مۇسۇلمانلار

پاي چېكى ئويناش ھاراممۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
سوئال:
دوستۇم پاي چېكى ئوينايدۇ، مەنمۇ كەلگۈسدە ئويناش پىلانىم بار، بۇ توغرىسىدا دىنمىزدا قانداق مەلۇماتلار بار ؟ «ھالال ھارام توغرىسىدا»  ــ ئالىم
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختامى بىلەن ئېلىش ۋە بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن:
سىز بىر قويىڭىزنى ساتىمەن، دېسىڭىز بىر كىشى خېرىدار بولىدۇ. سىز بۇ قوي مانچە پۇل، دەيسىز، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇيانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىز قويىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىسىز، ئۇ قوينىڭ بەدىلىنى سىزگە تاپشۇرىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىز مەن مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن، كۈنلۈك ئىش ھەققىم ياكى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققىم مانچىلىك بولسا ئىشلەپ بېرىمەن، دەيسىز. بىرى سىزگە دېگىنىڭىز بويىچە ياكى سىز بىلەن باھا تالىشىپ ئاخىرى ئىككىڭلار كېلىشكەن بويىچە سىزگە بەدەل تۆلەپ سىزدىن ئۇ خىزمەتنى سېتىۋالىدۇ. ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مانا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئېتى تىجارەتتۇر، شۇنداقلا ھالالدۇر.
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تىجارەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مال ياكى خىزمەت ئېلىم-سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
ئەمما پاي چېكى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىسمىدىنمۇ چىقىپ تۇرغاندەك ئۇ بىر تىجارەت ئەمەس، بەلكىدە بىر قىماردۇر. چۈنكى تىجارەتتە سىز قارشى تەرەپتىن مال ياكى خىزمەت (ئىش) سېتىۋالىسىز. پاي چېكى بولسا، سىزنىڭ بىر شىركەتنىڭ مەلۇم ھەسسىسىنى سېتىۋالغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان بىر قۇرۇق قەغەزدىن ئىبارەتتۇر. بۇ بىر ئېلىم-سېتىم مۇئامىلىسى ئەمەس، بىر ئويۇن (قىمار) بولغانلىقى ئۈچۈن سىز ئۇ قەغەزنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئۇ شىركەتتىن ئۆز ھەسسىڭىزنى تەلەپ قىلالمايسىز. بارسىڭىز سىزنى شىركەتنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزمەيدۇ. سىز مەن بۇ شىركەتنىڭ مانچە پىرسەنتىنى سېتىۋالدىم، شۇ ھەققىمنى ئالىمەن، دېيەلمەيسىز! چۈنكى سىز ئەمەلىيەتتە شىركەتنىڭ ھەسسىنى ئەمەس، قۇرۇق قەغەزنى سېتىۋالدىڭىز.
 پاي چېكى ئەسلىدە كاپىتالىستلارنىڭ خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللارنى يېغىلىۋېلىش ئۈچۈن چىقارغان بىر ھىيلىسىدۇر، بىر ئويۇنىدۇر. ئۇلار ئاكسىيە بازىرى، دەپ بىر بازار قىزىتىپ بۇ بازاردا ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۇ قۇرۇق قەغەزلەرنى ئېلىپ-سېتىپ پۇل تاپىدۇ. ئۇلار قولىدىكى ئۇ قۇرۇق قەغەزلەرنى بىر يالغان خەۋەر بىلەن باھاسىنى ئۆستۈرۈپ ساتىدۇ، يەنە بىر يالغان خەۋەر بىلەن باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋالىدۇ.
نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان ساددا ئىنسانلار، ئېغىلدىكى قوي-كالىلىرىنى سېتىپ بولسىمۇ پاي چېكى ئوينايدۇ. ئاندىن باھا چۈشۈشكە باشلىسا تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كەتمەي، دەپ دەرھال قولىدىكى قەغەزلەرنى تۆۋەن باھادا ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇللار كاپىتالىستلارنىڭ يانچۇقىغا يىغىلىدۇ. پاي چېكى سېتىلۋالغانلار پۇللىرىغا مال ياكى خىزمەت ئەمەس، قۇرۇق قەغەز سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قەغەزلەرنى يەنە شۇ بازاردا سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداقلا قىممەت ئېلىپ ئەرزان ساتقانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتىدۇ.
خۇلاسە:
پاي چېكى ئويناش ھارامدۇر. چۈنكى ئۇ قىمار ئوينىغانلىق، باتىل يول بىلەن پۇل تېپىشقا ياردەملەشكەنلىك، قولىدىكى پۇلغا مال ياكى خىزمەت (ئىش) ئەمەس، مال ھېسابلانمايدىغان نەرسە سېتىۋالغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر