مۇسۇلمانلار

چەكلەنگەن بەزى سودىلار

7- مەنئى قىلىنغان بەزى ئېلىم-سېتىملار
 رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بازارنىڭ ئەركىن ھالەتتە شەكىللىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئالداشنى توسۇش ئۈچۈن بەزى ئېلىم-سېتىمنى ۋە ئېلىم-سېتىملاردا بولىدىغان بەزى ئىشلارنى مەنئى قىلغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئا- ماللارنى يولدا توسۇپ ئېلىش
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ماللار تاكى بازارغا كىرگەنگە قەدەر ئۇلارنى يولدا توسماڭلار»، چۈنكى بازارغا كىرمىگەن مال ئىگىسىنىڭ خەۋەرسىزلىكدىن ئەرزان سېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن. باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «مېلىنى يولدا ساتقان كىشى، بازارغا كەلگەن چېغىدا باھانى يۇقىرى كۆرسە، قىلغان سودىسدىن يېنىۋالسا بولىدۇ»[1].
ئە- بېسىمدارلىق قىلىش (ئىھتىكار)
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«سىرتتىن مال ئېلىپ كەلگۈچى رىزىققا ئېرىشىدۇ. بېسىمدارلىق قىلغۇچى لەنەتكە قالىدۇ»[2].
 «بېسىمدارلىق قىلغۇچى خاتالاشقۇچىدۇر»[3].
ئىھتىكار لۇغەتتە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. تېرمىنولوگىيىدە پەرقلىق ئىزاھلىرى بار. ھەنەفىي مەزھىپىدىن ئەبۇ يۈسۈف (ر.ھ)نىڭ ئىھتىكارنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: ئىھتىكار سېتىۋالغان بىر مالنى خەلققە بەك ئېھتىياجلىق بولۇشىغا قارىماي ساتقىلى ئۇنىماسلىقتۇر. بۇنداق قىلغان كىشى ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە يەتكۈدەك مىقداردىن ئارتۇقىنى سېتىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئەگەر ئۇ ساتماي چىڭ تۇرۇۋالسا، مۇناسىۋەتلىك باشلىقنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ، باشلىق ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ ۋە تەھدىت سالىدۇ. ئۇ ئىككىنچى قېتىم باشلىقنىڭ ئالدىغا چىقىرىلغاندا باشلىق ئۇنداق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى قاماققا ئالىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، لېكىن باشلىق نە ئۇ مالنى زور بىلەن ساتالمايدۇ، نە نەرخ قويالمايدۇ[4].
ب- ئىلكىدە بولمىغان مالنى سېتىش
ھەكىم ئىبىن ھىزام مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ يېنىغا كېلىپ، «يېنىمغا بىر ئادەم كېلىدۇ ۋە مەندىن ئىلكىمدە بولمىغان بىر مالنى سېتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ تەلەپ قىلغان مالنى بازاردىن سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا سېتىپ بىرىمەن» دېدىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «ئىلكىڭدە بولمىغان نەرسىنى ساتما!» دېدى[5].
پ- مالنى تاپشۇرۇۋالماستىن سېتىش
ھەدىسلەردە تاپشۇرۇۋالماستىن سېتىلىشى چەكلەنگەن ماللارنىڭ ھەممىسى يەيدىغان نەرسىلەردۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «بىر تائام (يېمەكلىك) سېتىۋالغان ئادەم ئۇنى تاپشۇرۇۋالماتسىن ساتمىسۇن»[6].
ت- خېرىدار قىزىقتۇرۇش
بۇنىڭ ئەرەبچىسى نەجش بولۇپ، مەنىسى خېرىداردەك كۆرۈنۈپ مالنىڭ باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەك، دېگەن بولىدۇ[7]. مەسىلەن:
مالنى ئېلىش نىيىتى يوق بىر ئادەم ساتقۇچىنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئۆزىنى خېرىداردەك كۆرسىتىپ، مالنى داڭلايدۇ ۋە باشقا خېرىدارلارنى ھاياجانغا كەلتۈرۈپ باھانىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بۇنى چەكلىگەن[8].

[1]– بەدائىئ 5/232. بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر ئۈچۈن قاراڭ: ئەبۇ جەئفەر تەھاۋى، شەرھۇ مەئانىل ئاسار، مۇھەممەد زۇھرى نەجارنىڭ تەھقىقى بىلەن، بېيرۇت، 1407/1987، 4/7 ۋە داۋامى.

[2]– ئىبىن ماجە، سۇنەن، تىجارەت 6؛ دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 12.

[3]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 130.

[4]– بەدائىئ، 5/129 ۋە 232.

[5]– تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 19 (1232)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ 68 (3503)؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 60. بۇ رىۋايەت تىرمىزىدىن ئېلىندى.

[6]– تاھاۋى، شەرھۇ مەئانىل ئاسار، 4/37. ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇ يەردە زىكىر قىلىنىدۇ.

[7]– «نەجش» مالنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالداش، دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ. دېمەككى، ساتقۇچىنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خېرىداردەك كۆرۈنۈپ، مالنى ماختاپ باھانىڭ ئېشىشىغا، شۇنداقلا ھەقىقىي خېرىدارنىڭ مالنى قىممەت ئېلىشىغا ياكى ساتقۇچىنىڭ مالنى ساتالماسلىقىغا (چۈنكى ئۇ بايا بىرەيلەن مۇنچە پۇل قىلغان، دەپ ئۇنىڭدىن تۆۋەن سورىغانلارغا ساتمايدۇ ۋە ئاخشامغىچە شۇنداق چۈشەنچە بىلەن ساقلاپ ساتالمايدۇ) سەۋەبچى بولۇش ئالدامچىلىق بولىدۇ. ناۋادا بۇ ئىش ساتقۇچىنىڭ خەۋىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا بولسا، ھەم ئالدامچىلىق ھەم ئالدامچىغا ياردەم قىلغانلىق ۋە خېرىدارغا زىيان سالغانلىق بولىدۇ.- (مۇھەررىر).

[8]– بەدائىئ، 5/232.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر