مۇسۇلمانلار

چاچنى ساتسا بولامدۇ؟

سوئال:
بەزىلەر ئاياللار بېشىنى تاراپ چۈشكەن چېچىنى ساتىدىكەن، يەنە بەزىلەر تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويىدىكەن، بەزىلەر بولسا مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويىدىكەن… مۇشۇ ھەقتە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز!!!
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە (ئىسرا سۈرىسنىڭ 70-ئايىتىدە) «بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق» دەيدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئىنساننىڭ ھەر بىر پارچىسى ھۆرمەتلىكتۇر، ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدۇ. چاچنى سېتىش ياكى قالايمىقان يەرگە تاشلىۋېتىش ئۇنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان چاچ، تىرناق… قاتارلىقلارنى بىر يەرگە كۆمۈۋېتىشى ياخشى بولىدۇ. بۇ ئۆلۈپ قالغان ئىنساننى دەپنە قىلىۋەتكەن بىلەن ئوخشاشتۇر، شۇنداقلا ئاياغ ئاستى قىلغانلىق ئەمەس، بەلكىدە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر