مۇسۇلمانلار

پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن ئادىتىنىڭ پەرقى بارمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئالدى ـ كەينىدىكى سۈننەتلەر، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا نەپلە ناماز دەپ ئاتىلىدىغان نامازلار، نەپلە روزىلار، نەپلە ھەج (ئۆمرە) لەر، نەپلە سەدىقىلەر…. قاتارلىق ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىش سۈننەت بولۇپ، بۇلارنى قىلغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ؛ قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياماق يامىغان، تۆگە ساغقان، چۈش ۋاقتىدا ئۇخلىغان، ئاق ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن، پۇتىغا سەندەل كىيگەن…. دېگەندەك رىۋايەتلەر بار. بۇلارنى قىلغانلار ساۋابقا ئېرىشمەيدۇ. قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

بۇلارنى ئايرىش ئۈچۈن يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى بىلەن ئادىتىنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇنداق رىۋايەتلەرنى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىشتا بىر ئىشلەتكەن ئەقلىمىزنى دىنى ئىشتا مىڭ ئىشلىتىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە مۇئامىلە قاتارلىقلار توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىپ يولىمىزنى بەلگىلىشىمىز لازىم.

لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيالىق بىر ئىشنى مۇنداق قىلاتتى دەپ بىر رىۋايەت كەلگەن بولسا، ئۇ رىۋايەت بىزنىڭ ئۇ ئىشنى شۇ شەكىلدە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. يەنى ھەر مۇسۇلماننىڭ تۆگە سېغىشى، ياماق يامىشى، چۈشتە ئۇخلىشى، ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيىشى، ئەرلەرنىڭ بېشىغا ياغلىق ئارتىشى (ئەرەبلەرنىڭ سەللىسىنى كىيىشى) كېرەك ئەمەس.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر