مۇسۇلمانلار

ھىجرەت قىلىش كېرەكمۇ؟

سوئال:
ھۆرمەتلىك ئۇستاز، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھىجرەت قىلىش پەرز بولدى دېگەن پەتىۋالار غولداپ قاپتۇ. ئەگەر ھىجرەت قىلىش پەرز بولسا، بىز قەيەرگە ھىجرەت قىلىمىز؟ مۇشۇ مەسىلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ـ ھۆرمەت بىلەن: جۈمە قارى
جاۋاب:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
«ھىجرەت» نىڭ لۇغەت مەنىسى
ھىجرەت دېگەن سۆز لۇغەتتە تەرك ئېتىش، كۆچۈش، ئۈزۈش، يۈز ئۆرۈش، ئايرىلىش ۋە يىراقلىشىش، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.– (لىسانۇلئەرەب، ئەلقامۇسۇلمۇھىت، ئەسسىھاھۇ فىللۇغە، مۇئجەمۇ مەقايىسىللۇغە).
«ھىجرەت» نىڭ ئىستىلاھ مەنىسى
ھىجرەتنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىستىلاھ مەنىسى بار:
1- گۇناھنى تەرك ئېتىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مۇھاجىر ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر» دېگەن سۆزى بۇ مەنىدىكى ھىجرەتنى بايان قىلىدۇ.– (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
2- يۇرتنى تاشلاپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشتۇر. بۇنى تۇنجى بولۇپ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلار، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ مەككىلىك نۇرغۇن ساھابىلىرى قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى مەشھۇر ھىجرەت بولۇپ، مىلادىيەنىڭ 638– يىلى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ كالېندارى تۈزۈلۈپ، ئۇ ھىجرەت ئەمەلگە ئاشقان يىل يەنى مىلادىيەنىڭ 622– يىلى مۇسۇلمانلار كالېندارىنىڭ يىل بېشى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ھىجرەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ شەرتى
بىرىنچى ھىجرەتنىڭ يەنى گۇناھنى تەرك ئېتىشنىڭ ھېچقانداق شەرتى يوق. مۇسۇلمانلار دىنىمىزدا گۇناھ دەپ كۆرسىتىلگەن پۈتكۈل ئىشلارنى تەرك ئېتىشى، ھەتتا ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. گۇناھلاردىن مەنئى قىلىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى ھىجرەتنىڭ يەنى يۇرتنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشنىڭ شەرتى بار. ئۇ شەرت ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ ھىجرىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ھەر مۇسۇلمان بۇنى بىلەلەيدۇ.
يەنى بىر مۇسۇلمان ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقسا، ئۇ مۇسۇلماننىڭ يۇرتىنى تەرك ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى بولمىغان بىر يەرگە ھىجرەت قىلىشى (كۆچۈپ كېتىشى) پەرزدۇر. ئۇنداق بىر خەۋپ بولمىسا ھىجرەت پەرز ئەمەستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
«مەككە فەتىھ بولغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق….»– (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«مۇھاجىر، ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر»– (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھىجرەت توغرۇلۇق سورالغاندا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ھىجرەت يوق. بۇرۇن مۇئمىن زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇپ دىنى بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرەپكە قاچاتتى. لېكىن ھازىر ئاللاھ تەئالا ئىسلامنى ئاشكارىلىدى. مۇئمىن كىشى پەرۋەردىگارىغا خالىغان يېرىدە ئىبادەت قىلالايدۇ»– (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ يۇرتنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشتىن ئىبارەت بولغان ھىجرەتنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ «زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قورقۇش» شەرتىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلىرىنىڭ ھىجرىتى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ ھىىجرىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ مەككىدە مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر قىسىم ساھابىلىرىنى خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدىغان ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان. ئۆزىمۇ مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كېڭەش يىغىنىدا ئۆزىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ۋە بۇ جازانىڭ شۇ كېچىسى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ھىجرەت قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، قىسقا مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەردە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلار دىنى ۋە دۇنيەۋى ھاياتىدا خاتىرجەم ياشىيالايدىغان بىر مۇھىت بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭدىن كېيىن مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ ھىجرەت قىلمىغانلار ھەققىدە مۇنۇ مەنىدىكى ئايەت نازىل بولغان:
«شۈبھىسىزكى، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلارنى ۋاپات قىلدۇرىدىغان چاغدا ئۇلارغا: ‹قايسى ھالەتتە ئىدىڭلار؟› دەيدۇ. ئۇلار: ‹زېمىندا بوزەك قىلىنغۇچىلار ئىدۇق› دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى ئەمەسمىدى؟ ئۇ يەردە ھىجرەت قىلسىڭىزلارىدى!› دەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»- نىسا 4/97.
ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلمىغانلار ھەققىدە يۇقىرىقى ئايەتتىن كېيىنلا كېلىدىغان مۇنۇ مەنىدىكى ئايەتلەر نازىل بولغان:
«پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
ئەنە شۇلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»- نىسا 4/98-99.
تۆۋەندىكى ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ 7– يىلى مەككىگە بارغاندا، مەككىدە نۇرغۇنلىغان ئەر–ئايال مۇئمىنلارنىڭ بارلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئۇلار كاپىر بولغان، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن، تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقلارنى ئۆز جايىغا يېتىپ بېرىشتىن توسقانلاردۇر. ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى. بۇ ئاللاھنىڭ خالىغان كىشىنى رەھمىتىگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كاپىرلارنى قىينىغۇچى ئازاب بىلەن ئازابلايتتۇق»- فەتىھ 48/24-25.
بۇ ئايەتنىڭ ئىچىدىكى «ئەگەر سىلەر بىلمىگەن مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللار بولمىسا ئىدى، ئۇلارنى بىلمەستىن ئېزىپ قويۇپ، ئەيىبلىنىش ئېھتىمالىڭلار بولمىسا ئىدى، ئاللاھ قوللىرىڭلارنى بىر-بىرىڭلاردىن توسمايتتى» دېگەن ئىپادە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇئمىنلار كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلمىغۇدەك شەكىلدە ۋە تونۇلمىغۇدەك كۆرۈنۈشتە ياشىسا بولىدىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە، پەيغەمبىرىمىز مەككىنى فەتىھ قىلغىلى كەلگەن چاغدا، مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا مۇشرىكلاردەك ياشاۋاتقان مەخپىي مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىغا، ھەتتا پەيغەمبىرىمىز بولمىسۇن، باشقا مۇسۇلمانلار بولمىسۇن ھېچبىرىنىڭ ئۇلارنى تونۇمايدىغانلىقىغا ئوچۇق-ئاشكارا دالالەت قىلىدۇ. دېمەك، مۇشرىك ۋە كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا باشقا مۇسۇلمانلار تونۇمايدىغان شەكىلدە ياشاشقا بولىدىكەن.
ھىجرەتنىڭ ئالدىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
يۇرتىدا ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقمايدىغان بىر يەرگە قىلىدىغان ھىجرىتى ھەرگىزمۇ تەۋەككۈل قىلىپلا يولغا چىقىشتىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكىدە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ماڭىدىغان يول ۋە بارىدىغان يەرنىڭ ئېنىق بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ھىجرىتىگە قىسقىلا بىر نەزەر تاشلايدىغان بولساق بۇنى بىلەلەيمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان مۇسۇلمانلارنى ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەبەشىستاننىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىل بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىدە ھېچكىمنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن، ھەجگە كەلگەن بىرقانچە مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار (چۈنكى مەدىنىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن مەدىنىلىكلەر مۇسۇلمان بولغان) بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا ئىككى قېتىم توختام تۈزۈشكەن.
ئۇلار بۇ توختامدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ھەرقانداق شارائىتتا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا پۇل–مال چىقىم قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا ھېچكىمدىن قورقماسلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرىنىڭ جانلىرىنى ۋە خوتۇن–بالىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداش قاتارلىقلار» غا قەتئىي ۋەدە بەرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ بارىدىغان يېرىنى ئېنىق بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇنۇ تەييارلىقلارنى قىلغان:
1- ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشى ئۈچۈن تەييار بولۇشقا بۇيرۇغان.
2- سەپەر ئۈستىدە يەتكۈدەك يېمەك–ئىچمەك تەييارلىغان.
3- بۇ ئۇزۇن ۋە مۇشەققەتلىك سەپەردە مىنىپ مېڭىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر ئۇلاغ تەييارلىغان.
4- يولنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغان بىر كىشىنى، يول باشلاپ مېڭىشى ئۈچۈن تەييارلىغان.
5- پۈتۈن بۇ تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئورنىدا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ناھايىتى دىققەت بىلەن كېچىدە يولغا چىققان.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ھىجرەتنىڭ يەنى ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئىشتا قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكمى
ھىجرەت قىلىش پەرزدۇر. يەنى مۇسۇلماننىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى تەرك ئېتىشى ۋە ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققان مۇسۇلماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى بولمىغان بىر يەرگە كۆچۈشى پەرزدۇر.
بىرىنچى ھىجرەتنىڭ ھېچقانداق شەرتى يوقتۇر. ئىككىنچى ھىجرەت، يەنى ياشاۋاتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەرنى تەرك ئېتىپ، خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدىغان بىر يەرگە كۆچۈشى سەۋەبكە باغلىق پەرز بولۇپ، بۇ سەۋەب مەۋجۇت بولسا بۇ ھىجرەت پەرز بولىدۇ. بۇ سەۋەب مەۋجۇت بولمىسا بۇ ھىجرەت پەرز بولمايدۇ. بۇ سەۋەب ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا بىر مۇسۇلماننىڭ ياشاۋاتقان يېرىنى تەرك ئېتىپ، باشقا بىر يەرگە كۆچۈشى (ھىجرەت قىلىشى) نىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن، ياشاۋاتقان يېرىدە تۇرۇۋەرگەن تەقدىردە ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپى بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ خەۋپ مەۋجۇت بولسا، بۇ ھىجرەت پەرز بولىدۇ. بۇ چاغدا بارىدىغان يەر قانداق يەر بولسا بولسۇن، مۇھاجىرنىڭ جان بىخەتەرلىكى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدىغان يەر بولسىلا بولىدۇ.
ھازىرقى زاماندا ھىجرەت پەرزمۇ؟
ئەگەر بۇ ھىجرەتتىن بىرىنچى ھىجرەت مەقسەت قىلىنغان بولسا، جاۋابى: ھەئە، ئەلۋەتتە پەرزدۇر. ئەگەر ئىككىنچى ھىجرەت مەقسەت قىلىنغان بولسا، شەرتلىرى تېپىلسا، بۇمۇ ئەلۋەتتە پەرزدۇر.
ئىككىنچى ھىجرەتنىڭ يەنى يۇرتنى تەرك ئېتىپ باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈشنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ قانداق شەرتى بار؟ جاۋاب تۆۋەندىكىدەك شەرتلىرى بار:
1- بىرەر رايوندا ھەقىقىي بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى ئۆز دۆلىتىدە مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتقان مۇسۇلمانلارغا: «ئى دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتقان مۇسۇلمانلار! مېنىڭ دۆلىتىمگە كېلىڭلار، كەلگەنلەرنى دۆلىتىمىز يەرلەشتۈرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دۆلىتىمىزگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارغا تىجارەت، سانائەت، زىرائەت ۋە ھەر خىل كەسپلەرنى قىلىش ئىمكانىيىتى بېرىلىدۇ. كەلگەنلەرنىڭ، بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتۇپ بولغۇچە پۈتكۈل چىقىمى دۆلىتىمىزگە ئائىتتۇر» دەپ بىر ئېلان چىقارغان بولسا، دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە ياشىسا ياشىسۇن مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىن ئۇ دۆلەتكە بېرىشقا قادىر بولالىغانلارنىڭ ئۇ دۆلەتكە ھىجرەت قىلىشى پەرز بولىدۇ.
2- ياشاۋاتقان يېرىدە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ، مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلمەيدىغان بىر يەرگە ھىجرەت قىلىشى پەرزدۇر.
ھىجرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. بۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەسكەرتىش:
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى غەيرىيمۇسۇلمانلار (مۇسۇلمان بولمىغانلار) دىن ئايرىلىپ ياشاشقا، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرۇمايدۇ. يەنى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىگە رىئايە قىلغان ھالدا مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن دۇنيالىق ئىشلاردا ئارىلىشىپ ئۆتسە بولىدۇ. مەسىلەن:
مۇسۇلمانلار غەيرىيمۇسۇلمانلار بىلەن بىر يەردە ياشىسا، ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشسا، تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە بارسا، ياكى ئۇلار بۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە كەلسە، ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشسا ۋە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشسا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دىنى نۇرغۇنلىغان جايلارغا تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تارقالغان.
مۇسۇلمان قەيەردە بولسا بولسۇن ئەقىدىسىنىڭ توغرا، ئىبادىتىنىڭ تۈزۈك، ئەخلاقىنىڭ گۈزەل، مۇئامىلىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھارامدىن، بولۇپمۇ كىشىنىڭ ھەققىدىن، ناچار ئەخلاق ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى بەك مۇھىم. چۈنكى بۇ مۇسۇلماندىن بىر لەھزىمۇ توختاپ قالسا بولمايدىغان ھىجرەتتۇر.
سوئال:
كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنى «ھىجرەتكە دەۋەت» قىلىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان «ئۆلىما» لارغا بىرقانچە سوئال:
سىلەر ھىجرەت قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار قەيەرگە ھىجرەت قىلىدۇ؟
ئۆزلىرى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەندىن سىرت، كەلگۈسى ئەۋلادىنىڭ مىللىي ۋە دىنى كىملىكىنى ئۇنتۇپ، خرستىئانلىشىپ كېتىش بەدىلىگە قولغا كېلىدىغان تۆت كۈنلۈك «باياشاتچىلىق» قا ئېرىشكىلى بولىدىغان ياۋرۇپاغىمۇ؟
ياكى باشقا يەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز تەۋەلىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى قىيناشتا دىن دۈشمەنلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان «ئىسلام دۆلەتلىرى» گىمۇ؟
ياكى سىلەر بىر مۇسۇلماننىڭ تەۋەككۈل بىلەن يولغا چىقىپ پۈتمەس-تۈگىمەس غەم–ئەندىشىگە گىرىپتار بولۇشىنى ۋە پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ ئورنىغا كەلمەيدىغان دەرىجىدە ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى ھىجرەت قىلىغانلىق دەپ ھېسابلامسىلەر؟
«نەگە بارسا قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە ھىجرەت قىلغان كىشى بارغان يېرىدە، تەرك ئەتكەن يېرىدە يوق نەرسىدىن نېمىگە ئېرىشەلەيدۇ؟
نېمىشقا ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار ھىجرەت قىلمايسىلەر؟ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى باشقىلارغا بۇيرۇساڭلار سىلەرنىڭ يەھۇدىي موللىلاردىن نېمە پەرقىڭلار قالىدۇ؟
بۈگۈن دىيارىمىزدا «ھىجرەت»نىڭ «ھ»سىنى، «جىھاد»نىڭ «ج»سىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم سىرلىق مۇجاھىدلار، قۇرئان-ھەدىستىن خەۋىرى يوق بىر قىسىم قارىمچاق ۋە موللىچاقلار، دىيارىمىزدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمان كىملىكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىۋاتقان دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان بىر قىسىم «كىرالىق مۇناپىقلار» ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئېقىپ يۈرۈپ «ساقال قويمىغانلار كاپىر» دەپ مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرىۋاتىدۇ، «ھازىرقى ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ» دەپ مەسچىت–جامەلىرىمىزنى مۇسۇلمانلاردىن «پاكىزلاپ» كۇپۇرنىڭ خىزمىتىگە تولۇق سۇنۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، «مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ پۈتكۈل ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-فابرىكا ۋە كان-كارخانىلاردىكى ئىش ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ «ئاكا» لىرىغا ئىش ئورنى تەييارلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ، «ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىق» دەپ بىر تەرەپتىن دىيارىمىزدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ئۇ ئەزىز مىللەتنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا، ئۆمۈر بويى مۇساپىرچىلىققا ۋە چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەننى ئۇيغۇرسىز، ئۇيغۇرنى ۋەتەنسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە غەيرەت قىلىۋاتىدۇ. 
ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ دىنى ئالىم ئەمەس، ھەرگىزمۇ مىللەتچى ئەمەس، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دوستى ئەمەس. بەلكىدە ئۇلار يا جاھىللىقىنىڭ قۇربانى بولغان دۆتلەردۇر، ياكى ئۆزلىرىنى «ئاكا» لىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاتىغان مۇناپىقلاردۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئالىملىرى ئابدۇلھېكىم مەخدۇم ھاجىم، مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم، مۇھەممەد قۇربان داموللاجىم قاتارلىق مىللەتكە ئىسلام دىنىنى قۇرئان-ھەدىستىن ئۆگەتكەن ۋە مىللەتنى نىجاتلىق يولىغا باشلىغان مۇنەۋۋەر ئۇستازلاردۇر.
 ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئالىم قىياپىتىدىكى جاھىللارنىڭ شەررىدىن ساقلىسۇن!
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىلىشى لازىمكى:
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر شەھەردە ياشاش ياكى مەلۇم بىر شەكىلدە يۈرۈش شەرت قىلىنمايدۇ. بىر كىشىنىڭ مەككە، مەدىنىدە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشى مۇمكىن بولغاندەك بېيجىڭ، شاڭخەيدىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشى مۇمكىندۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مۇسۇلمان بولۇش مۇمكىن بولغاندەك، پىرئەۋننىڭ يېنىدا تۇرۇپمۇ مۇسۇلمان بولۇش مۇمكىن. يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى مىسىر فىرئەۋنىنىڭ باشتا مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلىشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشىمۇ ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس.
كۈنىمىزدىكى ئىمكانلار: «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» ۋە «ياخشىلار باغچىسى» غا ئوخشاش ھەدىس كىتابلىرىنىڭ تەرجىمىسى بىزنىڭ مەزكۇر «مۇجاھىدچاق» لارغا ئالدىنىشىمىزغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى مەسىلىلەردە يۇقىرىدىكى ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، دىن نامىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇنداق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە ئالدانماسلىقىمىز لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر