مۇسۇلمانلار

چوڭ تاغامنىڭ مىراسى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سوئال:
مېنىڭ دادام ئاكاـ ئىنى ئۈچ قېرىنداش بولۇپ، دادام قېرىنداشلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. دادامنىڭ كىچىك ئاكىسى بۇلتۇر ئايالى ۋە ئىككى پەرزەنتىنى (بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز) قالدۇرۇپ قازا قىلىپ كەتتى. چوڭ ئاكىسى بولسا بۇ يىل تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ يا ئاتا ـ ئانىسى، يا خوتۇن – بالىلىرى يوق كىشى ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا دادامنىڭ چوڭ ئاكىسىنىڭ مىراسى قانداق تەقسىملىنىدۇ؟ پەتىۋا بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
دادىڭىزنىڭ چوڭ ئاكىسىنىڭ مىراسى ئىككى ھەسسىگە بۆلۈنىدۇ. بىر ھەسسىسى سىزنىڭ دادىڭىزغا تېگىدۇ، يەنە بىر ھەسسىسى ئۈچ ھەسسىگە بۆلۈنۈپ كىچىك تاغىڭىزنىڭ ئوغلىغا ئىككى ھەسسە، قىزىغا بىر ھەسسە تېگىدۇ. چۈنكى (دېگىنىڭىزدىن قارىغاندا) دادىڭىزنىڭ چوڭ ئاكىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق ئىكەن. ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق بىر كىشى ئۆلۈپ قالسا ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ئۆز بالىلىرىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى ئۇنىڭ بالىلىرى ئارىسىدا تەقسىم قىلىنغاندەك تەقسىم قىلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ.
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ئاللاھ ئاتا-ئانىسى ۋە بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان مىراس توغرىسىدا سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى (قىز بىر تۇغقىنى) بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ بۇ ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمشىرە ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر قېرىندىشى (ئوغۇل بىر تۇغقىنى) بولسا، ھەمشىرىسى قالدۇرغان مىراسنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ كىشى قالدۇرغان مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ھەمشىرىسىگە تېگىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغان كىشىنىڭ بالىسى يوق، ۋارىسلار  ھەم ئەر  ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىگە ئوخشاش ھەسسە تېگىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»- نىسا 4/176.
مانا بۇ ئايەتتە بىر تۇغقاننىڭ بىر تۇغقاننىڭ مىراسىدىن ھەسسە ئېلىشى ئۈچۈن ۋاپات بولغۇچى بىر تۇغقاننىڭ بالىسى بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. دادىڭىزنىڭ چوڭ ئاكىسىنىڭ بالىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ مىراسىنى ئېلىشلىرىغا شەرت توشىدۇ. لېكىن ئۇ چوڭ تاغىڭىزنىڭ بىر ئوغۇل قېرىندىشى (يەنى سىزنىڭ دادىڭىز) ھايات، يەنە بىر ئوغۇل قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىكەن. بۇ تەقدىردە ھازىر ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ تاغىڭىز بۇ ئىككى بالىنىڭ «ئەڭ يېقىنى» ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ نَصِيبًا مَفْرُوضًا»
«ئەرلەر ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار»- نىسا 4/7.
بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن چوڭ تاغىڭىزدىن قالغان مىراستىن كىچىك تاغىڭىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ نېسىۋە بار.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، ئۇ بالىلارنىڭ ئۆز دادىسى يەنى سىزنىڭ كىچىك تاغىڭىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن سىزنىڭ چوڭ تاغىڭىز (ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بالىلارنىڭمۇ چوڭ تاغىسى) ئۇ بالىلارنىڭ «ئەڭ يېقىنى» ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بالىلارنىڭ دادىسى (سىزنىڭ كىچىك تاغىڭىز) ھايات بولغان بولسا چوڭ تاغىڭىز بۇ كىچىك تاغىڭىزنىڭ «ئەڭ يېقىنى» ھېسابلىناتتى، شۇنداقلا بۇ كىچىك تاغىڭىزنىڭ بالىلىرىنىڭ «ئەڭ يېقىنى» بولمايتتى. چۈنكى بۇ بالىلار بىلەن چوڭ تاغىڭىزنىڭ ئارىسىدا بۇ بالىلارنىڭ دادىسى (سىزنىڭ كىچىك تاغىڭىز) «ئەڭ يېقىن» لىققا توسالغۇ بولاتتى. بۇ كىشى ئۆلۈپ كېتىپ ئارىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن چوڭ تاغىڭىز بۇ بالىلارنىڭ «ئەڭ يېقىنى»غا ئايلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ تاغىڭىزنىڭ مىراسى باشتا دېيىلگەندەك، ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىرى دادىڭىزغا، يەنە بىرى كىچىك تاغىڭىزنىڭ ئىككى بالىسىغا تېگىدۇ. بۇ بالىلار بۇ بىر ھەسسىنى ئۈچكە بۆلۈپ، بۇ ئۈچنىڭ ئىككىسىنى ئوغۇل، بىرىنى قىز ئالىدۇ. كىچىك تاغىڭىزنىڭ بالىلىرىغا تەگكەن ھەسسىدىن كىچىك تاغىڭىزنىڭ ئايالىغا بىر نەرسە تەگمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايالنىڭ چوڭ تاغىڭىز بىلەن ھېچقانداق تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى يوق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر