىي ئۇلارغا: ‹سىلەرگە ئۇرۇش پەرز قىلىنسا، ئۇرۇش قىلمىساڭلارچۇ؟‹ دېدى. ئۇلار: ‹بىز ئاللاھ يولىدا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايلى؟ بىز يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، بالا – چاقىلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىلگەن تۇرساق!› دېدى. لېكىن ئۇلارغا ئۇرۇش پەرز قىلىنغان ئىدى، ئازغىنىسىدىن باشقىسى يۈز ئۆرۈدى. ئاللاھ زالىملارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[11].

‏بۇ ئايەت ۋەتەننى ئىشغالىيەتتىن، بالا – چاقىنى ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

4)   زالىم

بۇ مۇسۇلمانلارغا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن چىقىرىۋەتكەن، چىقىپ كېتىشكە چارە تاپالمىغانلارنى ئاسارەتتە تۇتۇۋاتقانلار بولۇپ، بۇلارغا قارشى قىلىنىدىغان جىھادمۇ ئۇرۇش قىلىشتۇر يەنى قىتالدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا لَكُمۡ لَا تُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلظَّالِمِ أَهۡلُهَا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا  ٧٥﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە: «رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇشمايۋاتىسىلەر؟»[12].

﴿أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَٰتَلُونَ بِأَنَّهُمۡ ظُلِمُواْۚ وَإِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ نَصۡرِهِمۡ لَقَدِيرٌ  ٣٩ ٱلَّذِينَ أُخۡرِجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بِغَيۡرِ حَقٍّ إِلَّآ أَن يَقُولُواْ رَبُّنَا ٱللَّهُۗ… ٤٠﴾

«ئۇرۇش ئېچىلغانلارغا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلدى. چۈنكى ئۇلار زۇلۇمغا ئۇچرىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئۇلار پەقەت ‹رەببىمىز ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈنلا يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان كىشىلەردۇر»[13].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 192 – 199.

[1] قاراڭ:  12 – سۈرە يۇسۇف، 53 – ئايەت.

[2]  چۈنكى نەپس راھەتنى كۆزلەيدۇ، مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدۇ. ئەقىل ھەقنى كۆرسىتىدۇ، خاتالىقتىن توسىدۇ. قەلب قارار قىلىدۇ، بەدەن ئىجرا قىلىدۇ. شۇڭا ئەقىل قەلبنى ھەقىقەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا چاقىرىدۇ، نەپس مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ قارار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. قەلب ئەقىلگە بويسۇنۇپ قارار قىلسا توغرا قارار قىلىدۇ، ناۋادا نەپسكە بويسۇنۇپ قارار قىلسا خاتا قارار قىلىدۇ. بەدەن، توغرا بولسۇن، خاتا بولسۇن قەلبنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ گۆش قەلبتۇر» (بۇخارى، «ئىمان»، 39؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 107؛ ئىبنى ماجە، «فىتەن»، 14؛ دارىمى، «بۇيۇئـ»، 1). خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەر ئەقلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىماندا ئەقىل بىلەن چۈشىنىش ئەمەس، قەلب بىلەن تەستىقلاش ئاساس قىلىنغان.

[3]  تىرمىزى، «جىھاد» 2؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 39: 375، 381، 386، 387.

[4] 103 – سۈرە ئەسىر.

[5]  79 – سۈرە نازىئات، 40 – ۋە 41 – ئايەتلەر.

[6] 7 – سۈرە ئەئراف، 16 – ۋە 17 – ئايەتلەر

[7] 35 – سۈرە فاتىر، 6 – ئايەت.

[8] 24 – سۈرە نۇر، 21 – ئايەت.

[9] 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 9 – ۋە 10 – ئايەتلەر.

[10] 2 – سۈرە بەقەرە، 190 ~ 191 – ئايەتلەر.

[11] 2 – سۈرە بەقەرە، 246 – ئايەت.

[12] 4 – سۈرە نىسا، 75 – ئايەت.

 [13] 22 – سۈرە ھەج، 39 – ۋە 40 – ئايەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ