مۇسۇلمانلار

پارا بېرىپ ئۆسسەم بولامۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئولۇغ ئاللاھ ئەزىز تېنىڭلانى سالامەت قىلغاي، مېنىڭ بىرقانچە سۇئالىم بار ئىدى، مۈمكىن بولسا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار،
1ـ سۇئال: غەيرىي ئسىلامدىكى بىرىگە پارا بېرىپ ئۆسۈشنىڭ (باشلىق بولۇش) ھۆكمى قانداق؟
2ـ سۇئال: نامازنى تاشلاپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنە قايتا باشلاپ، تەكرار مۇشۇنداق قىلمىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
 3ـ سۇئال: ھازىر جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر سودا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن باشقا يورتلارغا بارسا، ناۋادا ئوزاقراق تورۇپ قالىدىغان ئىش بولسا، نامەھرەمدىن ساقلىنىمىز دەپ ۋاقىتىلىق خوتۇن ئېلىۋالىدىكەن، بونداق قىلىشىنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
 4ـ سۇئال: مۇشۇ ۋاقىتلاردا جەمىيىتىمىزدە ئۆزىنى موسۇلمان ھېساپلاپ يۆرگەن بىر قىسىم كىشىلەر 5 ۋاق نامازنى ئوقۇش بىلەن نەشە چېكىشنى بىرگە ئېلىپ بارىدىكەن، ئولارنىڭ دېيىشىچە، ئاخشىمى نەشە چەكسە، ئەتىسى يەنە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋەرسە بولىۋېرەمىش، مۇشۇنداق قېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟ ئاللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى سالامەت قىلغاي! جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار، ھەر قايسىڭلارغا كۆپ رەھمەت!!
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
«1ـ سۇئال: غەيرىي ئسىلامدىكى بىرىگە پارا بېرىپ ئۆسۈشنىڭ (باشلىق بولۇش) ھۆكمى قانداق؟»
ھارام! چۈنكى پارا بېرىش، پارا ئېلىش ۋە پارا ئېلىش-بېرىشكە ياردەملىشىش دىنىمىزدا قەتئىي ھارام قىلىنغان. بىر تەرەپنىڭ كاپىر بولۇشى بۇ ئىشنى ھالال قىلمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى (تەرجىمىسىنى) دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، بۇلارنى چۈشىنىسىز.
«2ـ سۇئال: نامازنى تاشلاپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنە قايتا باشلاپ، تەكرار مۇشۇنداق قىلمىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟»
نامازنى قەستەن تەرك ئېتىش، كۇپۇرلۇققا قەدەم باسقانلىقتۇر، كېيىن يەنە نامازغا باشلاش تەۋبە قىلغانلىقتۇر، يەنە تەرك ئېتىش، تەۋبىدە سەمىمىي بولمىغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
نامازنى قەستەن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىشى بىلەن شېرىك ۋە كۇفرى ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك ئېتىشتۇر»- مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
«بىز بىلەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر. كىمكى نامازنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ چوقۇم كاپىر بولىدۇ»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
شەقىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى نامازدىن باشقا بىرەر ئەمەلنىڭ تەرك ئېتىلىشىنى كۇفرىلىق، دەپ قارىمايتتى»- تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
ئاللاھ تەئالا، ئىمان ئېيتىش بىلەن كاپىر بولۇشنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىغانلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى ئاللاھ ئەسلا مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئەسلا ھىدايەت قىلمايدۇ»- نىسا سۈرىسى 137- ئايەت.
ئىنشائاللاھ سىزنىڭ كاپىرلىقىڭىز، ئاللاھ ئەسلا مەغپىرەت قىلمايدىغان دەرىجىگە يەتمىگەندۇ، سىز ئاللاھ ئەسلا ھىدايەت قىلمايدىغان دەرىجىگە يەتمىگەنسىز.
«3ـ سۇئال : ھازىر جەمىيىتىمىزدە بىر قىسىم كىشىلەر سودا ياكى باشقا ئىشلار بىلەن باشقا يورتلارغا بارسا، ناۋادا ئوزاقراق تورۇپ قالىدىغان ئىش بولسا نامەھرەمدىن ساقلىنىمىز دەپ ۋاقىتىلىق خوتۇن ئېلىۋالىدىكەن، بونداق قىلىشىنىڭ ھۆكىمى نېمە؟»
ۋاقىتلىق نىكاھ  ھارامغا تۈزۈلگەن بىر كېلىشىمدۇر.
 دىنىمىزدا «مەخپىي نىكاھ» ياكى «ۋاقىتلىق نىكاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر نىكاھ شەكلى يوق. دىنىمىزدا بىرلا نىكاھ شەكلى بار. ئۇ بولسا، ئارىلىرىدا نىكاھ چۈشىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ، نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىيلىرىنىڭ نازارىتى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدا ئۆزئارا رازىلىشىپ قارار بېرىشكەندىن كېيىن، نىكاھنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلاپ، ئاندىن ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان نىكاھىدۇر.
بۇ نىكاھتا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەلچىلەر ئەۋەتىلىدۇ، يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ مەسلەھەتى ئېلىنىدۇ. بۇ نىكاھدىن بۇرۇن قۇدا-باجا نامزاتلىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، ئايالنىڭ ۋەلىيلىرى بۇ نىكاھنىڭ شەرىئەتكە ۋە ئۆرپ-ئادەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كونترول قىلىپ ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن، رەسمىيەتلەر بېجىرىلىدۇ.
 ئاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىرى ئارىسىدا بىر توي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇراسىمىگە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يېقىن-يورۇقلىرى چاقىرىلىدۇ، بۇ مۇراسىمىدە داقا-دۇمباقلار ۋە ناغرا-سۇنايلار چېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پالانى ئاخۇن بىلەن پۇستانى خان نىكاھلىنىپتۇ، دېگەن خەۋەر نىكاھ مۇراسىمىغا ھازىر بولغان، بولمىغان پۈتۈن يۇرت-جامائەتكە ئېلان قىلىنىدۇ. نەتىجىدە بۇ نىكاھتىن يىراق-يېقىن ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار… مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار…»- بەقەرە 2/221.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە، ئەرلەرگە «ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار» دەيدۇ. سۆز ئاياللارغا كەلگەندە «ئۇلارغا تەگمەڭلار» دېمەستىن، ئۇلارنىڭ ۋەلىيلىرىگە خىتاب قىلىپ، «مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزىدىن، مۇئمىن ئاياللارنى ۋەلىيلىرى ياتلىق قىلمىسا، ئۇلار ئۆزلىرى چاغلىشىپ ياتلىق بولالمايدىغانلىقى ئېنىق چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر قانداق ئايال ۋەلىيىسىنىڭ رۇخسىتىسىز نىكاھلانسا، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر، ئۇنىڭ نىكاھى باتىلدۇر» دېگەن سۆزى بۇ مەنانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.- ئەبۇ داۋۇد، نىكاھ، 20؛ تىرمىزى، نىكاھ، 14.
ئاللاھ تەئالا نىسا سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىدە ۋە 24- ئايىتىنىڭ بېشىدا نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، 24- ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ:
«يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن باشقىلىرىنى ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار سىلەرگە ھالال قىلىندى».
بۇ ئايەتتىكى «ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالدا» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەپچىسى «مۇھسىنىينە، غەيرە مۇسافىھىينە» دۇر. بۇ ئىككى سۆز، قىلىنماقچى بولغان نىكاھقا ئىككى شەرت قوشىدۇ. بۇ ئىككى شەرتنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ئىككى كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى ۋە جۈملىدىكى ئورنى ئۈستىدە بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
1- «مۇھسىنىينە»، بۇ سۆزنىڭ سۆز تومۇرى قورغان، ئىستىھكام ۋە قەلئە مەنىسىدىكى «ھىسن» دۇر. بۇ سۆز ئىسمى فائىل (پېئىل ئىگىسىنىڭ نامى) دۇر، بۇ سۆزنىڭ جۈملىدىكى ئورنى ھالى مۇقەددەرەدۇر. يەنى پېئىلنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پائىل تەرىپىدىن قىلىنغان پىلاننى ئىپادىلەيدىغان ھالەت قوشۇمچىسىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، «مۇھسىنىينە» نىڭ ئەسلى مەنىسى «قورغان ئىچىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالەتتە» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز، ئەرلەرنىڭ نىكاھنى ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى نىيەت قىلىشلىرىنى ۋە ئەل جامائەت ئىچىدە ئېلان قىلىشلىرىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى ئەرلەرنىڭ نىكاھ بىلەن ئايالنى «قورغان ئىچىگە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالەتتە» بولۇشى، ئۇلارنىڭ نىكاھ پېئىلىنى قىلغان چاغدا شۇنداق نىيەتتە بولۇشى ۋە بۇ نىيىتىنى رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئېلان قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ سۆزنىڭ قىسقىچە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
ئى نىكاھ پېئىلىنى قىلغۇچى ئەرلەر! نىكاھ پېئىلىنى، نىكاھىڭلارغا ئالغان ئاياللارنى ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەرلىك قورغىنى ئىچىگە ئېلىشنى ۋە ئۇلارنى بۇ قورغان ئىچىدە ساقلاشنى پىلانلىغان، بۇنى يۇرت–جامائەتكە ئېلان قىلغان ھالەتتە قىلىڭلار. مۇشۇنداق قىلساڭلار باشقا ئەرلەر بۇ ئاياللارغا نىكاھلىنىش تەكلىپى قويمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاياللار سىلەرنىڭ مەنىۋى قورغىنىڭلار ئىچىدىدۇر.
2- «غەيرە مۇسافىھىينە»، «مۇسافىھىينە» دېگەن سۆزنىڭ سۆز تومۇرى تۆكمەك ۋە ئېقىتماق مەنىسىدىكى «سەفھ/سۇفۇھ» دۇر. بۇ سۆز مۇفائەلە بابىدىن ئىسمى فائىل (پېئىل ئىگىسىنىڭ نامى) بولۇپ بېشىغا «غەيرە» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بولۇشسىز ئىسمى فائىلغا ئايلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ جۈملىدىكى ئورنىمۇ ھالى مۇقەددەرەدۇر. يەنى پېئىلنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا پائىل تەرىپىدىن قىلىنغان پىلاننى ئىپادىلەيدىغان ھالەت قوشۇمچىسىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن «غەيرە مۇسافىھىينە» نىڭ ئەسلى مەنىسى: «تۆكۈشۈشنى مەقسەت قىلىشمىغان ھالەتتە» دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز، نىكاھتىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بالا-چاقا تېرىشنى ۋە نەۋرە-چەۋرە كۆرۈشنى مەقسەت قىلىشلىرىنى شەرت قىلىدۇ. چۈنكى نىكاھ پېئىلى قىلىنغان چاغدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھتىن «تۆكۈشۈشنى مەقسەت قىلىشمىغان ھالەتتە» بولۇشى، ئۇلارنىڭ بۇ نىكاھدىن ئائىلە قۇرۇپ بالا-چاقا تېرىشنى نىيەت قىلغان ھالەتتە بولۇشلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بۇ سۆزنىڭ قىسقىچە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:
ئى نىكاھ پېئىلىنى قىلغۇچى ئەر-ئاياللار! نىكاھ پېئىلىنى، (مەنىي) تۆكۈشۈشنى يەنى جىنسىي ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇررۇشۇشنى ئەمەس، بەلكىدە ئائىلە قۇرۇشنى، بالا-چاقا تېرىشنى ۋە نەۋرە-چەۋرە كۆرۈشنى پىلانلىغان ھالەتتە قىلىڭلار.
ئەسكەرتىش:
ۋاقىتلىق ياكى مەخپىي قىلىنغان نىكاھ ئىپپەتسىزلىك، ئائىلە قۇرۇپ بالا-چاقا تېرىش مەقسىتى بىلەن قىلىنمىغان نىكاھ زىنا، ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئايەتتىكى «مۇھسىنىينە، غەيرە مۇسافىھىينە» دېگەن ئىككى كەلىمە «ئىپپەتلىك بولغان ۋە زىنادىن ساقلانغان ھالدا» دەو تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇ، بۇ كەلىمىلەرنىڭ مەنا تەرجىمىسىدۇر.
تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ نىكاھنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى شەرتىگە دالالەت قىلىدۇ:
«ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپتىلەر يارىتىپ بەردى، جۈپتىلىرىڭلاردىن سىلەرگە بالىلار ۋە نەۋرىلەر يارىتىپ بەردى، سىلەرگە پاكىز رىزىقلەر بەردى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە نان كورلۇق قىلامدۇ؟»- نەھل 16/72.
«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە، كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مېھىر-شەپقەت ئورناتتى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»- رۇم 30/21.
«4ـ سۇئال: مۇشۇ ۋاقىتلاردا جەمىيىتىمىزدە ئۆزىنى موسۇلمان ھېساپلاپ يۆرگەن بېر قېسىم كېشىلەر 5 ۋاق نامازنى ئوقۇش بىلەن نەشە چېكىشنى بىرگە ئېلىپ بارىدىكەن، ئولارنىڭ دېيىشىچە ، ئاخشىمى نەشە چەكسە ، ئەتىسى يەنە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇۋەرسە بولىۋېرەمىش، مۇشۇنداق قېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟»
بۇلار ئاللاھنىڭ دىنىگە بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇپتۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاخرەتلىكى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇسۇلمانلىقى توغرىسىدا ئويلۇنۇڭ، ئۇنداقلارغا قولىڭىزدىن كەلسە نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ، بولمىسا ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىمۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»- مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.
توخۇنىڭ پوق يېگىنىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، لېكىن مۇنداق يەيدىكەن، دەپ يېيىشكە بولمايدۇ. بۇنى ئۇنتۇماڭ!
ئاللاھ سىزنى ئىسلاھ قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر