مۇسۇلمانلار

پارا بىرىش توغرىمۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

پارا بىرىش توغرىمۇ؟ مەسلەن ئۆي ئېلىم – سېتىم مەكتەپلەرگە كىرىش (دىنى مەكتەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە) ئالىدۇ.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
دىنىمىزدا «باشقىسىنىڭ مېلىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن» مەنسەپدارلارغا بېرىلگەن نەرسە «پارا» ھېسابلىنىدۇ.- (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 188 ـ ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
مەنساپدارالارغا بېرىلگەن نەرسە بۇ شەكىلدە بولسا ئالغۇچى ۋە بەرگۈچى ئوخشاشلا گۇناھكار بولىدۇ.
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىشىنى مەلۇم بىر مەنسەپدارغا بىر نەرسە بەرمەستىن بېجىرەلمىسە، يەنى ئۇ مەنسەپدار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىش قىلدۇرماقچى بولغان كىشىدىن بىر نەرسە ئالماي قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئىش قىلدۇرماقچى بولغان كىشى بۇنداق مەنساپدارغا بىر نەرسە بېرىپ ئىشىنى قىلدۇرسا بولىدۇ.
بۇ تەقدىردە ئۇ مەنسەپدارغا بېرىلگەن نەرسە، ئۇ (ئالغۇچى)  ئۈچۈن ھارامدۇر، بەرگۈچى ئۈچۈن ھارام ئەمەستۇر.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 188 ـ ئايىتى بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدۇ. شۇڭا لۇغەت كىتابلىرىدا رىشۋەت (پارا دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان ئەرەبچە كەلىمە) «باتىلنى ھەق قىلش ئۈچۈن ياكى ھەقنى باتىل قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا:
ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى قانۇنلۇق بىر ئىشىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمىسە ئىش ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلارغا بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ. بۇ، «پارا» ھېسابلانمايدۇ. ئالغۇچى بىر نەرسە ئالمىسىمۇ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنى بىر نەرسە ئېلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ھارام يېگەن بولىدۇ. بەرگۈچى ئامالسىز بەرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر