مۇسۇلمانلار

ھاممامنىڭ مىراسى ھەققىدە

سوئال:
بۇ مىراس قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟
ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئانامنىڭ بىر ئاچىسى بار ئىدى، ئۇ يولدىشى بىلەن بۇندىن 40 يىل ئىلگىرى بىر قىز بېقىۋالغان. بۇندىن 17 يىل ئىلگىرى بۇ ھاممامنىڭ يولدىشى ھەجدىن قايتىپ كېلىپ 3 ئايدىن كېيىن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن ئانامنىڭ ئاچىسى يولدىشىنىڭ بۇ سىڭلىسى بىلەن كېلىشىپ ئەر خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپ تاپقان مال-مۈلكى ئانامنىڭ ئاچىسىغا، ئانامنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشىغا دادىسىدىن مىراس قالغان مۈلۈكلەر بۇ كىشىنىڭ سىڭلىسىغا قالىدىغانغا كېلىشكەن ۋە شۇ بويىچە مىراسنى بۆلۈشكەن.
يېقىندا ئانامنىڭ بۇ ئاچىسى قازا قىلدى، قازا قىلىشتىن بۇرۇن ئۆز ۋاقتىدا مىراس قىلىپ ئالغان بىر قىسىم پۇللىرىنى سەدىقە قىلىشىمىزنى ۋەسىيەت قىلدى. ئانامنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشىنىڭ ئۇ سىڭلىسى 17يىل بۇرۇنقى مىراس داۋاسىنى قايتا قىلدى.
ئەمدى سورايدىغان سوئاللىرىم تۆۋەندىكىچە:
1- ئانامنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشىنىڭ سىڭلىسى 17 يىلدىن كېيىن يەنە مىراس داۋاسى قىلسا بولامدۇ؟ ئۇنىڭغا ئانامنىڭ مىراسىدىن ھەسسە تېگەمدۇ؟
2- ئانامنىڭ ئاچىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بىر قىسىم مىراسنى سەدىقە قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
3- ئانامنىڭ بۇ ئاچىسىنىڭ بېقىۋالغان بىر قىزى، 2 ئەر، 2 ئايال بولۇپ جەمى تۆت بىر تۇغقىنى بار، بۇلارغا مىراس ئايرىلامدۇ؟ ئايرىلسا قانداق ئايرىلىدۇ؟
جاۋاب:
 1- ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ يولدىشىنىڭ سىڭلىسىغا ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ ئانىڭىزنىڭ ئاچىسى بىلەن بىر-بىرىگە ۋارىس بولغۇدەك دەرىجىدە تۇغقانلىق ياكى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدا ئانا-بالىلىق مۇناسىۋىتى يوق.
ئەگەر ئۇ ئايال مەن ئاكامنىڭ مىراسىدىن ئالىمەن دەپ دەۋا قىلغان تەقدىردە يەنىلا ئۇنىڭغا بىر نەرسە تەگمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئانىڭىزنىڭ ئاچىسى بىلەن ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ كېلىشىپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىپ بولغان. ئۇ كېلىشىمگە 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال ئەمدى ئۇ ئىشنى قايتا تىرىلدۈرۈپ چىقىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ نە ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ مىراسىدىن، نە ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىغا يولدىشىدىن قالغان مىراسىدىن بىر نەرسە ئېلىش ھەققى ۋە ھوقۇقى بولمايدۇ.
2- ئىسلام دىنىمىزنىڭ مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىدە بېقىۋېلىنغان بالا مىراستىن ھەسسە ئالالمايدۇ. چۈنكى بېقىۋېلىش بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن باققۇچى ئارىسىدا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋېلىنغان بالا قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىدە ھەقىقىي بالا ھېسابلانمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ذَلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ. ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا»
«ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب ياراتمىدى. شۇنىڭدەك سىلەر: ‹سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاشسەن› دېگەن ئاياللىرىڭلارنى سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلاردۇر ۋە دوستلىرىڭلار. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/4-5.
بۇ ئايەتكە، بولۇپمۇ ئايەتنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىغا ئاساسەن بېقىۋېلىنغان بالىغا بېقىۋالغان دادىسىنىڭ ياكى بېقىۋالغان ئانىسىنىڭ ۋە ياكى بۇلارنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە تەگمەيدۇ.
3- ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ مەزكۇر ۋەسىيىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس، يەنى ئۇ ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئانىڭىزنىڭ ئاچىسى ئەگەر مېلىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىۋېتىدىغان ئىشى بولسا ھايات چېغىدا قىلىشى لازىم ئىدى. مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېلىمنىڭ شۇنچىلىكى شۇ كىشىگە ياكى مېلىمنىڭ مۇنچىلىكى سەدىقە بولسۇن… دېگەندەك ۋسىيەتلەر ۋارىسلاردىن مىراس قاچۇرۇش ئۈچۈن دېيىلگەن بىر سۆز بولۇپ، ھەرگىزمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇمات تۆۋەندىكى ئادرېستا مەۋجۇتتۇر:
4- ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ مىراسى 2 ئەر، 2 قىز جەمى تۆت بىر تۇغقىنىغا تېگىدۇ. چۈنكى ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ بالىسى يوق ئىكەن. بالىسى يوق بىر كىشى ئۆلۈپ قالسا ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئۆز بالىسىنىڭ ئورنىدا مىراسىنى بۆلۈشىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ.
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان مىراس توغرىسىدا سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى (قىز بىر تۇغقىنى) بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشى (ئوغۇل بىر تۇغقىنى) بولسا، ھەمشىرىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ۋارىسلار  ھەم ئەر  ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نىسا سۈرىسى 176- ئايەت.
مانا بۇ ئايەتتە بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ۋاپات بولغۇچى بىر تۇغقاننىڭ بالىسى بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ بالىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ مىراسىنى ئېلىشلىرىغا شەرت توشىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئانىڭىزنىڭ ئاچىسىنىڭ مىراسى 6 گە بۆلۈنىدۇ. ئەر بىر تۇغقانلىرى ئىككىدىن، قىز بىر تۇغقانلىرى بىردىن ھەسسە ئالىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر