مۇسۇلمانلار
پەيغەمبەرلەر غەيبنى بىلەمدۇ؟ 1

پەيغەمبەرلەر غەيبنى بىلەمدۇ؟

پەيغەمبەرلەر غەيبنى بىلەمدۇ؟

ھېچبىر نەبىي ۋە رەسۇل ئاللاھنىڭ ۋەھيى بولماي تۇرۇپ، دۇنيادا كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھەم ئۇلارغا ئۇنداق ھوقۇقمۇ بېرىلمىگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى خەۋەر بەرگەنلىكى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر يا ئۇنىڭ شۇنداق ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ياكى ئۇ رىۋايەتلەر توقۇلما.    

قُل لَّآ أَمۡلِكُ لِنَفۡسِي نَفۡعٗا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۚ وَلَوۡ كُنتُ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ لَٱسۡتَكۡثَرۡتُ مِنَ ٱلۡخَيۡرِ وَمَا مَسَّنِيَ ٱلسُّوٓءُۚ إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ وَبَشِيرٞ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ 

«ئى مۇھەممەد ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا – زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا يامانلىقمۇ كەلمىگەن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن» – (7-سۈرە ئەئراف، 188- ئايەت).

وَلَآ أَقُولُ لَكُمۡ عِندِي خَزَآئِنُ ٱللَّهِ وَلَآ أَعۡلَمُ ٱلۡغَيۡبَ وَلَآ أَقُولُ إِنِّي مَلَكٞ وَلَآ أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزۡدَرِيٓ أَعۡيُنُكُمۡ لَن يُؤۡتِيَهُمُ ٱللَّهُ خَيۡرًاۖ ٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا فِيٓ أَنفُسِهِمۡ إِنِّيٓ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ 

«سىلەرگە: ‹يېنىمدا ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار› دېمەيمەن، غەيبنى بىلمەيمەن، ‹مەن پەرىشتە› دېمەيمەن، سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەر توغرۇلۇق: ‹ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلمايدۇ› دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. چۈنكى مەن ئۇ ھالدا چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن» – (11-سۈرە ھۇد، 31- ئايەت).

تِلۡكَ مِنۡ أَنۢبَآءِ ٱلۡغَيۡبِ نُوحِيهَآ إِلَيۡكَۖ مَا كُنتَ تَعۡلَمُهَآ أَنتَ وَلَا قَوۡمُكَ مِن قَبۡلِ هَٰذَاۖ فَٱصۡبِرۡۖ إِنَّ ٱلۡعَٰقِبَةَ لِلۡمُتَّقِينَ 

«ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قىسسە غەيب خەۋەرلىرىدىندۇر. بۇلارنى ساڭا بىز ۋەھىي قىلىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇلارنى سەنمۇ بىلمەيتتىڭ، قەۋمىڭمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارنىڭدۇر» – (11-سۈرە ھۇد، 49- ئايەت).

قُلۡ مَا كُنتُ بِدۡعٗا مِّنَ ٱلرُّسُلِ وَمَآ أَدۡرِي مَا يُفۡعَلُ بِي وَلَا بِكُمۡۖ إِنۡ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰٓ إِلَيَّ وَمَآ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ 

«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئەمەسمەن، ماڭا ۋە سىلەرگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. مەن ئوپئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» – (46-سۈرە ئەھقاف، 9- ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر