مۇسۇلمانلار

پالغا ئىشەنمەڭ!

قېرىنداشلار!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام پەيغەمبەر بولۇشتىن بۇرۇن، جاھىلىيەت ئەرەبلىرىنىڭ ئىچىدە پالچىلىق ئومۇملاشقان ئىدى؛ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا پالچى ۋە چىراغچىلارنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارى بار ئىدى، ئىنسانلار مۈشكۈللىرىنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن ۋە مۇھىم مەسىلىلىرى توغرۇلۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا باراتتى.

ئىسلام كېلىپ، بۇ شېرىك ئېتىقادقا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈردى؛ پالچىلارنىڭ ھالىنى، ئاقىۋىتىنى ۋە ئىمانغا سالغان زىيانلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدىمۇ پالچىلىق ئىشى مەۋجۇتتۇر. بىز بۇنى بۇ توغرىدا تور بېتىمىزگە كەلگەن سوئاللاردىن بىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق.

پال نېمىدۇر؟

پال كىشىنىڭ ئالقىنىغا قاراش، كىتاب ۋاراقلاش، قارتا ئېچىش، تاش ۋە ماياقلارنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىسىنى، شۇنىڭدەك كىشىلەر بىلىشكە قىزىققان نەرسە ياكى ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېتىپ بېرىدىغان ساختا بېشارەتتۇر.

پالچىنىڭ سىرى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پالچىلار توغرۇلۇق سوئال سورىغۇچىلارغا: «ئۇلار ھېچ نەرسە ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، ئۇلار: يا رەسۇلەللاھ! پالچىلار بەزىدە بىر نەرسە سۆزلەيدۇ، ئۇ توغرا چىقىدۇ، دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ سۆز توغرىدۇر، ئۇ سۆزنى جىن پەرىشتىلەردىن ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىپ پالچى دوستىنىڭ قۇلىقىغا دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پالچى ئۇنڭغا يۈز يالغاننى قوشىدۇ» – بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سوراشنىڭ ھۆكمى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم پالچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا قېرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ» – مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

پال بېقىش ۋە پالچىنى تەستىقلاشنىڭ ھۆكمى

پال بېقىش، پال باقتۇرش ئاللاھدىن غەيرىيگە تايانغانلىق بولۇپ، شېرىك ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ توغرىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرمەكچىمەن:

پال باققۇچىلار ۋە پال باقتۇرغۇچىلار كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى پالچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلايدىكەن مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا كاپىر بولغان بولىدۇ.» ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قلغان.

«پال باققان ۋە پال باقتۇرغان، غائىبتىن سۆزلىگەن ۋە سۆزلەتكەن، سېھىر قىلغان ۋە سېھىر قىلدۇرغان، پالچىنىڭ يېنىغا كېلىپ دېگىنىنى تەستىقلىغان كىشى مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا كاپىر بولغان بولىدۇ.» بەززار رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر