مۇسۇلمانلار

ھايۋانلارنىڭ پايدىلىرى

ھايۋانلارنىڭ ئىنسانىيەتكە سۇنغان پايدىلىرى
1- گۆش-ياغ (تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە بېلىق)،
2-سۈت مەھسۇلاتلىرى (تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە)،
3- شىپالىق ئىچىملىك (ھەسەل ھەرىسى)،
4- ئوۋ تۇتۇش، (ئىت ۋە قارچىغىغا ئوخشاش ئۆگىتىپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ ئوۋ تۇتۇپ بېرىشى)
5- قاراۋۇللۇق قىلىش (ئەسھابۇل كەھفنىڭ ئىتىگە ئوخشاش)،
6- ئىنسانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يۈكلىرىنى توشۇش (تۆگە، ئات، قېچىر ۋە ئېشەك)،
7- ئۆگىتىش (قاغىنىڭ ئۆلۈكنى دەپنە قىلىشنى ئۆگەتكىنىدەك)،
8- بىر قىسىم كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي سەرەمجانلىرى (تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تېرە، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرى)،
9- بىر قىسىم ئۆيلەرنى سېلىشقا لازىم بولىدىغان نەرسىلەر (چېدىر تىكىشتە ئىشلىتىلىدىغان كىگىز، تېرە ۋاھاكازالار…)،
10- زىننەت (ئات، قېچىر، ئېشەك) ۋە زوق (تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَالْأَنْعَامَ خَلَقَهَا لَكُمْ فِيهَا دِفْءٌ وَمَنَافِعُ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ. وَلَكُمْ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسْرَحُونَ. وَتَحْمِلُ أَثْقَالَكُمْ إِلَى بَلَدٍ لَمْ تَكُونُوا بَالِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ الْأَنْفُسِ إِنَّ رَبَّكُمْ لَرَءُوفٌ رَحِيمٌ. وَالْخَيْلَ وَالْبِغَالَ وَالْحَمِيرَ لِتَرْكَبُوهَا وَزِينَةً وَيَخْلُقُ مَا لَا تَعْلَمُونَْ}
«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن سوغۇقتىن ساقلىغۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار: ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئەكەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئاپارغان چاغلىرىڭلاردا باشقىچە بىر زوق ئالىسىلەر. ئۇلار سىلەر ناھايىتى جاپا تارتمىساڭلار بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، مەرھەمەتلىكتۇر. ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئۇلاغ ھەمدە زىننەت قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ» نەھل 16/5-8.
{وَإِنَّ لَكُمْ فِي الأَنْعَامِ لَعِبْرَةً نُّسْقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِ مِن بَيْنِ فَرْثٍ وَدَمٍ لَّبَنًا خَالِصًا سَآئِغًا لِلشَّارِبِينَ}
«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكەنلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر»- نەھل 16/66.
{وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً نُّسقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ. وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ}
«تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنىسىلەر ۋە گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ۋە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر»- مۇئمىنۇن 23/21-22.
{أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ. وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ. وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ أَفَلَا يَشْكُرُونَ}
«ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ياراتتۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى يەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا يەنە باشقا نۇرغۇن مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»- ياسىن 36/71-73.
{وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَمِن كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ}
«ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى ئاسان ئىچىلىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن تازا گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»- فاتىر 35/12.
{وَأَوْحَى رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ. ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ}
«رەببىڭ ھەسەل ھەرىلىرىگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: «تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر ياساڭلار. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يەڭلار، ئاندىن رەببىڭلار سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا مېڭىڭلار». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭگىلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىك ئىنسانلارغا شىپا بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»- نەھل 16/68-69.
{وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ بُيُوتِكُمْ سَكَنًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ جُلُودِ الْأَنْعَامِ بُيُوتًا تَسْتَخِفُّونَهَا يَوْمَ ظَعْنِكُمْ وَيَوْمَ إِقَامَتِكُمْ وَمِنْ أَصْوَافِهَا وَأَوْبَارِهَا وَأَشْعَارِهَا أَثَاثًا وَمَتَاعًا إِلَى حِينٍ}
«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە بىر ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن ۋە تۇرغان كۈنلىرىڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم- كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى»- نەھل 16/80.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر