مۇسۇلمانلار

يولدۇشۇم ئۆيلەنمەكچى ئىدى، مەن قانداق قىلىمەن؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

مەن سىزنىڭ يولدىشىڭىزنىڭ ئەقىلسىزلىكلىرى، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىز ھەققىدە بىر نەرسە دېمەيمەن. چۈنكى مەن تۇرمۇش مەسلەھەتچىسى ئەمەس.

مەن يەنە، تور بېتىمىزدە نىكاھ ۋە تالاق توغرۇلۇق بەك كۆپ پەتىۋا ۋە ماقالە بولغانلىقى ئۈچۈن سوئالىڭىزغا تەپسىلىي جاۋابمۇ بەرمەيمەن. لېكىن سوئالىڭىزغا قىسقىلا جاۋاب بېرىمەن. سوئالىڭىزنىڭ قىسقىچە جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

1 ـ يولدىشىڭىز ئىككىنچى ئايالنى نىكاھىغا ئالغانلىقىنى، توي خېتى ئېلىپ سىياسىي ماقاملارنىڭ ئالدىدا رەسمىيلەشتۈرمىسە، ناغرا ـ سۇناي چېلىپ توي قىلىپ يۇرت ـ جامائەتكە ئېلان قىلمىسا، ئۇ ئايالنى نىكاھىغا ئالغان بولمايدۇ.

يولدىشىڭىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۈچۈن سىز توي خېتىنى ئايرىسىڭىز، يولدىشىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا نىكاھ قالمايدۇ. توي خېتىنى ئايرىش ئەسناسىدىكى «ئۆي تۇتمايمىز، ئەمدى بىز ئايرىلدۇق» دېگەن گەپلەر ئاراڭلاردىكى نىكاھنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئالغان ئاجرىشىش خېتى ئاجراشقانلىقنى، پۈتكۈل يۇرت ـ جامائەتكە ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ.

2 ـ يولدىشىڭىز ئىككىنچى ئايالنى توي خېتى ئالماي ئالسا، ئۇنى ئالمىغان بولىدۇ. چۈنكى يولدىشىڭىز ئىككىنچى ئايالنى سىزنى قانداق ئالغان بولسا ئۇنىمۇ شۇنداق ئېلىشى كېرەك. يەنى يولدىشىڭىز خوتۇن ئالماقچى بولسا، سىلەر ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى ئادەت بويىچە ئېلىشى لازىم.

يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا بىرلا يول بار: ئۇ، ئەگەر سىز بىلەن توي قىلىپ ئۈچ بالىسى بولغاندىن كېيىن يەنى ھازىرقى شارائىتىدا «مەن ئىككىنچى بىر خوتۇن ئالمىسام زادى بولمايدۇ» دېگەن «قەتئىي ئىرادە» سىدىن «ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغان» بولسا، ھەر ئىككى خوتۇنغا رۇخسەت قىلىدىغان بىر دۆلەتكە يۆتكىلىپ بارسۇن، ئۇ يەرگە سىزنى ۋە ئۈچ بالىڭىزنى بىللە ئاپارسۇن. ئاندىن شۇ يەردە تۆتكىچە خوتۇن ئالسۇن.

مەن بۇ يەردە سىزنىڭ يولدىشىڭىزغا ئوخشاش «يولدا قالغان» لارغا شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇيغۇن كۆرۈۋاتىمەن:

بىردىن ئارتۇق تۆتكىچە خوتۇن ئېلىش ئاللاھ تەئالانىڭ بۇيرۇقى ئەمەس، رۇخسىتىدۇر.

يەنى بۇ، ئۇرۇش كۆپ بولۇپ ئەرلەر ئاز قالغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىگە ـ چاقىسىز قالغان ئاياللارنى ھىمايە ئاستىغا ئېلىش ۋە ياكى قولىدىكى ئايالى تۇغماس بولۇپ ياكى كېسەل بولۇپ، ئەرنىڭ ئىككىنچى بىر خوتۇنغا ئېھتىياجى چۈشۈش… قاتارلىق بەزى خۇسىسىي ئەھۋاللاردا رۇخسەت قىلىنىدىغان بىر ئىشتۇر.

بۇنى بەزى مۇسۇلمان قىياپىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي نەپسىنى دەپ، ئۇ رۇخسەتنى ئاللاھنىڭ ئەمرى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ قولىدىكى ئاياللىرىنىڭ ئاللاھغا بولغان ئىمانىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇشلىرى، ئۇلارنىڭ شەيتانلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئۇلارنىڭ: «بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر. بۇنىڭغا قارشى چىقساڭلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىققان بولىسىلەر» دەپ ئۇلارنىڭ سەمىمىي مۇسۇلمانلىقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئىككىنچى بىر ئايالنى ئېلىشى، ئۇلارنىڭ يۈزدە يۈز شەيتان بولۇپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر