مۇسۇلمانلار
ھىجرەتتىن بۇرۇن ناماز تاھارەتسىز قىلىنغانمۇ؟ 1

ھىجرەتتىن بۇرۇن ناماز تاھارەتسىز قىلىنغانمۇ؟

سوئال: ناماز ھىجرەتتىن ئىلگىرى پەرز قىلىنىپتىكەن، تاھارەتنىڭ پەرزلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئايەت بولسا مەدىنىدە نازىل بولۇپتىكەن، بۇنىڭغا قارىغاندا ھىجرەتتىن بۇرۇن مەككىدە نامازلار تاھارەتسىز قىلىنغانمىدى؟

جاۋاب:  تاھارەت بىلەن ناماز پەقەت بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۈمىتىگىلا پەرز قىلىنغان ئىبادەت بولماستىن، ئىلگىرى ئۆتكەن ھەر پەيغەمبەرگە ۋە ئۈممەتلىرىگە پەرز قىلىنغاندۇر. ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

«رەسۇلۇللاھ سۇ كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە تاھارەت ئەزالىرىنى بىرەر قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى، ئاندىن: «مانا مۇشۇنداق تاھارەت ئالمىغان كىشىنىڭ نامىزىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى. ئاندىن ئىككى قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە: «مانا مۇشۇنداق تاھارەت ئالغان كىشىگە ئاللاھ ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىدۇ» دېدى. ئاندىن ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇپ تاھارەت ئالدى ۋە: «بۇ مېنىڭ تاھارىتىمدۇر ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ تاھارىتىدۇر» دېدى[1].

پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «بۇ مېنىڭ تاھارىتىمدۇر ۋە مەندىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ تاھارىتىدۇر» دېگەنلىكىدىن قارىغاندا مەككىلىكلەر تاھارەتنى ۋە نامازنىڭ تاھارەت بىلەن ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلى ئىدى.

ئۇسامە ئىبنى زەيدنىڭ دادىسى زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تۇنجى قېتىم ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن چېغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاھارەتنى ۋە نامازنى ئۆگەتكەن[2].

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نامازنى ۋە تاھارەتنى ئۆگىتىپ بىرلىكتە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغانلىقى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاھارەت ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئەسلا تاھارەتسىز ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئىسلام تارىخى ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىلاپسىز قوبۇل قىلىنغان بىر مەسىلىدۇر.

شۇنىڭدەك، پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالار، تاھارەتنىڭ ناماز بىلەن بىرلىكتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگىتىشى ئارقىلىق مەككىدە پەرز قىلىنغانلىقىنى، تاھارەت ئايىتى (مائىدە سۈرىسىنىىڭ 6- ئايىتى) نازىل بولۇشى بىلەن مەۋجۇت ھۆكۈم تەكىتلىگەن، دەپ قارايدۇ[3].

[1] ئىبنى ماجە، تاھارەت 47؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 2/98.

[2] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل 4/161.

[3] ئابدۇلقادىر شەنەر، «ئابدەست (تاھارەت)»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى، 1- جىلد، 69- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر