مۇسۇلمانلار

ھاجەت نامىزى

ھاجەت نامىزى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاسْتَعِينُواْ بِالصَّبْرِ وَالصَّلاَةِ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلاَّ عَلَى الْخَاشِعِينَ﴾
«سەۋر قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ناماز ھەقىقەتەن ئېغىر بىر ۋەزىپىدۇر. لېكىن ئۇ ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھغا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس»- بەقەرە 2/45.
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اسْتَعِينُواْ بِالصَّبْرِ وَالصَّلاَةِ إِنَّ اللّهَ مَعَ الصَّابِرِينَ﴾
«ئى مۇئمىنلار! سەبىر قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش بىلەن ياردەم تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ سەبىر قىلغۇچلار بىلەن بىللىدۇر»- بەقەرە 2/153.
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن ئاللاھ تائالادىن بىرەر ھاجىتىنى راۋا قىلىشىنى تىلىمەكچى بولغان كىشىنىڭ بۇ تىلىكىنى ناماز ئوقۇپ ئاندىن تىلىشى ياخشى بولىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:  
ئەبى دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كامىل تاھارەت ئېلىپ كامىل ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ تىلىكىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى كېيىن ئىجابەت قىلىدۇ»[1].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ ئاللاھقا ياكى ئادەم ئەۋلادىدىن بىرىگە بىر ئېھتىياجى چۈشسە تاھارەت ئالسۇن، تاھارەتنى كامىل ئالسۇن، ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتسۇن، ئاندىن مۇنداق دېسۇن:
ھەلىم ۋە سېخىي ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق. ئەرشى ئەزىمنىڭ ئىگىسى ئاللاھ پاكتۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئى ئاللاھ! مەن سەندىن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىلەرنى، مەغفىرىتىڭگە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى سورايمەن. ھەر خاتالىقتىن پاك قېلىشنى، ھەر ياخشىلىقتىن قولغا كەلتۈرۈشنى، ھەر گۇناھتىن ساق قېلىشنى تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ قانداق گۇناھىم بولسا ئۇنى مەغپىرەت قىلماي قويمىغىن، مېنىڭ قانداق غەم-قايغۇم بولسا ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمەي قويمىغىن، سەن مېنىڭ قانداق ھاجىتىمدىن رازى بولساڭ ئۇنى راۋا قىلغىن، ئى ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زات!»[2].

[1]– ئەھمەد 45/589.

[2]– تىرمىزى، سالات 348 (479)؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 189 (1384).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر