مۇسۇلمانلار
 پىتىر سەدىقىسى 1

 پىتىر سەدىقىسى

 پىتىر سەدىقىسى

1.     ھۆكمى

پىتىر سەدىقىسى بېرىش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدۡيَةٞ طَعَامُ مِسۡكِينٖۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥۚ… ١٨٤﴾

«روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردىكى تائامدۇر. كىم  ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر»[1].

«روزا تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلارغا» يەنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقانلارغا ۋە رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتكەن، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ: «سىلەردىن كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى رۇخسىتىگە ئەمەل قىلىپ، روزىسىنى رامىزان ئېيىدا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلماقچى بولغانلارغا بىر مىسكىننىڭ تائامىغا يەتكۈدەك مىقداردا فىدىيە بېرىش كېرەك بولىدۇ.

بۇ ئايەتتە رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار بىر فىدىيە بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىپ يەتمەيدىغانلىقى رامىزان ئاخىرلاشقاندا بىلىنگەنلىكى ئۈچۈن، پىتىر سەدىقىسى رامىزان چىقىپ كېتىپ، شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىنىڭ كۈندۈزى باشلانغاندىن كېيىن پەرز بولىدۇ.

2.     ھېكمىتى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى روزا تۇتقۇچىنى بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ناشايان سۆزلەرنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا مىسكىنلەرگە تائام بولسۇن ئۈچۈن پەرز قىلدى»[2].

دېمەككى، پىتىر سەدىقىسىنىڭ ئىككى ھېكمىتى بار: بىرى روزا تۇتقۇچىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆتكۈزگەن كەمچىلىكلىرىدىن پاكلاش، يەنە بىرى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش. يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۆتكەن «فىديەتۇن» ۋە «تائامۇ مىسكىن» (﴿فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ) ئىپادىلىرى بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى فىدىيە ئۆتكۈزۈلگەن بىر كەمچىلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن ماددىي نەرسىدۇر[3].

ئاللاھ تائالا 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 187 – ئايىتىدە روزا تۇتقۇچىلار قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ:

﴿… تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَقۡرَبُوهَاۗ …  ١٨٧﴾

«بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار»[4].

چېگرادىن ئۆتسە روزا بۇزۇلىدۇ، چېگراغا يېقىنلاشسا روزا بۇزۇلمايدۇ، لېكىن ساۋابى كېمىيىدۇ، بۇ كەمچىلىك فىدىيە بىلەن تولۇقلىنىدۇ.

3.     پىتىر سەدىقىسى پەرز بولغانلار

ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى (2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت) قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى: پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتالايدىغانلارغا پەرز قىلىنىدۇ.

بۇ توغرىدا ئىككى تۈرلۈك رىۋايەت بار. بىرى ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر سۆزىگە ماس كېلىدۇ، يەنە بىرى ماس كەلمەيدۇ. ئۇ رىۋايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

ئايەتكە ماس كېلىدىغان رىۋايەت:

مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە ئەييۇب سەختىيانىي نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى ھۆر، قۇل، ئەر، ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا خورمىدىن بىر سا[5] ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[6].

ئايەتكە ماس كەلمەيدىغان رىۋايەت:

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر[7] ۋە ئۆمەر ئىبنى نافىئـ نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى قۇل، ھۆر، ئەر، ئايال، كىچىك ۋە چوڭ مۇسۇلمانلارغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[8].

كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ ئىككى تۈرلۈك رىۋايەتنىڭ ھەر ئىككىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نافىئـ يولى بىلەن كېلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىدە «چوڭ، كىچىك» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ، ئىككىنچىسىدە زىكىر قىلىنىدۇ.

ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، «سەھىھ مەنبەلەر» دېيىلىدىغان ھەدىس كىتابلىرىدا ھەر ئىككى رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ. ھەتتا مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ «ئەڭ ئىشەنچلىك» ۋە «ئەڭ مۆتىۋەر»لىرى بولغان سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇ مۇسىلىملەردىمۇ بۇ پەرقلىق ئىككى رىۋايەت ئۆتىدۇ.

ئىككىنچى رىۋايەتنىڭ تەنقىدى:

بۇ رىۋايەتنى نافىئدىن ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر بىلەن ئۆمەر ئىبنى نافىئ نەقىل قىلىدۇ. ئۇبەيدۇللاھنىڭ رىۋايىتى بىر يەردە زىيادە، يەنە بىر يەردە كەم زىكىر قىلىنىدۇ. ئۆمەرنىڭ رىۋايىتىدە بولسا، «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن زىيادە قىلىنغانلىقى  زىكىر قىلىنىدۇ. بىز تۆۋەندە بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

1 – ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ رىۋايىتىدىكى زىيادە ۋە كەملىك:

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى كىچىك، چوڭ، ئەر، ئايال، ھۆر ۋە قولغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[9].

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى كىچىك، چوڭ، ھۆر ۋە قۇلغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى[10].

دىققەت قىلىنىدىغان بولسا ئۇبەيدۇللاھنىڭ ئىككىنچى رىۋايىتىدە «ئەر، ئايال» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىنمىغان. دېمەك، بۇ زاتنىڭ رىۋايىتى ئايەتكە ماس كەلمەسلىك بىلەن بىرگە كەم ياكى زىيادىلىكتىنمۇ خالىي ئەمەس.

2 – نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەرنىڭ رىۋايىتى

ئەبۇ داۋۇدنىڭ «سۇنەن» ناملىق ھەدىس كىتابىدا رىۋايەتتىكى «كىچىك ۋە چوڭ» ئىپادىسىنىڭ نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر تەرىپىدىن زىيادە قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ: مالىك نافىئدىن، نافىئـ ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزاندىكى پىتىر سەدىقىسى خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا بولۇپ، ئۇ ھۆر، قۇل، ئەر، ئايال پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر». بۇ ئەبۇ داۋۇدنىڭ «سۇنەن» ناملىق ئەسىرىنىڭ «كىتابۇززاكات»، 19 – باب 1611 – نومۇرلۇق رىۋايىتىدۇر.

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك بۇ رىۋايەتنى نافىئدىن مالىك ئىسىملىك بىر كىشى (مالىك ئىبنى ئەنەس) نەقىل قىلىدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ داۋامىدىكى رىۋايەتنى يەنى 1612 – نومۇرلۇق رىۋايەتنى نافىئدىن نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر رىۋايەت قىلىدۇ. بۇ رىۋايەت مۇنداق: نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر ئاتىسىدىن، ئاتىسى ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى». نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر بىرىنچى رىۋايەتتىكى (1611 – رىۋايەتتىكى) مالىكنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسىنى زىكىر قىلدى ۋە «كىچىك، چوڭ» ئىپادىسىنى زىيادە قىلدى[11].

«چوڭ – كىچىك» ئىپادىسىنى نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەرنىڭ قوشۇپ قويغانلىقىغا نافىئنىڭ مۇنۇ رىۋايىتىمۇ دالالەت قىلىدۇ: ئەييۇب نافىئدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى ئەر، ئايال، ھۆر ۋە قۇلغا خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا قىلىپ پەرز قىلدى». ئىنسانلار بۇنى يېرىم سا بۇغدايغا تەڭلەشتۈردى. ئىبنى ئۆمەر خورما بېرەتتى، كېيىن مەدىنىدە خورما مەھسۇلاتى كەملەپ كېتىپ مەدىنە ئاھالىسى خورمىغا موھتاج بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئارپا بەردى. ئىبنى ئۆمەر كىچىك ۋە چوڭ ئۈچۈنمۇ بېرەتتى، ھەتتا ئۇ مېنىڭ بالىلىرىم ئۈچۈنمۇ بېرەتتى[12].

دېمەك، «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسى ئىبنى ئۆمەرنىڭ سۆزى ئىچىدە يوق، ئۇنى ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلغان نافىئمۇ دېمىگەن، نافىئنىڭ دېگىنى: «ئىبنى ئۆمەر كىچىك ۋە چوڭ ئۈچۈنمۇ بېرەتتى، ھەتتا ئۇ مېنىڭ بالىلىرىم ئۈچۈنمۇ بېرەتتى» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. بۇ سۆز نافىئنىڭ ئىبنى ئۆمەرنىڭ قىلمىشىنى نەقىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، خالاس. لېكىن نافىئنىڭ ئوغلى ئۆمەر بۇ سۆزنى دادىسىدىن ئاڭلاپ، ئۇنى ئىبنى ئۆمەرنىڭ سۆزىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەن ۋە باشقىلارغا مۇشۇ بويىچە نەقىل قىلغان. ئاندىن كېيىن ئۇ رىۋايەت بۇ قوشۇلغان شەكلى بىلەن نەقىل قىلىنىپ دەلىل قىلىنغان. شۇڭا جۇمھۇر ئالىملار (كۆپچىلىك ئىسلام فەقىھلىرى) «نارەسىدە بالىلار ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك!» دەپ قارايدۇ[13].

ھېچكىم ئۇ رىۋايەتنى قۇرئان كەرىمگە تەڭلەپ باقمىغان، ھەتتا ھېچكىم ئۇ رىۋايەتنى «چوڭ – كىچىك» دېگەن ئىپادە قوشۇلمىغان رىۋايەت بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىشكىمۇ ئىنتىلمىگەن. نەتىجىدە ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئەمرى پەرز بولمايدىغان نارەسىدە بالىلارغا، ھەتتا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا پىتىر سەدىقىسى بېرىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئىككى رىۋايەت

پىتىر سەدىقىسىنىڭ «كىچىك، چوڭ» لارغىمۇ پەرز بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان يەنە ئىككى رىۋايەت بار. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز:

  • مۇھەممەد ئىبنى مۇسەننا، سەھل ئىبنى يۈسۈفنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھۇمەيد بىزگە ھەسەننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامىزاننىڭ ئاخىرىدا بەسرەنىڭ مۇنبىرىدە خۇتبە ئوقۇپ: «روزاڭلارنىڭ سەدىقىسىنى چىقىرىپ بېرىڭلار» دېدى. ئىنسانلار چۈشەنمىگەندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مەدىنە ئەھلىدىن كىم بولسا ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ قېرىنداشلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، چۈنكى ئۇلار بىلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ سەدىقىنى ھۆر، قۇل، ئەر، ئايال، كىچىك، چوڭ ھەممەيلەنگە خورمىدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا ۋە بۇغدايدىن يېرىم سا پەرز قىلغان». كېيىن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەسرىگە كەلگەندە، باھانىڭ ئەرزانلاشقانلىقىنى كۆردى ۋە مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرگە مەمۇرچىلىق ئاتا قىلىپتۇ، شۇڭا پىتىر سەدىقىسىنى ھەر نەرسىدىن بىر سا قىلغان بولساڭلار!». ھۇمەيد ئېيتىدۇ: ھەسەن «پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتقانلارغا پەرز» دەپ قارايتتى[14].

بۇ رىۋايەتنى ئىبنى ئابباسنىڭ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى روزا تۇتقۇچىنى بىھۇدە سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە ناشايان سۆزلەرنىڭ كىرلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا مىسكىنلەرگە تائام بولسۇن ئۈچۈن پەرز قىلدى[15]» دېگەن باشقا بىر رىۋايىتى زەئىپلەشتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ رىۋايىتىدىكى «روزا تۇتقۇچىنى پاكلاش ئۈچۈن» دېگەن ئىپادىسى، پىتىر سەدىقىسىنىڭ روزا تۇتمىغۇچىلارغا پەرز بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىبنى ئابباسنىڭ بۇنداق بىر – بىرىگە زىت ئىككى سۆزنى قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراقتۇر. ئىبنى ئابباسنىڭ بۇ خۇتبىسىنى نەقىل قىلغان ھەسەننىڭ «پىتىر سەدىقىسى روزا تۇتقانلارغا پەرز» دەپ قارىشى[16] بۇ يىراقلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ سۆزى بىلەن قىلمىشىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

قارىغاندا، «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىگە كىرگۈزۈلگەندەك ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

  • نەسەئى ئۆزىنىڭ «سۇنەن» ناملىق مەشھۇر ھەدىس كىتابىنىڭ كىتابۇززەكات بۆلۈمىدە 2502 – نومۇرلۇق رىۋايەتنى مالىكتىن «چوڭ، كىچىك» دېگەن ئىپادە بىلەن نەقىل قىلىدۇ، ئاندىن 2503 – نومۇرلۇق رىۋايەتنى يەنە مالىكتىن «چوڭ، كىچىك» دېگەن ئىپادىسىز زىكىر قىلىدۇ.

مالىكتىن «چوڭ، كىچىك» ئىپادىسى زىيادە قىلىنماستىن كەلگەن رىۋايەت باشقا ھەدىس مەنبەلەردىمۇ كېلىدۇ، ھەتتا نەسەئىنىڭ ئۆزىمۇ پەرقلىق بۇ ئىككى رىۋايەتنى ئارقا – ئارقىدىن زىكىر قىلىدۇ. دېمەك، بۇ ئارتۇق ئىپادە مالىكنىڭ رىۋايىتىگە پەقەت نەسەئىنىڭ «سۇنەن» ناملىق كىتابىدىلا كىرىشكە «مۇۋەپپەق بولغان».  

خۇلاسە

  • پىتىر سەدىقىسى رامىزان روزىسىنى تۇتقۇچىلارغا يەنى بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 184 – ئايىتى ۋە ئۇ ئايەتنىڭ بايانى ماھىيىتىدىكى رىۋايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. پەرقلىق رىۋايەت ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ كەلگەنلىكى ۋە ئۆز ئىچىدە زىتلىق تەشكىل قىلغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ.
  • بالاغەتكە يەتمىگەن نارەسىدە بالىلار ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىش پەرز ئەمەس، لېكىن بۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسى بۇلار ئۈچۈنمۇ پىتىر سەدىقىسى بەرسە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 184 – ئايىتىنىڭ ﴿فَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ – كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر دېگەن قىسمى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. يەنى پىتىر سەدىقىسى بېرىش چوڭلار ئۈچۈن پەرز، نارەسىدىلەر ئۈچۈن نەپلىدۇر.

4.     پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى

پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك تائامىدۇر ياكى ئۇنىڭ بەدىلىدۇر. بۇنى يۇقىرىدا بۇ سەدىقىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ئايەت (2 – سۈرە بەقەرە، 187 – ئايەت) ۋە ھېكمىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىس ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

5.     ئادا قىلىش ۋاقتى

پىتىر سەدىقىسى روزا ھېيت كۈنىنىڭ ئەتىگىنىدىن باشلاپ، ھېيت نامىزىغا چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدۇ. ھېيت كۈنىدىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشكىمۇ بولىدۇ. نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام فىتىر زاكىتىنى ئىنسانلار ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرۇغان[17].

6.     پىتىر سەدىقىسى بېرىلىدىغانلار

پىتىر سەدىقىسى زاكات بېرىشكە بولىدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى پىتىر سەدىقىسىمۇ بىر تۈرلۈك زاكاتتۇر. زاكاتنىڭ كىملەرگە ۋە قەيەرلەرگە بېرىلىدىغانلىقى 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 60 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان. لېكىن مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە «تائامۇ مىسكىن (مىسكىن تائامى)»[18]، مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە «تۇئمەتەن لىلمەساكىن (مىسكىنلەرگە تائام بولۇشى ئۈچۈن)[19]» دېيىلىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 100 – 108.

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت.

[2] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 17؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 21.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ۋە 196 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 92 – ئايەت.

[4] 2 – سۈرە بەقەرە، 187 – ئايەت.

[5] رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى بىر سا نورمال ئىككى ئالىقاندىن ھاسىل ئوچۇم بىلەن تۆت ئوچۇم بولۇپ، ئۇ كۈنىمىزدىكى ئۆلچەمدە ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن بىر مىقداردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى سەدىقە فىتىرنى بىر كىشى ئۈچۈن ئۈچ كىلوگىرام بۇغداي ياكى ئۇنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ئادا قىلسا توغرا قىلغان بولىدۇ.

[6] بۇخارى، «زاكات»، 71، 77؛ مۇسلىم، «زاكات»، 4، 12؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 19؛ تىرمىزى،  «زاكات»، 35؛ نەسەئى،  «زاكات»، 33؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 21.

[7] بۇ كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى مۇنداق: ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى ھەفس ئىبنى ئاسىم ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب. يەنى بۇ ئۇبەيدۇللاھ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ نەۋرىسىدۇر.

[8] بۇخارى، «زاكات»،  70؛ مۇسلىم، «زاكات»، 13؛ نەسەئى،  «زاكات»، 32.

[9] نەسەئى، «زاكات»،  34.

[10] بۇخارى، «زاكات»، 71؛ مۇسلىم، «زاكات»، 4، 13.

[11] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 19.

[12] بۇخارى، «زاكات»، 70.

[13] زۇھەيلى، ئەلفىقھۇلئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ،  2 :904 .

[14] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 20؛ نەسەئى، «زاكات»، 40.

[15] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 17؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 218.

[16] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 20.

[17] بۇخارى، «زاكات»، 76؛ مۇسلىم، «زاكات»، 5، 22؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 18؛ نەسەئى،  «زاكات»، 45.

[18] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت.

[19] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 17؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 218.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر