مۇسۇلمانلار

يەرلىك كولاش بىدئەتمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى تۆۋەندىكى ھەدىس بايان قىلىدۇ:

«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر: ئۇلار سالامىنى ئىلىك ئېلىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ئۆلۈپ قالسا جىنازىسىنى ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا بېرىش، چاقىرسا بېرىش ۋە چۈشكۈرۈپ «ئەلھەمدۇ لىللاھ» دېسە، «ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن» دېيىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

دىققەت قىلسىڭىز بۇ ھەقلەرنىڭ ئىچىدە يەرلىك كولاش يوق.

سىزدە «بىلىم ئانەچەيۇقىرى ئەمەس » ئىكەنلىكى، سىزنىڭ دىنى جەھەتتىمۇ بىلىمىڭىزنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمامدۇ؟ سىزنىڭ بىر نەرسىنى ئاڭلىمىغانلىقىڭىز، ئۇ نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلمايدۇ، شۇنداققۇ!

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ توغرىدا «بىرمۇ ئايەت ياكى ھەدىس كورمى گەنلىكىم ياكى ئاڭلىمىغانلىقىم» ئۈچۈن بۇ ئىش بىدئەت دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز قەتئىي توغرا ئەمەس.

سىز ئۆزىنىڭ ھەققىدە ياكى جەمئىيەتتە ھەر كۈن ئالدىڭىزغا چىقىۋاتقان ھادىسىلەر ھەققىدە بىرەر ئايەت ياكى بىرەر ھەدىس كۆردىڭىزمۇ؟ كۆرمىدىڭىز! ئۇنداقتا سىزمۇ بىدئەتمۇ؟ سىزنىڭ كىيىم ـ كېچەكلىرىڭىزنىڭ پاسونلىرى، يېمەك ـ ئىچمەكلىرىڭىزنىڭ شەكىللىرى ھەققىدىمۇ بىرەر ئايەت ياكى بىرەر ھەدىس يوق.

قۇرئاندا ياكى ھەدىسلەردە «مانتۇنى مۇنداق تۈگۈڭلار، سامسۇنى ئۇنداق پۇشۇرۇڭلار، لەغمەننىڭ قورۇمىسى بۇ شەكىلدە بولسۇن…» دېگەنگە ئوخشاش بىرەر ئىپادە كۆردىڭىزمۇ؟ كۆرمىدىڭىز، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا ئۇلارمۇ بىدئەتمۇ؟

ئەلجاۋاب: ھېچبىرى بىدئەت ئەمەس! بىدئەت دىنى ئىشتا بولىدۇ. دۇنيالىق ئىشتا ئەمەس، يەرلىك كولاشتىمۇ ئەمەس!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر