مۇسۇلمانلار
پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغان زىكىر نېمە؟ 1

پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغان زىكىر نېمە؟

پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغان زىكىر

﴿وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلَّا رِجَالًا نُّوحِي إِلَيْهِمْ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ٤٣ بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ٤٤

«ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق. ئى ئىنكارچىلار! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار. بىز ئۇ ئەلچىلەرنى روشەن دەلىللەر ۋە ئىلاھىي سەھىپىلەر بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق» – (16 – سۈرە نەھل، 43 ~ 44 – ئايەت).

ئىنسانلارغا بايان قىلىپ، يەتكۈزۈشۈش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزگە نازىل بولغان زىكىر قۇرئاندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ زىكىرنىڭ قۇرئان ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە مۇنداق بىلدۈرىدۇ:

﴿إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ تَنزِيلًا٢٣

«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا قۇرئاننى نازىل قىلدۇق» – (76 – سۈرە ئىنسان، 23 – ئايەت).

﴿ هَذَا ذِكْرُ مَن مَّعِيَ وَذِكْرُ مَن قَبْلِي ٢٤

«… مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ زىكرىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زىكرىدۇر…» – (21 – سۈرە ئەنبىيا، 24 – ئايەت).

چۈنكى قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل بولغان بارلىق زىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇلارنى تەستىقلىغۇچى ئاخىرقى كىتابتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇ (قۇرئان)نى پۈتۈن ئالەملەر ئۈچۈن زىكىردۇر دەپ سۈپەتلەيدۇ:

﴿وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِّلْعَالَمِينَ٥٢

«ھالبۇكى، قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن زىكىر (ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا) ئىبارەتتۇر» – (68 – سۈرە قەلەم، 52 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر