مۇسۇلمانلار

چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز

سوئال:

سۈرە ئەنفالنىڭ 60- ئايىتىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. چۈنكى بۇ ئايەتنى بەزىلەر بەزى دۆلەتلەردىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىشتەك پائالىيەتلەرگە دەلىل قىلىۋاتىدۇ.

جاۋاب:

ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ اللَّهُ يَعْلَمُهُمْ وَمَا تُنْفِقُوا مِنْ شَيْءٍ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تُظْلَمُونَ»

«دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرى تەييارلاڭلار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر. ئۇ باشقا دۈشمەنلەرنى سىلەر بىلمەيسىلەر، ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ يولىدا نېمە خەجلىسەڭلار، ئۇنىڭ ساۋابى سىلەرگە تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەر زۇلۇمغا ئۇچرىتىلمايسىلەر»- ئەنفال 8/60.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنگە قارشى قۇۋۋەت تەييارلاشقا بۇيرۇماقتا. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ «قۇۋۋەت»نى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ھەدىسى مۇنداق:

ئۇقبەتەبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە قۇۋۋەت تەييارلاڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇپ، ئاندىن ئۈچ قېتىم: «بىلىڭلاركى، قۇۋۋەت ئوق ئاتماقتۇر» دېدى- (مۇسلىم، ئىمارەت 52- باب، 167 (1917)؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد 2514؛ تىرمىزى، تەپسىرى سۈرە ئەنفال؛ ئىبنى ماجە، جىھاد 19/2813).

دېمەككى، ئايەتتىكى «قۇۋۋەت»تىن مەقسەت، ئۇرۇشتا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان ھەر خىل قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلاردۇر. بۇلارنى تەييارلاش، ئۇلارنى ياساش، ئۇلار بىلەن دۈشمەننى ئېتىشنى ئۆگىنىش ۋە ئېتىشقا ھازىر ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ ساقلىتىپ تۇرۇش، دېمەكتۇر.

تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا دۈشمەنگە قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدا ئېتىلىدىغان قورال-ياراغلارنى ياساش، ئەسكەرلەرنى قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز قىسىملىرى، پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملەرگە ئايرىپ يېتىشتۈرۈش، ۋە ھەر قىسىمغا ئائىت پۈتۈن ئەسكىرىي ۋاسىتىلار ۋە بارلىق قورال-ياراغلارنى ياساشنى ۋە ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش، قورال-ياراغلارنى ۋە ئەسكەرلەرنى جەڭ مەيدانىغا يۆتكەش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاسفالتلىق يوللار ۋە تۆمۈر يوللىرىنى ياساش، يېتەرلىك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە پۇختا ئۇرۇش تاكتىكىسى ئۆگىنىش قاتارلىق نەرسىلەر «دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت تەييارلىغانلىق» بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئايەتكە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ.

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، جىھاد ئىبادىتىنىڭ ئۇرۇشۇش قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ قۇۋۋەتنى تەييارلاش لازىم. بۇلارنى ھەر جەھەتتىن دۈشمەننىڭكىدىن ئۈستۈن سەۋىيەدە تەييارلاش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتۇش، ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىشتىن ۋە مۇسۇلمانلارغا چېقىلىشتىن تەپ تارتقۇزۇش كېرەك.

دۈشمەننى قورقۇتۇش ھەرگىزمۇ مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش، ئۇ يەر- بۇ يەرنى پارتلىتىش ياكى ئوت قويۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سېلىش ۋە جانلىرىغا زامىن بولۇش بىلەن بولمايدۇ، بەلكىدە دۈشمەننى قورقۇتۇش ئەنە شۇ «قۇۋۋەت» نى دۈشمەننىڭ قۇۋۋىتىدىن پۇختا ۋە دۈشمەننىڭ قۇۋۋىتىدىن يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە سەۋىيەدە «تەييارلاش» بىلەن بولىدۇ.

دۈشمەن مۇسۇلماننىڭ سۈيىقەستىدىن ئەمەس، قورال كۈچىدىن قورقۇشى لازىم. دۈشمەن مۇسۇلماننىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىشى، ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىشى، ئادىللىقىغا قايىل بولۇشى، دادىللىقىغا ھەيران قېلىشى ۋە ماھارىتىىگە ھەۋەس قىلىشى كېرەك.

23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى مەككىدە ئۇرۇشسىز ئۆتكۈزگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەدىنىدىكى 10 يىللىق ھاياتىدا 60 ئەتراپىدا ئۇرۇش بولغان. بۇ ئۇرۇشلاردا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ سانى 2000 (ئىككى مىڭ) دىن ئاشمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ئەمەس، مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشلىرىدۇر. دېمەككى، پەيغەمبىرىمىز مەجبۇر قالمىغۇچە ئۇرۇش قىلمىغان، تەييارلىق پۈتمىگۈچە ھۇجۇمغا ئۆتمىگەن. (خالىغانلار سىيەر كىتابلىرىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ).

كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى:

ئوقۇش، ئۆگىنىش، بىلىم ئىگىسى بولۇش، پەن-تېخنىكا ئىگىلەش، شۇنداقلا ھەر جەھەتتە باشقىلار بىلەن ھايات يولىدا تەڭ ماڭالايدىغان سەۋىيەگە چىقىش، ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆگىنىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن «قۇۋۋەت» تەييارلاش لازىم.

ئەگەر «قۇۋۋەت» تەييارلاشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، مەككە پەتھى بولۇشتىن ئىلگىرى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى كۈتۈپ مەككىدە  مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغاندەك (فەتىھ سۈرىسى 25- ئايەت)، فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئىچىدە ئىمانىنى يوشۇرۇپ ياشىغان مۇئمىن ئادەمدەك (غافىر 28- ئايەت)، كاپىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدا باشتا مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىر بولۇپ خىزمەت قىلغان يۇسۇف ئەلەيھىسسالامدەك (سۈرە يۇسۇف) پەيت كۈتۈپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ ياشاش لازىم، شۇنداقلا ھايات سەھنىسىدە يوقالماي تۇرۇش ئۈچۈن ۋە باشقىلارنى ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ئىلىم-بىلىم، پەن-تېخنىكا ۋە ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدە يۈكسىلىش شەرت.

خۇلاسە       

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدىكى تۇرھىبۇنە («تُرْهِبُونَ») دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ ئىرھابىيلىقا (تېررورلۇققا) دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ سۆز بىھى («بِهِ») دېگەن ئۇلانمىسىدىن ئايرىلمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەنە ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىسىدۇر.

ئەمدى بۇ تۇرھىبۇنە دېگەن سۆزنى بىھى دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە ئەرەب تىلى قائىدىلىرى بويىچە تەھلىل قىلىپ چىقايلى:

 تۇرھىبۇنە («تُرْهِبُونَ») دېگەن سۆز بىھى دېگەن ئۇلانمىسى بىلەن بىرلىكتە بىر پېئىل جۈملىسى بولۇپ، باشتىكى ئەئىددۇ («أَعِدُّوا») دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ پائىلى (ئىگىسى) نىڭ ياكى مەپئۇلى (تولدۇرغۇچىسى) نىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ ھالەت جۈملىسىدۇر. ھالەت جۈملىسى ئەرەبچىدە ساھىبىھالەت (ھالەت ئوبيېكتى) نىڭ ئىش-ھەرىكەت ئورۇنلانغان چاغدىكى ھالىتىنى ۋە ئىش-ھەرىكەت مەيدانغا كەلگەن ۋاقىتتىكى تاشقى مۇھىتنى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئايەتتە پائىل (ئىگە) ئەئىددۇنىڭ مۇخاتەب زەمىرى (ئىككىنچى شەخس ئالمىشى) بولغان ئەنتۇم (سىلەر) دۇر. مەپئۇل (تولدۇرغۇچى) مەستەتەئتۇم («مَا اسْتَطَعْتُمْ») نىڭ بېشىدىكى ما (نەرسە) دۇر. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك، تۇرھىبۇنە بىھى دېگەن جۈملە يا «ئەنتۇم (سىلەر)» نىڭ ياكى «ما (نەرسە)»نىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. بىھى («بِهِ») دىكى زەمىر (ئالماش) ئەئىددۇ دېگەن بۇيرۇق پېئىلىنىڭ مەپئۇلى بولغان ما (نەرسە)نى كۆرسىتىدۇ.

پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: «وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ…» دېگەن سۆزىنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى مۇنداق بولىدۇ:

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن كۈچۈڭلار يەتكەن نەرسىنى تەييارلاڭلار. ئۇ نەرسە قۇۋۋەت ۋە جەڭ ئاتلىرىدىن ئىبارەت. سىلەر ئۇ نەرسىنى تەييارلىغان چېغىڭلاردا ئۇ نەرسە بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە بولۇڭلار ياكى ئۇ نەرسە مەزكۇر دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان ھالەتتە تەييارلانسۇن».

تۇرھىبۇنە پېئىلى مەيلى پائىلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەيلى مەپئۇلنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرسۇن مەنە ئۆزگەرمەيدۇ. ھەر ئېھتىمالدا دۈشمەنلەرنى قورقىتىدىغان نەرسە تەييارلانغان قورال-ياراغلاردۇر.

تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر