مۇسۇلمانلار

ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرسەك بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش تۈرلۈك جانلىق بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىيانلىقتۇر. ئۇلار ھەرەمدىمۇ، ھەرەمنىڭ سىرتىدىمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار قاغا، كۆكىنەك، چاشقان، چايان ۋە غالجىر ئىت قاتارلىق ھايۋانلاردۇر» ـ (بۇخارى، مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىن ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە، ئۇلارنىڭ زىيانلىق بولغانلىقىنىڭ سەۋەب قىلىنغانلىقى چىقىدۇ. يەنى بۇ ھەدىس، يۇقاردىكى بەش تۈرلۈك ھايۋاننى ۋە ئۇلارغا ئوخشاش زىيانلىق بولغان پۈتكۈل زىيانداش ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي، ئىشخانا، ئاشخانا… لاردىكى پاشا، كۇمۇتا ۋە باشقا قۇرت ـ قوڭغۇزلارنى ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنى قايناق سۇ ياكى ئوت بىلەن ئۆلتۈرمەسلىك كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر