مۇسۇلمانلار
پىتىر سەدىقىسىمىقدارى، ۋاقتى، بېرىلىدىغانلار 1

پىتىر سەدىقىسى\مىقدارى، ۋاقتى، بېرىلىدىغانلار

4.     پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى

پىتىر سەدىقىسىنىڭ مىقدارى بىر كىشى ئۈچۈن بىر مىسكىننىڭ بىر كۈنلۈك تائامىدۇر ياكى ئۇنىڭ بەدىلىدۇر. بۇنى يۇقىرىدا بۇ سەدىقىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ئايەت (2 – سۈرە بەقەرە، 187 – ئايەت) ۋە ھېكمىتى توغرىسىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىس ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

5.     ئادا قىلىش ۋاقتى

پىتىر سەدىقىسى روزا ھېيت كۈنىنىڭ ئەتىگىنىدىن باشلاپ، ھېيت نامىزىغا چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئادا قىلىنىدۇ. ھېيت كۈنىدىن بىر – ئىككى كۈن ئىلگىرى بېرىشكىمۇ بولىدۇ. نافىئدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام فىتىر زاكىتىنى ئىنسانلار ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى بېرىشكە بۇيرۇغان[1].

6.     پىتىر سەدىقىسى بېرىلىدىغانلار

پىتىر سەدىقىسى زاكات بېرىشكە بولىدىغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ. چۈنكى پىتىر سەدىقىسىمۇ بىر تۈرلۈك زاكاتتۇر. زاكاتنىڭ كىملەرگە ۋە قەيەرلەرگە بېرىلىدىغانلىقى 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 60 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان. لېكىن مىسكىنلەرگە بېرىش تېخىمۇ ياخشىدۇر، چۈنكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە «تائامۇ مىسكىن (مىسكىن تائامى)»[2]، مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە «تۇئمەتەن لىلمەساكىن (مىسكىنلەرگە تائام بولۇشى ئۈچۈن)[3]» دېيىلىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 107 – 108.

[1] بۇخارى، «زاكات»، 76؛ مۇسلىم، «زاكات»، 5، 22؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 18؛ نەسەئى،  «زاكات»، 45.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت.

[3] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 17؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 218.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر