مۇسۇلمانلار

گۇناھنى ئويلاش گۇناھمۇ؟

بىزنىڭ بىرەر گۇناھ بۇلىدىغان ئشنى (بۇ يەردىكى ئش پەقەت ئويلىغىلى بۇلىدىغان ئەمما قىلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدىغان ئشلارنى دىمەكچى) كوڭلىمىزدە ئويلاپ قالساكمۇ گۇناھ بۇلامدۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئىرفان
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ئىنساننىڭ كۆڭلىدىن ئۆتكەن نەرسە بىلەن، ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى نەرسە ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى ئىنسان كۆڭلىدىن ئۆتكەن نەرسىنىڭ ئەمەس، كۆڭلىدىكى نەرسىنىڭ ھېسانى بېرىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
 «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىكىنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، ئاندىن خالىغان كىشىگە مەغفىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- (بەقەرە 2/284).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتىن ئىبارەتتۇر»– (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئىنساننىڭ ئىچىدە بولغان نەرسە، ئىمان، ياخشى نىيەت، كۇپۇر، مۇھەببەت، نەپرەت، ھەسەت ۋەھاكازالارغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەردۇر.
ئىنساننىڭ كۆڭلىدىن ئۆتكەن نەرسىلەر ئومۇمەن شەيتان ۋەسۋىسىسىدۇر. بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا شەيتانغا رۇخسەت بەرگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىبلىس ئېيتتى: ‹سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭدىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.
ئاندىن ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن ھۇجۇم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن›»- (ئەئراف7/16-17).
ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى كىشىلەر: «كۆڭلۈمگە شۇنداق نەرسىلەر كېلىدۇكى، ئەجەبا مەن كافىر بولۇپ كەتتىممۇ؟ نامىزىمدىن ھەم ھاياتىمدىن ھۇزۇر ئالالمايۋاتىمەنغۇ!» دەيدۇ ياكى شۇنداق خىيال قىلىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دەلىلىدۇر. چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەتكە ئاساسەن شەيتاننىڭ ئولتۇرىدىغان يېرى توغرا يولنىڭ ئۈستىدۇر. توغرا يولدا ماڭمىغانلار ئۆزلىرى شەيتان بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا شەيتان بۇنداقلارنىڭ يېنىغا كېلىپ يۈرمەيدۇ.
شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىسىدىن قۇتۇلۇشقا ئىنساننىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ مەسئۇللۇقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»- (بەقەرە 2/286).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر