مۇسۇلمانلار

پۇتنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش مەكرۇھمۇ؟

جاۋاب:

ئەڭ مۇھىمى يېمەكئىچمەكنىڭ ھالال بولۇشىدۇر. داستىخاننى يەرگە سېلىش، تاماقتىن ئىلگىرى ئىككى قولنى يۇيۇش، تاماقنى ئولتۇرۇپ يېيىش، ئالدىغا كەلگەن تاماقنى ئەيىپلىمەسلىك، تاماق يېيىشكە باشلاشتىن بۇرۇن «بىسمىللاھ» دېيىش ۋە بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنڭ داستىخانغا جەم بولۇپ بىرلىكتە تاماق يېيىش، ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىش قاتارلىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆگەتكەن ياخشى ئەخلاقلاردىندۇر. تاماقنى بۇ تەلىماتقا ئۇيغۇن ھالدا يېيىش ياخشىدۇر.

لېكىن ئاشخانىلاردا ھەتتا بەزى ئۆيلەردە تاماق يېيىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۈستەللەر قويۇلغان بولۇپ، بۇنداق يەرلەردىمۇ تاماق يېيىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ شەكىلدە تاماق يېيىشتىن چەكلەيدىغان بىر ھۆكۈم يوق. يۇقىرىدىكى ئىشنىڭ ئەۋزەل تەرىپىدۇر، بۇ بولسا رۇخسەت تەرىپىدۇر.

پۇتنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ياخشى بىر ئەخلاق ئەمەس. مەكرۇھ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ «ياخشى ئەمەس» دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلغان ياخشى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر