مۇسۇلمانلار

پۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى

3- پۇلنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
پۇلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھوقۇقىي ئالاھىدىلىكلىرى بار. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئا- پۇلنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى
1- پۇل سېتىۋېلىشنىڭ نەق كۈچىدۇر
پۇل بىلەن ھەر تۈرلۈك مال ۋە خىزمەتنى دەرھال سېتىۋالغىلى بولىدۇ، چۈنكى پۇلنى ھەر يەردە ھەر كىشى ئاسانلا قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما باشقا نەرسىلەر ئۇنداق ئەمەس.
2- ھېچكىم پۇلغا تويمايدۇ
پۇلغا ئامراقلىقىنىڭ چېكى يوق، چۈنكى پۇلنى ساقلاش ۋە يۆتكەش ئاسان، ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان رىغبىتى دايىمدۇر. ئەمما يېمەك، ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ئوي-ئىمارەت قاتارلىقلارنىڭ بىر چېكى بار.
3- پۇلنىڭ ئېتىبارى ئۆز قىممىتىنى ساقلىشى بىلەن مۇتاناسىپتۇر
ئىنسانلار ئۆز قىممىتىنى ساقلىغان پۇلغا ئېتىبار بېرىدۇ، قىممىتىنى ساقلىيالمىغان پۇلدىن قاچىدۇ. ھەر كىشى پۇلنى قىسقا مۇددەتتە قولدىن چىقىرىشنى ۋە قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان نەرسىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ. «ناچار پۇل ئوبدان پۇلنى قوغلايدۇ» دېگەن سۆز بۇنىڭدىن كېلىپ-چىققان.
4- پۇل نادىر بولىدۇ
پۇلنىڭ نادىر (كەم تېپىلىدىغان) بولۇشى ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تەسلىكىگە ۋە ئېتىبارىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
5- پۇلنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى لازىم
قىممەتلىك مېتال سۈپىتىدە بېسىلغان پۇللاردا بۇ ئۇنچىلا مۇھىم ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ مېتالىغا دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئىشەنچ قىلىنىدۇ. ئەمما پۇل سۈپىتىدە بېسىلغان قەغەزنىڭ قىممىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قەغەز پۇلغا ئىشەنچ قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى چىقارغان ھاكىمىيەتكە ئىشەنچ قىلىنىشى لازىم. ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرىدىغان ھەر ھەرىكەت پۇلنىڭ قىممىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىقتىسادىي ھاياتنىڭ تەبىئىي ھالدا داۋاملىشىشى ئۈچۈنمۇ پۇلغا بولغان ئىشەنچنىڭ مۇقىم تۇرۇشى كېرەك.
ئە- پۇلنىڭ ھوقۇقىي ئالاھىدىلىكلىرى     
پۇلنىڭ ھوقۇقىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىش قىيىن. بىز بۇ ماۋزۇ ئاستىدا پۇلنىڭ ھوقۇقىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.
1- پۇل بىر ھەق ئۆلچىمىدۇر
پۇل بىر ھەق ئۆلچىمىدۇر، چۈنكى ئىش ۋە ئىجارە ھەققىلىرى، قەرزلەر، جەرىمانە ۋە تۆلەملەر ئومۇمەن پۇل بىلەن بەلگىلىنىدۇ. پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھەقچىلىككە ۋە زۇلۇمغا يول ئاچىدۇ.
2- پۇل ئالاھىدە بىر مالدۇر.
پۇل ئېھتىياجلارنى بىۋاسىتە قامدىمايدۇ: پۇل داستىخاننىڭ ئاش-نېنى ياكى دورا-دەرمىكى، ئۆينىڭ ياغاچ-تېشى ياكى سېمونت-خىشى بولمايدۇ. لېكىن پۇل ئېھتىياجلارنى قامداشقا ۋاسىتە بولىدۇ: ئېھتىياجلىق مال ۋە خىزمەتلەر ئۇنىڭ بىلەن سېتىۋېلىنىدۇ.
 پۇلنىڭ ياسىلىشى باشقا ماللارنىڭ ياسىلىشىغا ئوخشىمايدۇ. سىز نان زاۋۇتى، خىش زاۋۇتى، كاۋچۇك فابرىكىسى،… ياسىيالايسىز، لېكىن پۇل باسالمايسىز. پۇل بېسىش خەلق نامىغا دۆلەت تەرىپىدىن ناھايىتى دىققەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر ئىشتۇر، خالاس. بۇرۇنقى زامانلاردا ئالتۇنى ياكى كۈمۈشى بولغان ھەر كىشى زەر خانىدا ئۆزى ئۈچۈن پۇل باستۇرالايتتى، لېكىن ئۆز نامىغا پۇل باسالمايتتى ۋە زەر خانا ئاچالمايتتى.
بۇ سەۋەبتىن پۇل ئالاھىدە بىر مالدۇر. ئۇنىڭ ئېلىم-سېتىمىمۇ باشقا ماللارنىڭكىدىن پەرقلىق ۋە ئۆز تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ مەسىلە «ئالتۇن-كۈمۈش ۋە پۇل ئېلىم-سېتىمى» ماۋزۇسى ئاستىدا تەتقىق قىلىنىدۇ.
3- پۇل تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدۇ
يەنى بىر مالنى ياكى بىر خىزمەتنى سېتىۋالغاندا كۆرسىتىلگەن پۇلنىڭ ئورنىغا باشقا پۇل بەرگىلى بولىدۇ، چۈنكى پۇلدا پۇلنىڭ ئۆزى ئەمەس، پۇل ۋەكىللىك قىلغان قىممەت، باشقا ماللاردا بولسا مالنىڭ ئۆزى مۇھىمدۇر. مەسىلەن:
قولىڭىزدىكى بىر دانە يۈز لىراغا بىر جۈپ ئاياغ كىيىمى ئالسىڭىز ئاياغ كىيىمىچىسىگە ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا يۈزلۈك ياكى بەش دانە يىگىرمىلىك لىرا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاياغ كىيىمىنى سىزگە ئۇ پۇلنىڭ قىممەت بەدىلىگە بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنىڭ قانچە پارچە بولغانلىقى، قەغىزىنىڭ چوڭلىقى، قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەرنىڭ شەكلى ۋە رەت نومۇرى مۇھىم ئەمەس. پۇل ئالتۇن ياكى كۈمۈش بولغان دەۋردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش ئىدى، قولىدىكى بىر دانە رەشات ئالتۇنىغا بىر جۈپ ئاياغ كىيىمى ئالغان كىشى ساتقۇچىغا باشقا بىر رەشات ئالتۇنى بېرەلەيتتى.
ماللار تامامەن پەرقلىقتۇر. خېرىدار ياقتۇرۇپ سېتىۋالغان بىر ئاياغ كىيىمىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاياغ كىيىمى بەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى مال تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ. يەنى خېرىدارنىڭ ئۇنى سېتىۋېلىش قارارىدا ئاياغ كىيىمىنىڭ رەڭگى، تىكىلىشى، چوڭلىقى، كۆرۈنۈشى ۋە پاسونى… مۇھىم ئامىلدۇر. ناۋادا بۇلاردىن بىرى كەم بولسا خېرىدار نارازى قىلىنغان، شۇنداقلا ئېلىم-سېتىم قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولىدۇ. خىزمەت سودىسىمۇ مۇشۇنداقتۇر. كىشىلەرنىڭ، جاينىڭ ۋە شارائىتلارنىڭ ئۆزگىرىشى خىزمەت سۈپىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.
پۇلنىڭ تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدىغانلىقى مۇنداق بىر ھوقۇقىي نەتىجە تۇغدۇرىدۇ: بىر مال نەق پۇلغا سېتىۋېلىنسىمۇ ئۇنىڭغا تۆلىنىدىغان بەدەل سودا كېلىشىمى ۋاقتىدىن تۆلەش ۋاقتىغىچە خېرىدارنىڭ زىممىسىدە قەرز بولىدۇ. گەرچە مالنى خېرىدارغا تاپشۇرۇشمۇ ساتقۇچىنىڭ قەرزى، لكېىن بۇ ئۇنىڭ زىممىسىدە بولغان بىر قەرز ئەمەس، مالنى تاپشۇرۇش قەرزىدۇر.
بۇ قەرزنىڭ زىممىدە بولۇشى بىلەن بولماسلىقى ئارىسىدا پەرق بار. زىممىدىكى قەرز ئوخشىشى بىلەن تۆلىنىدۇ. بىر كېمىدە كېتىۋېتىپ يۈز لىراغا بىر جۈپ ئاياغ كىيىمى سېتىۋالغان كىشى پۇلنى تۆلەش ئۈچۈن ساتقۇچىغا تەڭلىگەندە شامال پۇلنى ئۇچۇرۇپ دېڭىزغا تاشلىۋەتسە سودا كۈچكە ئىگە بولۇۋېرىدۇ. خېرىدار باشقا بىر يۈز لىرا بىلەن ئاياغ كىيىمىنىڭ بەدىلىنى تۆلەش مەجبۇرىيىتىدە بولىدۇ. چۈنكى يۈز لىرانىڭ دېڭىزغا ئۇچۇپ كېتىشى سودا كېلىشىمىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ئەمما خېرىدار تېخى تاپشۇرۇپ ئالماستىن ئاياغ كىيىمى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە سودا باتىل (ئىناۋەتسىز) بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا نە خېرىدارنى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاياغ كىيىمى سېتىۋېلىشقا زورلىغىلى بولمايدۇ، نە ساتقۇچى ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئاياغ كىيىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قالمايدۇ.
ب- پۇلنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى    
  پۇلنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋردىكى، مەسىلەن: بىر يىل ئىچىدىكى ئوتتۇرا ھال بىر شەكىلدە قولدىن قولغا يۆتكىلىش قېتىم سانى پۇلنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى دەپ ئاتىلىدۇ. پۇلنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئاز دېگەندە پۇلنىڭ مىقدارى ۋە بازارغا چىقىرىلىشىدەك مۇھىمدۇر. پۇلنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئاشقاندا ئەينى پۇل بىلەن تېخىمۇ چوڭ مەبلەغلەرنى سالغىلى بولىدۇ، تۆۋەنلىگەندە بولسا مەبلەغ ھەجىمى كىچىكلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن پۇل بىلەن قىلغىلى بولىدىغان تىجارىي پائالىيەتلەرنىڭ توپلام ھەجىمى، پۇل مىقدارى بىلەن پۇلنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ كۆپەيتىلگەن سانىغا تەڭدۇر.
پۇلنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەن پۇل تەلىپى ئارىسىدا زىتلىق بار. پۇلنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشى پۇل تەلىپىنى ئازايتىدۇ. ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بولسا پۇل تەلىپىنى ئارتتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ بىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل يەنە بىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
پ- قەغەز پۇلنىڭ فىقىھتىكى ئورنى    
فىقىھ كىتابلىرىمىزنىڭ تولىسى مېتال پۇل تۈزۈمى كۈچكە ئىگە بولغان دەۋرلەردە يېزىلغان. قىممەتلىك مېتال بەدىلى شەرت قىلىنماستىن بېسىلغان بۈگۈنكى قەغەز پۇللار بىلەن مېتال پۇللار ئارىسىدا زور پەرقلەر بار. بۇ يۇقىرىدىكى مەلۇماتلاردىن ئېنىق بىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ھەقىقىي قىممىتىگە قاراپ مۇئامىلە كۆرىدۇ. يەنە بىرىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى، ۋەكىللىك قىلغان قىممەتنىڭ ئالدىدا يوق دېيەرلىكتۇر.
مېتال پۇل تۈزۈمىدە فۇلۇس قەغەز پۇلغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇ  ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىدىن ئۈستۈن بىر قىممەت بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ.
قەغەز پۇلنى پۇل ھېسابلاش كېرەك. چۈنكى ئەشيالارنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ بىلەن بېكىتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ فۇلۇسنىڭ پۇل ھېسابلىنىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى ئۇنىڭ بىلەن ئەشيالارغا قىممەت بېكىتىلىشىدۇر. ئۆمەر ناسۇھى بىلمەننىڭ تۆۋەندىكى ئېنىقلىمىسى ئورۇنلۇقتۇر:
«قائىمە ۋە ئەۋراقى نەقدىيە دېيىلىدىغان قەغەز پۇللار، بانكىلارنىڭ تەلەپ قىلىنغان زاماندا نەقكە ئالماشتۇرغىلى ۋە بەدىلىنى ئالغىلى بولىدىغان بانكىنوتلىرى نۇقۇد (ئالتۇن-كۈمۈش پۇل) ھۆكمىدىدۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە ئوخشاش ئىشلىتىلىشى ئادەتكە ئايلانغان. بۇلارنىڭ بەدەللىرى ھەقىقىي ياكى ئېتىبارىي سۈپەتتە مەۋجۇت بولماقتا. بۇلار نەق بىر مال دېمەكتۇر ۋە ئاممىنىڭ مال-مۈلكىگە ۋەكىللىك قىلماقتا. بۇلاردىن يېتەرلىك مىقدارلارغا ئىگە بولغانلار پېقىر ئەمەس، باي ھېسابلانماقتا. بۇلار بىرەر قۇرۇق ھۆججەت ئورنىدا ئەمەس. بۇلاردىن دەرھال پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇلار بىرەر نەق (ئالتۇن-كۈمۈش)، بىرەر ئېلىم-بېرىم ۋاسىتىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا بۇلار باشقا نەق (ئالتۇن ياكى كۈمۈش) پۇللارغا ئوخشاش تەلەپ قىلىنغاندا ئالماشتۇرغىلى ۋە ئېلىم-بېرىم قىلغىلى بولماقتا ۋە بىرەر قىممەتكە ئىگە بولۇپ ئۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىنماقتا[1].
قەغەز پۇل چىقىشتىن ئىلگىرى ياشىغان فەقىھلەرنىڭ فۇلۇس ھەققىدىكى كۆزقارىشى ئۇلارنىڭ قەغەز پۇلغا بولىدىغان كۆزقارىشىھەققىدە يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇلار فۇلۇس توغرىسىدا ئىككىگە ئايرىلىدۇ: بىر قىسمى فۇلۇسنى ئالتۇن-كۈمۈشكە ئوخشاش پۇل دەپ ھېسابلايدۇ، بىر قىسمى ئۇنداق ھېسابلىمايدۇ.
1- فۇلۇسنى ئالتۇن-كۈمۈشكە ئوخشاش پۇل دەپ قارىمايدىغانلار
مەشھۇر تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇنداق دەيدۇ: فۇلۇس ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارغا ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ پۇل بولۇشى سىياسىي كۈچنىڭ تەلىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن بولغان.
بۇ فەقىھلەر قەغەز پۇلنىمۇ تەبىئىي ھالدا بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزىدۇ. چۈنكى قەغەز پۇلدىمۇ ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەر بار. (ئۇلارنىڭچە) بۇنداق بىر پۇل بىلەن ئۆز تەبىئىتىدە پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى بولغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارنى ئوخشاش دېگىلى بولمايدۇ.
 پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ تەبىئىتىدە بار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مەسىلە ئۈستىدە بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىدا پۇل، «ئەشيالارغا قىممەت بولالايدىغان ۋە مال-مۈلۈكنى ساقلاشقا ئەسقاتىدىغان تۆلەم ۋاسىتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ئىدى. ئالتۇن زامانىمىزدا پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلمىسىمۇ مال-مۈلۈكنى ساقلاشنىڭ ئىشەنچلىك ۋاسىتىسى بولۇشقا داۋام قىلماقتا. ئالتۇننىڭ ئەشيالارغا قىممەت بولۇشىغا كەلسەك، پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەسلىكىنىڭ بۇ ھەقتە تەسىرى بولسىمۇ باشقا ماللار ئىچىدە بۇ مېتالنى ئەڭ ئاسان پۇلغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. ھەتتا دۇنيادا ئالتۇندىن ئەتىۋار باشقا بىر مال يوق. ھېچبىر مال ئۆتمىگەن يەردە ئالتۇن ئۆتىدۇ. ئەڭ قىممەتلىك قەغەز پۇلنىڭمۇ ئۆزىنى باسقان كۈچنىڭ قارارى بىلەن ئىناۋەتسىز بولۇش ئېھتىمالى بار. ئەمما ئالتۇننى قىممەتسىز قىلىدىغان بىر كۈچ يوق. كۈمۈشمۇ قىممەتلىك بىر مېتالدۇر. بۈگۈن قىممىتىنىڭ ئازلىشى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان تەلەپنىڭ ئازلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. كۈمۈش ئەگەر پۇل بولۇپ ئىشلىتىلسە كۆپ مىقداردا تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە قىممىتى ئارتىدۇ. كۈمۈش قانداق سۈپەتتە بولسا بولسۇن قىممەتلىك مېتال بولۇشقا داۋام قىلماقتا. نۇرغۇن فەقىھلەر پەقەت بۇ خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنلا ئالتۇن ۋە كۈمۈش فۇلۇسقا ئوخشىمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىدە نە بىر ئايەتكە، نە بىر ھەدىسكە ئاساسلانمايدۇ.
ئۇلارنىڭ بۇ كۆزقارىشى تۆۋەندىكى ئىككى نەتىجىنى تۇغدۇرغان:
 1- شافىئىي مەزھىپىگە ئاساسەن بازاردا ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ فۇلۇستا جازانىخورلۇق شەكىللەنمەيدۇ[2]. فەلس بېرىپ فەلس ئالغاندا بەدەللەرنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولسا بولىدۇ[3]. ھەنەفىي مەزھىپىگە ئاساسەن فۇلۇستا رىبەننەسىئە بولىدۇ، لېكىن رىبەلفەدل بولمايدۇ. يەنى 10 فەلسنى بىر ئاي قەرەللىك 11 فەلسكە سېتىشقا بولمايدۇ، لېكىن 10 فەلسنى 11 فەلسكە نەق سېتىشقا بولىدۇ[4].
2- ھەنەفىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي فەقىھلىرىنىڭ كۆزقارىشىچە فۇلۇس مۇزارەبەت سەرمايىسى بولالمايدۇ[5]. مالىكىي مەزھىپى بىلەن ئىمامى مۇھەممەدنىڭ كۆزقارىشىچە فۇلۇس مۇزارەبەت شېرىكچىلىكىدە سەرمايە بولالايدۇ[6].
2- فۇلۇسنى ئالتۇن-كۈمۈشكە ئوخشاش دەپ قارايدىغانلار
تابىئىنلار[7]نىڭ دەۋرىدىكى فەقىھلەردىن يەزىد ئىبىن ئەبى ھەبىب (53-128 ھ/673-746 م)، ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئەبى جەئفەر (ۋاپاتى: 99 ھ/718 م)، يەھيا ئىبىن سەئىد (ۋاپاتى: 144 ھ/761 م)، رابىئە (ۋاپاتى: 136 ھ/753) ۋە ئىمام مالىك (ۋاپاتى: 179 ھ/795 م) بىلەن ئىمام مۇھەممەد (ۋاپاتى: 189 ھ/805 م) قاتارلىقلار ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ماددىلارنى دىنار ۋە دىرھەملەرگە ئوخشاش پۇل دەپ ھېسابلايدۇ[8]. بۇلار قەغەز پۇلنىمۇ پۇل ھېسابلايدۇ. ئىمام مۇھەممەدنىڭ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقارىشى تۆۋەندىكىچە:
فۇلۇس بىلەن ئەشيالارغا قىممەت بەلگىلىگىلى بولۇشى ئۇنىڭ پۇل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ماللارغا دىنار ۋە دىرھەملەر بىلەن قىممەت بەلگىلەنگەندەك فۇلۇس بىلەنمۇ قىممەت بەلگىلىنىدۇ. ئۇنداق بولسا فۇلۇسمۇ پۇلدۇر.
 رابىتەتۇل ئالەمىل ئىسلامىي (ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى) نىڭ پەتىۋا ھەيئىتى قەغەز پۇللارنىڭ خۇددى ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارغا ئوخشاش ئېلىپ-سېتىلىشى لازىملىقىغا پەتىۋا بەرگەن. ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان كۆزقاراش مۇشۇنداقتۇر. ئالدىمىزدا بۇ ھەقتە قايتا توختىلىمىز.

[1] – ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، بۈيۈك ئىسلام ئىلمىھالى، ئىستانبۇل 1986، 331، ئەۋراقى نەقدىيە بىلەن بانكىنوتلارنىڭ زاكىتى، پاراگراف نومۇرى: 61.

[2] – ئىبىن ھەجەر، تۇھفە، 4/279، بابۇ ررىبا.

[3]– ئابدۇلھەمىد شىرۋانى، تۇھف ھاشىيەسى، 4/279.

[4] – كاسانى، بەدائىئ 5/185.

[5]– سەرەخسى، مەبسۇت، 22/21؛ ئىبىن ھەجەر، تۇھفە 6/83؛ ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھۇقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى 7/120.

[6]– كاسانى، بەدائىئ، 6/82ئ

[7]– پەيغەمبەر (ئە.س) كۆرمىگەن، ئۇنى كۆرگەنلەنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار.

[8]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 3/395-396.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر