مۇسۇلمانلار
گۇناھ ۋە تەۋبە شېرىك 1

گۇناھ ۋە تەۋبە \ شېرىك

1§. شېرىك

شېرىك زۇلۇملارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە مۇشرىكنىڭ جايى دوزاختۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… إِنَّهُۥ مَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ ٱلۡجَنَّةَ وَمَأۡوَىٰهُ ٱلنَّارُۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ  ٧٢﴾

«كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ»[1].

﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفۡتَرَىٰٓ إِثۡمًا عَظِيمًا  ٤٨﴾

«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھنى خالىغان كىشى ئۈچۈن مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ»[2].

ھەر شېرىك كۇفۇردۇر ۋە ھەر كۇفۇر شېرىكتۇر. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تەۋبىسىز ئەپۇ قىلىنمايدۇ[3]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ وَقَالَ ٱلۡمَسِيحُ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۖ إِنَّهُۥ مَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ ٱلۡجَنَّةَ وَمَأۡوَىٰهُ ٱلنَّارُۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ  ٧٢ لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ ثَالِثُ ثَلَٰثَةٖۘ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّآ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ وَإِن لَّمۡ يَنتَهُواْ عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ  ٧٣﴾

«شۈبھىسىزكى، ‹ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر› دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ›. شۈبھىسىزكى، ‹ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر› دېگەنلەرمۇ كافىر بولدى[4]. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر بۇلار دەۋاتقان سۆزىدىن توختىمىسا، ئۇ كافىرلار چوقۇم ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ»[5].

1.      مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى

مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە (ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، پەرۋىش قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە) ئىمان كەلتۈرمەكتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ  ٦١﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»[6].

﴿قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أَمَّن يَمۡلِكُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَمَن يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۚ فَسَيَقُولُونَ ٱللَّهُۚ فَقُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ  ٣١﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟›. ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟»[7].

2.      مۇشرىكلارنىڭ پەرقلىق ئېتىقادلىرى

«مۇشرىك»نىڭ لۇغەت مەنىسى شېرىك قىلغۇچى دېگەن بولۇپ، «ئىبادەتتە ياكى دۇئادا ۋە ياكى ئىتائەتتە بىرەر كىشىنى ياكى بىرەر نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلغۇچى» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان ئۇ كىشى، ئىنسان ياكى پەرىشتە ياكى جىن بولىدۇ. ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان ئۇ نەرسە بولسا بىرەر شەخسنىڭ ياكى بىرەر شەيئىنىڭ ھەيكىلى ياكى خىيالىي سۈرىتى بولىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىكى ئېتىقادلىرى پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:

1)     ئاللاھقا يېقىنلىشىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَلَا لِلَّهِ ٱلدِّينُ ٱلۡخَالِصُۚ وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ مَا نَعۡبُدُهُمۡ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَآ إِلَى ٱللَّهِ زُلۡفَىٰٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ فِي مَا هُمۡ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ كَٰذِبٞ كَفَّارٞ  ٣﴾

«ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[8].

2)     ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شاپائەتچى بىلەن چىقىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡ وَيَقُولُونَ هَٰٓؤُلَآءِ شُفَعَٰٓؤُنَا عِندَ ٱللَّهِۚ قُلۡ أَتُنَبِّئُونَ ٱللَّهَ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ  ١٨﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: ‹بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر!› دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟› ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»[9].

3)     ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَالَ إِنَّمَا ٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا مَّوَدَّةَ بَيۡنِكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُ بَعۡضُكُم بِبَعۡضٖ وَيَلۡعَنُ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ  ٢٥﴾

«ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسلەر. ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى بىر – بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر – بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»[10].

4)     ئىززەت – ھۆرمەتكە ئېرىشىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةٗ لِّيَكُونُواْ لَهُمۡ عِزّٗا  ٨١﴾

«ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى»[11].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 367 – 371.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 72 – ئايەت.

[2] 4 – سۈرە نىسا، 48 – ۋە 116 – ئايەتلەر.

[3] شېرىكنىڭ تۈرلىرى بۇ كىتابنىڭ «شېرىك ۋە بىدئەتلەر» بۆلۈمىدە تەپسىلىي بايان قىلىندى.

[4] ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى: «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېسە، يەنە بىر پىرقىسى: «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دەيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ھەر ئىككى پىرقىنىڭ بۇ قەبىھ سۆزلەرنى دېيىش بىلەن كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

[5] 5 – سۈرە مائىدە، 72 – ۋە 73 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 4 – سۈرە نىسا، 16 – ئايەت، 5 – سۈرە مائىدە، 17 – ۋە 72 – ئايەتلەر، 9 – سۈرە تەۋبە، 32 – ۋە 33 – ئايەتلەر، 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت، 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.

[6]  29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت.

[7] 10 – سۈرە يۇنۇس، 31 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 27 – سۈرە نەمل، 60 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 63 – ئايەت؛  31 – سۈرە لۇقمان، 25 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 38 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 9 – ۋە 87 – ئايەتلەر.

[8] 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت.

[9] 10 – سۈرە يۇنۇس، 18 – ئايەت.

[10] 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 25 – ئايەت.

[11] 19 – سۈرە مەريەم، 81 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر